ئېۋكىلىد (م ب 4-ئەسىر) يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ 14-سى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ 14-سى ئېۋكىلىد


     2000يىلدىن بۇيان يادلىنىپ كەلگەن، دۇنيادىكى مەشھۇر تۇنجى تەبىئى پەن ئالىمى- ئېۋكىلىد دۇنياغا ئۇزۇن ۋە ئىزچىل تەسىر كۆرسەتكەن شۆھرىتى بىلەن «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» قاتارىدا 14-ئورۇنغا تىزىلدى. 

   گەرچە ئېۋكىلد دۇنياغا شۇنچىلا مەشھۇر ، ئۇنىڭ يازغان داڭلىق ئەسىرى«گىئومېتىرىيە ئاساسلىرى» دېگەن كىتاب قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىن تارتىپ ئەرەب ئىمپېرىيىسىدىكى ئىلىم پەننىڭ گۈللەنگەن دەۋرى ۋە ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ ئويغىنىشىدىن بۈگۈنگە قەدەر بولغان نەچچە مىڭ يىللىق تارىختا ئۈزۈلۈپ قالماي گاھ ئۇ مىللەت، گاھ بۇ مىللەتنىڭ قولىدا ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دەرسلىك قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ بىز ئېۋكىلىدنىڭ ھاياتىدىن ئۇنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 300-يىللاردا مىسىردىكى ئىسكەندىرىيە شەھرىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ شۇ بىر پارچە كىتاپ يازغانلىقىدىن باشقا ھىچنىمىنى بىلمەيمىز. كىتاپ قەدىمقى يۇنان تىلىدا يېزىلغانلىقتىن بىز ئۇنى قەدىمقى يۇنانغا تەۋە شەخس دەپ قارايمىز.

    «گىئومېتىرىيە ئاساسلىرى»دا ئېۋكىلىد ئادەتتىن تاشقىرى ھۆكۈم قىلىش كۈچى ۋە كۈزىتىش ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا ئاكسىئوما ۋە توغرا قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېئورېمىلارنى رەتلەپ چىققان، ئاندىن ھەر بىر تېئورمىنى مەنتىقىلىق ھالدا باشقا تىئورمىلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، تولۇقلاپ ماڭغان بولۇپ ئالگېبىرا، پىلانمېتىريىيە ۋە سىتىرئونومېتىرىيەنىڭ ئاساسى تەرەققىياتى ۋە سانلار نەزەرىيىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن. كىتاپتا بايان قىلىنغانلىرى گەرچە باشلانغۇچ مەلۇماتىدىكى نەرسىلەر بولسىمۇ ئۇ ئىنسانلارنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىنكى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن كىتاب بولۇپ، بىر مۇ خاتالىق بولمىغاچقا  2000يىلدىن بۇيان شەرق ۋە غەرپتە(پەقەت جۇڭگولا بۇنىڭدىن مۇستەسنا) ئەرەب، پارس، ھىندى، تۈركى، رۇم، لاتىن، ئەنگىلىز، گېرمان، شىۋىت، رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ قوللىنىپ كېلىندى. 

    ئېۋكىلىدنىڭ كىتابى لوگىكىلىق بايان بىلەن تەبىئى پەن قانۇنىيەتلىرىنى تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش جەھەتتە دۇنيادىەكى لوگىكىغا ئائىت ئەڭ دەسلەپكى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەسەر. ئېۋكىلىد ئېينىشتېيىندىن باشلىنىدىغان يېڭى ئىلىم پەننىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئاسالىق شەخس بولۇپ قالدى. شۇنداقلا ئىلىم پەننىڭ ھەرگىزمۇ كۈزىتىش خاتىرىسى ياكى ئۇدۇل كەلگەندە كۆرىۋالسا بولىدىغان قائىدىلەرنى يىغىپ قويۇش ئەمەس بەلكى تەجرىبە توپلاش، تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق توغرا ئانالىز قىلىش ۋە ئەقلى ھۆكۈم چىقىرىشقا ئادەتلىنىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بەردى.

    بۈگۈنكى زامانىۋى ئىلىم پەننىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقتىكى جۇڭگو-ياپونىيە ياكى يۈز يىللاپ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىسلام ئەللىرىدە ئەمەس بەلكى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا  نىيۇتون، گالىلى، كوپىرنېك، كىپلېردەك ئالىملارنىڭ ياۋروپادا بارلىققا كېلىشىنى يۇنانلىقلاردىن قالغان ئىدراكىزىم ۋە ماتىماتىكا بىلىملىرىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز. گەرچە ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە يۇناننىڭ ئەسەرلىرى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەتتا مەدرىسلەردە ئوقۇتۇلغان، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ نۇرغۇن يېڭى بايقاش ۋە بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ لېكىن ئوتتۇرا ئەسىردە جەننەتكە كىرىشكە پايدىسى يوق ئىلىم دەپ قارىلىپ تاشلىۋېتىلگەن. مۇسا خارەزمى، بىرۇنىدەك ئالىملارنىڭ ئەمگەك سەمەرىسى ئىزچىللاشمىغان.  نىيۇتون بولسا ئېۋكىلىدنىڭ تەسىرى ۋ ئۇسلۇبى بىلەن «ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپلار» نى يېزىپ ئېۋكىلىدنىڭ ھەممە ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ ئۇستازى ۋە ئۈلگىسى ئىكەنلىكىگە ئىسپات قالدۇرغان.

    ئېينىشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن كىشىلەر ئېۋكىلىد گىئومېتىرىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن ئىكەنلىكىنى، يەنە باشقا غەيرى گىئومېتىرىيە پىرىنسىپلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى، بەزى چاغلاردا ئېۋكىلىد نەزەرىيىلىرىنىڭ ئالەمنىڭ ئەھۋالىنى توغرا تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.  بىراق بۇ پەۋقۇلاددە ئەھۋال. ئېۋكىلىدنىڭ گېئومېتىرىيىسى يەنىلا رىيال دۇنيادىكى يەكۈنگە ئۇيغۇن بولغاچقا ھازىرمۇ مەكتەپلەردە قوللىنىلىپ كېلىنمەكتە.


[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 21:03:39]

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 454 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-06