بوياق (رەڭ )نىڭ كېلىپ چىقىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 بوياق (رەڭ )نىڭ كېلىپ چىقىشى
   بوياق توقۇمىچىلىق ، فار-فۇرچىلىق ، ئەينەكچىلىك، بىناكارلىق ،بەدىئى سەنئەت ۋە تۇرمۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ماتىريال. مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمكى زامانلاردا بوياق ئاساسەن ئۆسۈملۈكلەر، بەزى مېنىراللار ۋە مېتال تۇزلىرىدىن ئېلىنغان ھەم ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىريال سۈپىتىدە شاھ ئوردىلىرى ،بايلار ئارىسىدا ئىشلىتىلگەن . بۇ ھال19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ۋىيلىگىلىم ھېنرى بېچىر ئىسىملىك ئەنگىليىلىك خىمىك تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلانغان.ئۇ ئەسلىدە ھەر خىل كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورا خىنوننى تەتقىق قىلىپ ياسىماقچى بولغان.بېچىر گېرمانىيەلىك مەشھۇر خېمىك ھوفماننىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ھوفمان تاشلاندۇق كوكس مېيىدىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە باش قاتۇرۋېتىپ، توساتتىنلا «كوكس مېيى تەركىپىدىكى ماددىلاردىن پايدىلىپ،خىنون ئىشلەپچىقىرىش مۈمكىن بولماسمۇ؟» دىگەن. بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان بېچىر كوكس مېيى تەركىبىدىكى بىر قىسىم ماددىلارنى تەجرىبە قىلىشقا كىرىشكەن. بىر كۈنى بېچىر كوكس مېيى تەركىبىدىكى  ئانىلىن كالىي خلورات ئارىلاشتۇرۇلغان ئېرىتمىنى ئەينەك ئىستاكانغا قۇيغاندا،ئىستاكاننىڭ ئاستىدا بىنەپشە نۇر كۆرۈنگەن .ئۇ شۇ ئىستاكانغا ئىسپىرت قۇيغاندا ،ھىلىقى نۇرلۇق ماددا ئىسپىرتتا ئېرىپ،ئىنتايىن چىرايلىق بىنەپشە رەڭگە كىرگەن .بۇنى كۆرگەن بېچىر "ئاشۇ بىنەپشە رەڭدىن پايدىلىنىپ باشقا نەرسىلەرنى بوياش مۈمكىن بولارمۇ؟"دەپ ئويلاپ،دەرھال قوي يۇڭى ۋە يىپەك قاتارلىقلارنى بويىغان ،بۇنىڭ نەتجىسى ياخشى بولغان.شۇنىڭ بىلەن بېچىر پاتېنت ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىپ،ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ۋە بۇ رەڭگە "ئاچ بىنەپشە" دەپ نام بەرگەن .بېچىر ئاشۇ بوياقنى كەشپ قىلغاندىن كېيىن ئۇنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقارماقچى بولۇپ،1857-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى سۇنئى رەڭ (بوياق) زاۋۇتىنى قۇرغان ھەم كېچە -كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلەپ، كوكس مېيىدىن ئانىلىن،ناترى سېلىترىستىن نېترات كىسلاتاسى ھاسىل قىلغان. ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى ئۆزى لايىھەلەپ، ئۆزى ياساپ، بىرىنچى تۈركۈم بىنەپشە رەڭ(بوياق)نى ئاخىرى دۇنياغا كەلتۈرگەن. بېچىرنىڭ مۇۋاپىقىيىتى خېمىكلارنى ئىلھاملاندۇرغان . نۇرغۇن ئالىم بۇ سەپكە قېتىلغان .1859-يىلى فرانسىيىلىك باتىن قىزىل رەڭلىك بوياقنى ئىشلەش ئۇسۇلىنى تاپقان. باشقا ھەرخىل رەڭدىكى بوياقلار ، جۈملىدىن ئانىلىن قىزىلى ، ئانىلىن كۆكى، ئانىلىن سېرىقى قاتارلىقلار 1863-يىلىنىڭ ئالدى -كەينىدە كەشپ قىلىنغان . ئۇنىڭدىن كېيىن پىسسار بىلەن برىنمايە ئىككىسى ئانىلىن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلىنى تاپقان. شۇنىڭ بىلەن بوياق ئىشلەپچىقىرىش يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن . بېچىرنىڭ كەشپىياتىدىن باشلاپ ھازىرغىچە قويۇقلىغى ،رېڭى ئوخشىمايدىغان 1000خىلدىن كۆپرەك سۈنئى بوياق كەشپ قىلىنىپ ، دۇنيا خىلمۇ-خىل، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگە پۈركەندى. ئىنسانلار بېچىرنى ئۇنتۇپ قالمىدى، 1906-يىلى ئۇنىڭ ئاچ بىنەپشە رەڭلىك بوياقنى كەشپ قىلغانلىغىنىڭ 50يىللىق خاتىرلىنىپ، ئۇنىڭغا «چەۋەنداز» نامى بېرىلدى. ئامېرىكا ، ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردا ئۇنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.1907-يىلى 14-ئىيۇلدا دۇنيا بوياق ئەتىسى بىچىر ئالەمدىن ئۆتتى .

[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-4-1 19:03:10]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 575 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01