مالايسىيا فىدىراتسىيىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مالايسىيا فىدىراتسىيىسى

    مالايسىيا فىدىراتسىيىسى Federation of Malaya
ئورنى:شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى تەرىپىدىن شەرقىي مالايسىيا ۋە غەربىي مالايسىيا دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈۋېتىلگەن. غەربىي قىسمى ئاساسلىقى مالاي يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە شىمالىي تەرىپى تايلاند بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي قىسمى ساراۋاك ۋە ساباھتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھىندۇنېزىيىنىڭ كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرق ۋە غەرب قىسىمىنىڭ ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 600 كىلومېتىر كېلىدۇ.
يەر مەيدانى: 329مىڭ 750كۋادرات كىلومېتىر.
نوپۇسى: مالايسىيانىڭ 2008-يىلى يىل ئاخىرىدىكى نوپۇسى 25مىليون 274مىڭ. مالايلارنىڭ فىلىپپىنلىكلەر ۋە ھىندۇنېزىيىلىكلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار. مالايسىيادا 30نەچچە مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مالايلار ۋە مالايلاشقان خەنزۇلار %50.5نى، جۇڭگولۇقلار %23.7نى، باشقا يەرلىك مىللەت ۋە قەبىلىلەر 11%نى، ھىندىستانلىقلار %7.1نى، ئەرەب ۋە باشقا كۆچمەنلەر 7.8%نى تەشكىل قىلىدۇ.
   تىلى : باھاسا مالاي تىلى مالايسىيانىڭ ھۆكۈمەت تىلى. ئەنگىلىز تىلى ئالدىن ئوقۇتۇلىدىغان چەتئەل تىلى. يەنە تامىل تىلى ۋە خەنزۇ تىلىمۇ مالايسىيادا ئېتىراپ قىلىنغان مائارىپ تىللىرىنىڭ بىرى. ئۇندىن باشقا ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز تىلىنى قوللانسىمۇ لېكىن قانۇنى ئورنى بېكىتىلمىگەن.
    دىنى: ئىسلام دىنى مالايسىيانىڭ دۆلەت دىنى بولۇپ مالايلار، قىسمەن ھىندىستانلىقلار ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مالايسىيا نوپۇسىنىڭ 61%ى ئىسلام دىنى شافى مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاساسەن خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇددا ۋە داۋجاۋ دىنى مۇرتلىرى19.2%نى، خىرىستانلار9%نى ھىندىلار 6.3%نى تەشكىل قىلىدۇ. پايتەختى: كۇئالالۇمپۇر: ئاھالىسى:1مىليۇن 500مىڭ
    ئاساسلىق شەھەرلىرى: كۇچىڭ، كوتاكىنا بالۇ، پىناڭ شەھىرى قاتارلىقلار. سىياسىي تۈزۈلمىسى: مالايسىيا پادىشاھ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ، غەربى مالايسىيادىكى توققۇز شتاتنىڭ سۇلتانلىرى پادىشاھ (دۆلەت باشلىقى) نى سايلاپ چىقىدۇ. ھازىرقى دۆلەت باشلىقى مىزان زەينىل ئابىدىن ئىبنى ئەلمەرھۇم مۇھەممەد مۇدتەن بىللاھ شاھ. MIZAN ZAINAL ABIDIN Ibni Almarhum Muhamud Mudtan Billahزۇڭلىنى دۆلەت باشلىقى تەيىنلەيدۇ، ھازىرقى زۇڭلى ئابدۇللاھ بەدەۋى بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق فرونتنىڭ رەھبىرى. مىنىستىرلار پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدىن بارلىققا كېلىدۇ.
    مالايسىيا پارلامېنتى كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتادىن تۈزۈلگەن. مالايسىيا ب د ت، ئىسلام ئەللىرى كېڭىشى ۋە ئەنگلىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتتۇر.
    دۆلەت بايرىمى: 8-ئاينىڭ 31-كۈنى (1957-يىلى مۇستەقىل بولغان كۈن). دۆلەت شېئىرى: «ۋەتىنىم».
   ئىقتىسادى: ئاھالىسىنىڭ 13%ى دېھقانچىلىق بىلەنم 36%سانائەت بىلەن، 51%مۇلازىمەت ۋە مەمۇرى كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن گۈرۈچ، كوكۇس، مېۋە-چېۋە، كۆكتات ۋە كاۋچوك دەرىخى قاتارلىقلار بار . سانائىتى قەلەي ۋە نېفىت قازمىچىلىقى ۋە پىششىقلاشنى ئاساس قىلىدۇ.
    مالايسىيانىڭ قەلەي ۋە كاۋچۇك مەھسۇلات مىقدارى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مالايسىيانىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا قول سانائىتى بۇيۇملىرىمۇ دۇنياغا داڭلىق. مالايسىيانىڭ 2008-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 214مىلىيارد دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 15700دوللار توغرا كېلىدۇ. نېفىت ۋە خام ئەشيا باھاسى ئۆسكەنلىكتىن مالايسىيەنىڭ 2000-يىلدىن بۇيانقى يىللىق دارامىتى 6%ئەتراپىدا ئۆسۈۋاتىدۇ. مالايسىيانىڭ پۇلى رىڭگىت بولۇپ، 2002-يىلى 3.8رىڭگىت=بىر دوللار، 2004-يىلى 3.8رىڭگىت بىر دوللار ، 2006-يىلى 3.66رىڭگىت=بىر دوللار بولۇپ كەلدى.
    قىسقىچە تارىخى: مالايسىيالىقلارنىڭ ئەجدادى تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000- يىل ئۆپچۆرىسىدە بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشقان. ئۇلار دېڭىز بويىدىكى رايونلاردا تارقاق ھالەتتە كۆپ ئەسىر تىرىكچىلىك قىلغاندىن كېيىن مىلادى 3- 13- ئەسىرلەردە ھىندۇنېزىيىنىڭ شىرىپوش خاندانلىقى پۈتۈن مالاي يېرىم ئارىلىنى كونترول قىلغان، كېيىن ھاكىمىيەت ھىندىستاننىڭ ماجاپائىت خاندانلىقىغا ئۆتكەن. 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۈللەنگەن مالاككا پورتى ئەرەب سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلغان، كېيىن ئۇلار كۆپلەپ كېلىپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان. مالايسىيا 16- ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. ئەنگلىيە 1886- يىلى پېناڭ ئارىلىنى بېسىۋالغاندىن تارتىىپ تاكى 1957- يىلى مالايسىيا مۇستەقىل بولغانغا قەدەر مالايسىيانى جەمئىي 170يىل مۇستەملىكە قىلدى. 1942-يىلى ياپونىتە مالاي يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلغان، مالايسىياكومپارتىيىسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياپونغا قارشى باتۇرلارچە كۈرەش ئېلىپ بارغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن مالايسىيا يەنە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1942-يىلى 2- ئايدا،«مالايسىيا بىرلەشمە شتاتى»قۇرۇلدى. 1948-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە «جىددىي بۇيرۇق» ئېلان قىلىپ، مالايسىيا كومپارتىيىسىنى باستۇردى.1955-يىلى ئەنگلىيە مالايسىيادا «قىسمەن ئاپتونومىيە»نى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. 1957-يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ، مالايسىيا بىرلەشمە شتاتى مۇستەقىل بولدى. 1963-يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئەنگلىيە، سىنگاپور، ساراۋاك، ساباھ لوندوندا مالايسىيا ئىتتىپاقى قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. 1963- يىلى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى، مالايسىيا ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلدى. بېرۇنىي قاتنىشىشىنى رەت قىلدى. 1965-يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، سىنگاپور چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ،سىنگاپور جۇمھۇرىيىتى قۇردى. 1981- يىلى 6- ئايدا، ماخاتىر مۇھەممەد مالاي مىللىتى بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇزۇن ئۆتمەي باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. مەزكۇر پارتىيە 1986-يىللىق چوڭ سايلامدا يەنە غەلىبە قىلىپ، داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى.
    1989-يىلى 12- ئاي ۋە 1990- يىلى 10- ئايدا، مالايسىيا كومپارتىيىسى ۋە شىمالىي كالىمانتان كومپارتىيىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈرەشنى توختاتتى. 1998- يىلى 9- ئايدا، مالاي مىللىتى بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرىدىن بىرى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەنۋەر قولغا ئېلىنغاندىن مالايسىيادا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلدى. بو قېتىمقى سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە يەنە غەلىبە قىلىپ، مۇھەممەد ماخاتىر داۋاملىق باش مىنىستىر بولدى. 2003يىلىدىن كېيىن ماخاتىر ئۆزىنىڭ ئىز باسارى ئابدۇللا ئەھمەد بەدەۋىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.
    مەدەنىيەت- مائارىپى: مالايسىيا ھۆكۈمىتى مالاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %95 بولۇپ، ھۆكۈمەت 7000 باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ.
   مالايسىيادا 900 ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە مالايسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق يەتتە ئالىي مەكتەپ بار. مالايسىيا ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. مالايسىيادا مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرى ناھايىتى كۆپ، كۇئالالۇمپۇر، مالاككا قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقە ئىزلىرى ساقلانغان. مالايسىيا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا بويىچە بىرۇنىيدىن قالسىلا ئەڭ باي، ئەڭ گۈللەنگەن ۋە تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ ئالاقە-قاتناش ئىشلىرى تەرەققى قىلغان.
    2008-يىلى مالايسىيانىڭ مۇقىم تېلپون ئىشلەتكۈچىسى4مىلىيۇن350مىڭ، يانپون ئىشلەتكۈچىسى23مىلىيۇن464مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى15مىلىيۇن868مىڭ بولغان.

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 20:25:58]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 752 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01