يۇقۇمسىز كېسەللىكلەر كەلگۈسى 10 يىلدا 388 مى

 يۇقۇمسىز كېسەللىكلەر كەلگۈسى 10 يىلدا 388 مىليون ئادەمنىڭ جېنىنى ئالىدۇ


   55 دۆلەتتىن كەلگەن ئاممىۋىي سەھىيە مۇتەخەسسىسىنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر ھۆكۈمەتلەر تەدبىر قوللانمىسا كەگۈسى 10 يىلدا يەرشارى بويىچە 388 مىليون كىشى يۈرەك كېسەللىكى، سەكتە ۋە دىئابېت كېسەللىكىگە ئوخشاش يۇقۇمسىز كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا، ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغان كېسەللىكلەر ئۆلۈمنىڭ 60 پىرسەنتىگە سەۋەب بولماقتا، 44 پىرسەنت كىشى بالدۇر ئۆلۈپ كەتمەكتە. بۇ خىل ئۆلۈمنىڭ 80 پىرسەنتى تۇرمۇشى ئوتتۇرا ھال ياكى تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە كۆرۈلمەكتە. بۇ دوكلات 22-نويابىردىكى «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.
   ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتەتى ساغالملىق بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ستىف پرايس مۇنداق دېدى: ھازىرقى باسقۇچتا دۇنيادىكى ھەرقايدى چوڭ سەھىيە تەشكىلاتلىرى ۋە گېيتىس فوندى ئاممىۋىي سەھىيە تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قاراتماقتا، مەسىلەن بەزگەك ۋە ئۆپكە كېسەللىكى دېگەندەك. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۈرەك قانتومۇر كېسەللىكى، ئىككىلەمچى دىئابېت كېسەللىكى، ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكى ھەمدە راك كېسەللىكى قاتارلىقلارغا چىقىرىلىۋاتقان پۇل خامچوتتا ئاران 4 پىرسەنتنى ئىگىلىمەكتە.
   بۇ "يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر"دىن كېلىدىغان زىياننى ئازايتىش ئۈچۈن دوكلاتتا 155 دۆلەتتىكى سەھىيە مۇتەخەسسىسىنىڭ تەكلىپىنى 20 ماددىلىق تەدبىرگە كىرگۈزمەكچى، بۇنىڭدا تاماكىدىن، ئىسپىرت (ھاراق)تىن ۋە ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش، نامراتلىق ۋە شەھەرلىشىش كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان ناچار تەسىرنى ئازايتىش، سەھىيە سىستېمىلىرى بۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىن ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار.
   دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى، كانادا تورونتو مايك روللىن – لورتمان ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى پېتر سىنگ  دۇنيانىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە بىرلىكتە يۈزلىنىشنى چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىر لايىھە يوق، ھەممىمىز ئوخشاش بولمىغان نىشانلاردا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. بۇنىڭغا ئۇزۇن مۇددەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، كۆپ فونتلارنىڭ مەبلەغ ئارقىلىق قوللىشىغا توغرا كېلىدۇ".
   پرايس ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تەدبىر قوللانغان تەقدىردىمۇ 388 مىليون كىشىنىڭ كۆپ قىسمىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2015-يىلىغا بارغاندا، بۇ كىشىلەردىن 36 مىليون كىشى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 657 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01