قىزىتما

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

كۆپ ئۇچۇرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىردىن قىزىتما(FUO )

   كۆپ ئۇچۇرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىردىن قىزىتما(FUO )،ئادەم بەدىنىنىڭ قوغدىنىش خارەكتىرلىك رېئاكسىيىسى بۇلۇپ ،ئادەمنىڭ كېسەل بولغان چاغدىكى پاتلوگىيىلىك ۋە فىزلوگىيىلىك رېئاكسىيىسى. قىزىتمىنى پەيدا قىلدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەر يۇقۇملىنىشتىن ۋە يۇقۇمسىز بۇلۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۇرلۇك بۇلۇپ ،يۇقۇملۇنۇشتىن بولغان قىزىتمىنى ئاساسلىغى باكتىيە، ۋىرۇس كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.كىيىكىسىنى بولسا ئىسسىق ئۆتۇش،چوڭ دائىرلىك كۆيۈك،دورا رىئاكسىيىسى كەلتۇرۇپ چىقىدۇ.يۇقۇرى قىزىتما ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قىزىتمىدىن باشقىلىرىدا قىزىتما قايتۇرۇش چارىسىنى ئالدىراپ قوللۇنۇشقا بولمايدۇ. ئالدى بىلەن قىزىتمىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش،قىزىش ۋاختى، تىپى،دەرىجىسى ۋە  قىزىتما بىلەن بىللە كەلگەن باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرگە بىرلەشتۇرۇپ دىئاگنوز قۇيۇش، ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر قوللۇنۇش كېرەك.
    كۆپ ئۇچىرايدىغان قىزىتما كېسەللىكلىرى توۋەندىكىدەك: 

  (1)قىزىتمىغا يۇتقۇنچاق ئاغرىش،بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر قۇشۇلۇپ كەلسە ، يۇقۇرى نەپەس يولى يۇقۇملانغان، تارقىلىشچان زۇكام تەككەن، ياكى بادامسىمان بەز ئۆتكۇر يۇقۇملانغان بۇلۇشى مۇمكىن.

   (2) قىزىتمىغا يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۇش، كۆكرەك ئاغرىش، نەپەش سىقىلىش ئالامەتلىرى قۇشۇلۇپ كەلسە، ئۆپكە ياللۇغى،ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى، ئۆپكە سىلى، ياكى كۆكرەك پەردە ياللۇغى بولغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   (3) قىزىتمىغا تىترەش قۇشۇلۇپ كەلسە، بۇ ئۆپكە شارچە باكتىريە مەنبەلىك ئۆپكە ياللۇغى، ئۆتكۇر بورەك جامى ياللۇغى، تارقىلىشچان مېڭە-يۇلۇن پەردە ياللۇغى بۇلۇشى مۇمكىن.

   (4) قىزىتمىغا قورساق ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش قۇشۇلۇپ كەلسە، ئۆتكۇر ئاشقازان ياللۇغى، ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆت كانىلى ياللۇغى بولغان بۇلۇشى مۇمكىن.

  (5)قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقۇرى قىسمى ئاغرىش ، ئىشتىھاسىزلىق ياكى سېرىغلىق ئالامەتلىرى قۇشۇلۇپ كەلسە ،ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى ياكى ئۆت خالتا ياللۇغىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   (6)قىزىتمىغا قورساقنىڭ ئاستىنقى قىسمى ئاغرىش،ئىچى سۇرۇش، قورساقنىڭ توۋەن تەرپى چىڭقىلىش، يىرىڭلىق ۋە قانلىق تەرەت قۇشۇلۇپ كەلسە، بۇ باكتىريەلىك تولغاقتىن دېرەك بېرىدۇ.

    (7)قىزىتمىغا يۈرەك سېلىش، نەپەس سىقىلىش، يۈرەك ئالدى رايۇنى ئاغرىپ كەلسە، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، يۈرەك قېپى ياللۇغى، ئۆتكۇر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن  دېرەك  بېرىدۇ.

    (8)قىزىتمىغا بۇغۇملار ئاغرىپ ، ئىششىش قۇشۇلۇپ كەلسە، بۇ رېماتىزىم قىزىتمىسى،

    (9)قىزىتمىغا تېرە ئاستى شىللىق پەردە قاناش قۇشۇلۇپ كەلسە، ئۆتكۇر ئاق  قان كېسىلى بۇلۇشى مۇمكىن.

   (10)قىزىتمىغا بەل ئاغرىش، كۆپ سىيىش،كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كىلىش، كىچىك تەرەتنىڭ رەڭگى ئۆزگۇرۇش قاتارلىقلار قۇشۇلۇپ كەلسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ياكى بۆرەك سىلى بۇلۇشى مۇمكىن.

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 21:08:52]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 388 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01