ھىندىستان

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى

    ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى Republic of India
    پايتەختى: يېڭى دېھلى ئاھالىسى 15مىليۇن
    زېمىنى: جەنۇبى ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيانىڭ تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان بولۇپ پاكىستان، جۇڭگو، نېپال، بۇتان ۋە بېنگال، بېرمىلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ، دېڭىزدا سىرىلانكا بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.  ئومۇمىي يەر مەيدانى 3مىلىيۇن 287مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق زىمىنى 2مىلىيۇن973مىڭ كۋادرات كم.
   نوپۇسى: 1641مىلىيارد 129مىليون 866 مىڭ (2007-يىل7-ئاي). ھىندىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ ئاھالىلەر ئاساسەن ھەر قايسى شىتاتلار بويىچە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ھىندىستان نوپۇسىدا ھىندى-ئوردۇلار28% ، بېنگاللار 12%، قاتارلىق ئاق-تەنلىك ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەر 80%نى، تامىللار8%، تېلۇگۇلار10%، مالايالاملار3%، ھىندىلار2%، براخۇيلار1%قاتارلىق قوڭۇر تەنلىك دىراۋىد تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر25%نى، موڭغۇل ۋە جەنۇبى ئاسىيا ئىرقىدىكى سېرىق تەنلىكلەر3%نى ئىگەللەيدۇ. ھىندىستاننىڭ  ھۆكۈمەت تىلى- ئەنگىلىز تىلى، ھەر قايسى شىتاتلار ئۆزىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن يەنە ھەر قايسى شىتاتلاردىكى بېنگال، تېلۇگۇ، ماراتى، تامىل، ئۇردۇ، گۇجارات، مالايالام، كاننادا، ئورىيا، پۇنجابى، ئاسسام، كەشمىر، سىندى، سانسكرىت قاتارلىق 14 ئاساسلىق تىل دۆلەت تىلى ئورنىدا بەلگىلىگەن.
     دىنى:  ھىندىستاندا  ھىندىلار 81%، سۈننى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار11%، شىئەلەر 3%، خىرىستانلار2.3% ،شىكلار2%نى، بۇددىستلار 0.8%نى، جىنا مۇخلىسلىرى0.4%نى ئىگەللەيدۇ. ھەر قايسى شىتاتلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مەكتەپلەردە دىنى دەرسلىك تەسىس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باشقا ھەممە شىتاتتا دىگۈدەك ھىندى دىنى دۆلەت دىنى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ كەلگەن. ئەمما جام ۋە كەشمىردە ئىسلام دىنى، مىزولام، ناگالاند، مىگالايا قاتارلىق ئۈچ شىتاتتا پىروتىستانت دىنى ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.
   دۆلەت بايرىمى :  ئەنگىلىيەدىن مۇستەقىل بولغان كۈن(1950-يىلى) 1-ئاينىڭ26-كۈنى
   قىسقىچە تارىخى: قەدىمقى ھىندىستان ھازىرقى پاكىستان، بېنگال ۋە ھىندىستان ئۈچ دۆلەتنى كۆرسىتەتتى. ھىندىستان دۇنيادىكى قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئەلنىڭ بىرى بولۇپ ئەسلىدىكى ئاھالىسى قوڭۇر تەنلىك دىراۋىدلار ۋە سېرىق تەنلىك جەنۇبى ئاسىيالىقلار ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2500-يىللىرى ئەتراپىدا ئىران ئىگىزلىكىدىن كەلگەن ئاق تەنلىكلەر ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرۇپ ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم زىمىنىنى بويسۇندۇرغان بۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئاق تەنلىك ئارىيانلار قوشۇلۇپ يېڭى بىر مىللەر ھىندى-ئارىيانلار شەكىللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 20-ئەسىردە كىرىشنا بىراھما دىنىنى كەشىپ قىلىپ ھىندىستاندا تەبىقىچىلىك تۈزۈمىنى باشلاپ بەرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى بەشىنچى ئەسىردە بەلۇجىستان ۋە پاشتۇ رايونى ئىران ئاچەمەند ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۈچىنچى ئەسىردە دۆلەتنىڭ غەربى قىسمى ئالىكىساندىر ماكىدونىسكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. كېيىن ئۇزۇن مەزگىللىك پارچىلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ مىلادى 3-ئەسىردە پادىشاھ ئاسوكا تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ۋە بۇددا دىنى ئۇمۇملاشتۇرۇلغان. پادىشاھ ئاسۇكادىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىللىق پارچىلىنىش دەۋرىدە بىراھما دىنى بۇددا دىنىنىڭ نۇرغۇن تەلىماتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋېلىپ ھىندى دىنى بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. مىلادى7-ئەسىردە ئەرەب ئىمپىرىيىسى ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى سىندى، مالايالام قاتارلىق جايلارنىڭ كىچىك بىر قىسمىنى بويسۇندۇرۇپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان.
   مىلادى10-ئەسىرگە كەلگەندە دۆلەتنىڭ غەربى قىسمىدىكى ھازىر پاكىستانغا ئايلانغان بىر قىسىم زىمىنى ۋە شىمالى شىتات ئەتراپى زىمىنى تۇنجى قېتىم غەزنەۋىلەر ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ ئىسلام دىنى ئۇمۇملاشتۇرۇلغان. غەزنەۋىلەردىن كېيىن يەنە بىر قېتىم پارچىلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ بابۇرخان زامانىغا كەلگەندە ئاندىن موغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىغا ئايلانغان. 1757-يىلى ئەنگىلىيىلىكلەر كاراچى ئەتراپىدا بىر پورت قۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەندىن باشلاپ تەدرىجى ئىچكىرىلەپ كىرىپ 1857-يىلىغا كەلگەندە پۈتكۈل ھىندىستان ئاساسەن ئەنگىلىيەنىڭ يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1858-يىلى ئەنگىلىيە رەسمى تۈردە ھىندىستانغا  ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغان.
    1947-يىلى ئەنگىلىيە مۇسۇلمانلارنى ھىندىلاردىن ئايرىپ باشقۇرۇش  لايىھىسىنى يولغا قويۇپ ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان غەرپتىكى پەنجاپ، پۇشتۇ، سىندى، بەلۇجىستان تۆت ئۆلكە بىلەن شەرقتىكى بېنگال ئۆلكىسىنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بىر قىسمىنى قوشۇپ ئەنگىلىيەگە قاراشلىق پاكىستان مۇستەملىكىسىنى تەسىس قىلغان. ھىندىستان پارچىلانغان. شۇ يىلى تەخمىنەن 8مىلىيۇن ھىندى مۇرتلىرى پاكىستان ۋە بېنگالدىن ھىندىستانغا كۆچۈپ كىرگەن، ھىندىستاندىن پاكىستانغا يەنە 8مىلىيۇندىن كۆپرەك مۇسۇلمان كۆچۈپ بارغان. 1951-يىلى ھىندىستان ھىندى تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىش قانۇنىنى ماقۇللىغاندا جەنۇپ ۋە شەرقتىكى ھىندى تىلى قوللانمايدىغان مىللەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئەنگىلىز تىلىنى داۋاملىق ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ قالدۇرۇپ قويغان.
   ئىقتىساد: ھىندىستان دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان زور كۈچ بىلەن مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ ئاھالىنىڭ ساۋاتلىق بولۇش نىسبىتىنى 60%گە يەتكۈزدى. 90-يىللاردىن كېيىنكى يۇقىرى تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەركىتى نەتىجىسىدە نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئامېرىكىدىنلا قالسا يۇمشاق دېتال ئىكىسپورتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتكە ئايلاندى. ھىندىستان 90-يىلللاردىن ئىلگىرى سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى ئورنىتىپ كەلگەن ئىدى، ئەمدى بولسا ئامېرىكىنىڭ زور مىقداردىكى پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى ياردىمىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. ھىندىستان ئىقتىسادىدا باي-كەمبەغەللىك پەرقى بىر قەدەر روشەن بولۇپ ئاھالىنىڭ 60% يېزا ئىگىلىك بىلەن، 12% سانائەت بىلەن، 28% مەمۇرى مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىدە يېزا ئىگىلىك كىرىمى 17%، كانچىلىق ۋە سانائەت كىرىمى 28%، ساياھەت-سودا كەسپىدىن قىلىنغان مۇلازىمەت كىرىمى 55% نى ئىگەللەيدۇ.  ھىندىستاننىڭ 2006-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 805مىليارت 500مىلىيۇن دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3مىڭ800دوللار. تېخنىكىلىق ئەرزان ئەمگەك كۈچى  ئارقىلىق ئۈنۈملۈك جەلپ قىلىنغان چەتئەل مەبلىغى نەتىجىسىدە، 1996-يىلدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى9% بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
   ھىندىستاننىڭ پۇلى رۇپىيە. 2002-يىلى 48.61رۇپىيە=بىر دوللار، 2004-يىلى 45.317رۇپىيە =بىر دوللار، 2006-يىلى45.3رۇپىيە =بىر دوللار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
     ھىندىستاننىڭ 2007-يىلىدىكى مۇقىم تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى50مىلىيۇن، كۆچمە تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى 169مىلىيۇن700مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 71مىلىيۇن بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 758 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01