ھىندىستاننىڭ بايرىقى ۋە دۆلەت گىرىبى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ھىندىستاننىڭ بايرىقى ۋە دۆلەت گىرىبى

   گانگ دەريا ساھىلىدىكى ھىندىستان دۇنيا بويىچە تۆت چوڭ قەدىمكى مەدىنىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇ بۇددا دىنىنىڭ بۆشۈگى، ساكيامۇنىنىڭ يۇرتى بولۇپ، ئاجايىپ خىسلەتلىك ماكاندۇر. ھىندىستانلىقلار پەخىرلەنگەن ھالدابۇ تارىخنى 24سىملىق كۆك «دارماساكرا»بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىغىغا خاتىرلىۋالغان. بۇ«دارماساكرا»ھىندىستاننىڭ قەدىمقى ماتخۇرا خاندانلىقىنىڭ تازا گۈللەنگەن ئاسوكاخان دەۋرىدە بۇددا دىنىدا مۇقەددەس بىلىدىغان تۈۋرۈكسىمان تاش ئۈستىدىكى شىرنىڭ باش سۈرىتىدۇر. ئۇ ئۈنسىز تىل ئارقىلىق قەدىمكى ھىندىستاننىڭ گۈللەنگەنلىگى ۋە روناق تاپقانلىغىنى بايان قىلىپ،ھىندىستانلىقلارنىڭ ئىلگىركى كۈنلىرىگە بولغان ئەسلىمىسى بېغىشلانغان. ئاسوكاخاننىڭ «دارماساكرا»مۇقەددەس چاق بولۇپ ، ھەم ھەقىقەت ۋە ئەخلاقنىڭ  سىمۋولى بولغان ، ھەم ھىندىستانلىقنىڭ ھەركىتىنىڭ  تىنچلىق ۋە ئېنىرگىيە كۈچىدىن ئايلانغانلىغىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستانلىقلار يەنە ئۆزلىرى ياختۇرىدىغان قىزىل ،ئاق ۋە يېشىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭنى چەكسىز مۆجىزىلىك كۈچ« دارماساكرا»بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،ئۆزئارا نۇر چاقناتتۇرغان. قىزىل رەڭ خالىس، تەلەپچان، پىداكار ۋە ئۆ-ئۆزىنى قۇربان قىلىشتەك گۈزەل ئەخلاقنىڭ سىمۋولى ،ئاق رەڭ نۇر ۋە ھەقىقەتنىڭ سىمۋولى بولغان. يېشىل رەڭ ھىندىستانلىقلارنىڭ يەر بىلەن بىرلەشكەنلىگىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئىنسانلار بېقىنىپ تۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بىلدۈرگەن. قەدىمقى «دارماساكرا» نىڭ ئۈچ خىل رەڭ بىلەن بەدىئى ھالدا بىرلىشىشى ھىندىستان دۆلەت بايرىقىنى شەرقىنىڭ قەدىمكى زامان  سەمىمى پەلسەپىۋى مەنىسىگە ئىگە قىلغان.
  ھىندىستاننىڭ بايرىقى: 
     

   ئاسوكاخان بۇددا دىنى قائىدىسىگە ئاساسەن ئۆز خەلقىگە قاتتىق ئەخلاقىي قائىدە تۈزۈپ چىققان . ئەمرىمەرۇپنى چىڭىتىپ، جامائەتكە ئېلان قىلىش ۋە ئەبەدىلئەبەت ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاسوكاخان پەرمان چىقىرىپ پەرمان ۋە ئەمرىمەرۇپنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىر باشلىق تۈۋرۈكسىمان تاشقا ئويدۇرغان . بىر-بىرىگە ئارقىسىنى قىلىپ تىك تۇرغان ھەيۋەتلىك شىر باشلىق تاش تۈۋرىكىگە قەدىمكى ھىندىستاننىڭ قۇدرەتلىكى يېزىلغان، ھازىر ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرىگە ئايلانغان. 1950يىلى ھىندىستان خەلقى ھىندىستاننىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە مەدىنيىتىنى جەۋلان قىلىش يۈزىسىدىن ،بۇ قەدىمقى شىرنىڭ سۈرىتىنى دۆلەت گېربى قىلغان. 
  ھىندىستاننىڭ دۆلەت گىرىبى: 
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 502 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01