Re: قىزىتمنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاددى ئۇسلۇلى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

قىزىتمنى  بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاددى ئۇسلۇلى   

 

  1ئادەتتىكى ئەھۋالدا بەك يۇقۇرى بولمىغان ،سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قىزىتمىلارغا ئالدىراپ دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇنداق قىلغاندا قىزىتما كەلتۇرۇپ چىقارغان كېسەلىكنىڭ بايقىلىشى، دىئاگنوزنىڭ ئېنىقلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ،كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى كىچىكتۇرۇپ قويمىز.
     2 توۋەندىكىدەك ئەھۋال ئاستىدا دەرھال قىزىتمىنى قايتۇرۇش كېرەك.(1)قىزىتمىسى℃ 40 تىن يۇقۇرى بولغان، بېشى قاتتىق ئاغرىغان، ئەس ھۇشىنى يوقاتقان،تارتىشىپ قالغان ۋاقىتتا دەرھال قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە دورىلىرنى ئىشلىتىش كېرەك. (2)يامان سۇپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى قىزىغاندا، دەرھال قىزىتمىنى قايتۇرمىغاندا كېسەللىك ئەھۋالى داۋاملىق ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.(3)يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى،يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك كېسەللىرى قىزىغاندا،  يۈرەكنىڭ يۇكى ئارتىپ كېتىدۇ. شۇڭا دەرھال قىزىتمىنى قايتۇرۇش كېرەك .
     3 كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ قىزىتما قايتۇرۇش :(1)سوغاق سۇ بىلەن ياكى ئىلمان سۇ بىلەن  بەدەننى سۇرتۇش، (2)ئىسپىرت بىلەن يەنى ئىسپىرتقا چىلانغان داكا بىلەن بۇيۇن، كۆكرەك، قولتۇق ئاستى، قۇلاقنىڭ ئارقا تەرپى، پۇت قول ئالقانلىرىنى سۇرتۇش كېرەك. (3)يۇقارقى ئۇسۇللارنىڭ ئۇنۇمى كۆرۇنەرلىك بولمىغاندا ،قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك .(4)قىزىتما سەۋەبىدىن بەدەندە كۆپ مىقتاردا سۇ ۋە مىنرال ماددىلارنىڭ قورىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش، مايسىز ،ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش كېرەك.(5)قىزىتما زىيادە يۇقۇرى بۇلۇپ، باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى بىللە قۇشۇلۇپ كەلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 564 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01