قەدىمقى مىسوپاتامىيە مەدەنىيىتى(م ب 300-يىل

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   قەدىمقى مىسوپاتامىيە مەدەنىيىتى
(م ب 300-يىل)

    مىسوپاتامىيە - قەدىمقى مىسىر، قەدىمقى يۇنان، قەدىمقى ھىندىستان، قەدىمقى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى بەش قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئەلنىڭ بىرى بولۇپ قەدىمقى يۇنان تىلىدا «ئىككى دەريا ۋادىسى» دىگەن مەنىدە كېلىپ دەجلە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدىكى مۇنبەت زىمىننى كۆرسەتكەن. مىسوپاتامىيەنىڭ شىمالى قىسمى ئاسۇرىيە جەنۇبى قىسمى بابىلون دەپ ئاتالغان.
    بابىلونمۇ يەنە ئىككىگە بۆلۈنۈپ شىمالى قىسمى ئاككاد، جەنۇبى قىسمى سۇمىر دەپ ئاتالغان. سۇمىرغا كېينىكى يىللاردا بىر بۆلۈك ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ كۆچۈپ كېلىپ كۆپ ساننى ئىگەلەپ ياشىغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا سۇرىيان. ئاكاد ۋە بابىلونلۇقلارنىڭ ھەممىسى ئەجدادلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن كەلگەن ھام-سام تىل سېستىمىسىدكى مىللەتلەر ئىدى.
    سۇمىرلار مىلادىدىن ئىلگىركى 4000-يىللىرىلا ئىلگىر -ئاخىر بولۇپ ھازىرقى مىسوپوتامىيە رايونىدا مىس ئېرىتىش ۋە باشقا قول ھۈنەرۋەنچىلىكى تەرققى قىلىپ بازارلار بارلىققا كەلگەن ۋە لاگاش، ئۇر(Ur)، ئۇرۇك(ياكى ئۇلۇقUruk,) ، لارسا(Larsa) ، شىپار(shipar)، كىش(kish) قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى قۇرۇلغان. بۇ شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ پادىشالىرى ئېن(En)، لوگال(Logal) دەپ ئاتالغان. پادىشالار ئەسلىدىكى دىنى ئىبادەتخانىلارنىڭ مويسىپىتلىرىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ ئۇنىڭ ھوقۇقى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ تىزگىنلىشىدە بولغان. بەزىدە ھەتتا خەلىق يىغىنى چاقىرىلىپ ئاقساقاللار كېڭىشىنى قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغان. ئەمما پادىشاھلىق يەنىلا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالىدۇرۇلغان. مىسوپاتامىيە دۆلەتلىرىدە پۇقرالار تۆت تەبىقىگە ئايرىلغان بولۇپ ،بىرىنچىسى قولدار ئاقسۆڭەكلەر.ئىككىنچىسى تېرىلغۇ يەرلىرى بولغان ئەركىن دىھقانلار، ئۇچىنچىسى پومىشچىكلارغا ئىشلەپ بېرىدىغان يانچى دىھقانلار، تۆتىنچى تەبىقە بولسا ئەڭ تۆۋەن تەبىقە ھىساپلانغان قۇللار ئىدى.
  مىلادىدىن بۇرۇنقى 2550-يىلى پادىشا ئىنناتۇم (Ennatum) مەلۇم بىر قېتىملىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۇچۇن ئىگىزلىكى 18مىتىر،كەڭلىكى 13مىتىر كىلىدىغان دۇنيادا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى ئابىدە مۇنارنى تىكلەيدۇ. بۇ مۇنارنىڭ قالدۇق خارابىسى ھازىرغىچە ساقلانماقتا.
  مىلادىدىن بۇرۇنقى 2378 ـــ 2371-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان پادىشا Uruk’agina دۆلەتتە كەڭ كۇلەملىك ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ « پۇقرالارغا ئەركىنلىك بېرىش» دىگەن ئىدىيىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. «ئەركىنلىك»(سۇمىر تىلىدا Amargi) دىگەن بۇ ئىبارە ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قىتىم يازما مەنبەدە كۆرۇلىدۇ.
  مىلادىدىن بۇرۇنقى 2371-يىلى كىش دۆلىتى (سۇمىر شەھەر دۆلىتى) نىڭ ۋەزىرى سارگون (Sargon) پادىشا ئۇر زابابا (Urzababa) نى ئاغدۇرۇپ قەدىمقى ئاكادىيان دۆلىتىنى قۇرۇپ 5400كىشىلىك مۇقىم ئارمىيە، ئۆلچەم بىرلىكى، پۇل قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. سارگون مىلادىدىن بۇرۇنقى 2350-يىللىرى پۇتكۇل سۇمىر شەھەر دۆلەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ ئاكادىيان ئىمپىرىيىسى(Akkadian Empire) نى تىكلىگەن.
  مىلادىدىن بۇرۇنقى 2230-يىلى ئاككادىيان ئىمپىرىيىسى ئاغدۇرىلىدۇ. سۇمىرلارنىڭ يەنە بىر كۇچلۇك شەھەر دۆلىتى بولغان ئۇر(Ur)نىڭ پادىشاھى ئۇرنام(Urnam) ئۇر 3-سولالىسىنى قۇرىدۇ. ئۇرنام دىھقانچىلىق،سودا،قاتناش ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرىدۇ، ۋە دۇنيادا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى يازما قانۇن كودىكسىيىسى «ئۇرنام قانۇنى» نى تۇزۇپ ئېلان قىلىدۇ.
  مىلادىدىن بۇرۇنقى 2004-يىلى ئۇر 3ـ سولالىسى ئېلەملەر(Elam) تەرىپىدىن ئاغدۇرىلىدۇ. ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ ئەڭ مۇنبەت ۋە ئىككى دەيانىڭ ئەڭ يېقىن يېرىدە قۇرۇلغان شەھەر دۆلىتى بابىلون كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ زىمىنىنى كېڭەيتىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 18-ئەسىردە بابىلون پادىشاھى ھامۇراپى ئاكاد ۋە سومىر رايونىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى يازما قانۇن «ھامۇراپى قانۇنى» مانا مۇشۇ دەۋردە بارلىققا كېلىدۇ.
    بابىلون دەۋرى ئۇزۇنغا بارمىغان ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 16-ئەسىردە قەدىمقى بابىلون شىمالدىن كەلگەن ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىشىغا تەۋە ھىتىتلار تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پېرسىيە تاغلىرىدا ياشايدىغان چارۋىچى مىللەت كاسسىتلار بابىلوننى بېسىۋالىدۇ. كاسسىتلار مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان مىللەت بولغاچقا بابىلونىيە مەدەنىيىتى كاسسىتلارنىڭ 300يىلدىن ئاتۇق ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا ۋەيران بولۇپ، بابىلون مەدەنىيىتى ئاسۇرىيە ئارقىلىق يۇنانغا تارقايدۇ.
  سۇمىرلارنىڭ پەلەمپەي شەكىللىك ئىبادەتخانا(Temple) سېلىش ئادىتى بولۇپ ، مىسوپوتامىيە رايونىغا كەلگەندىن تارتىپلا بۇنداق ئىبادەتخانىلارنى سېلېشنى باشلىغان.سۇمىر مەدىنىيىتىنىڭ كىيىنكى مەزگىلىگە كەلگەندە بۇ خىل پەشتاقسىمان ئىبادەتخانىلار غايەت زور يوغىناپ ۋە ئىگىزلەپ دۇنياغا داڭلىق يەنە بىر مۆجىزە« Ziggurat» (كىيىنكىلەر بابىل مۇنارى دەپ ئاتىغان) نى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن. بەزى ئالىملار كىيىنكى مىسىر پىرامىدالىرى ۋە يوناننىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسىنى سۇمىرلاردىن قۇبۇل قىلغان دەپ قارايدۇ.
  سۇمىرلار ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپ يېزىق ئىجاد قىلىپ مەدىنىيەت دەۋرىگە كىرگەن خەلقتۇر. سۇمىرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يېزىقى رەسىم شەكىللىك بەلگىلەرنى ئاساس قىلغان يېزىق بولۇپ كۆپىنچە لايدىن ياسالغان كېسەكلەرگە ئۇيۇلغان. كىيىنچە يېزىشقا قولايلىق بولۇش ئۇچۇن مىخ شەكلىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان ھالەتكە كەلگەن ۋە تەدرىجى ھەرپلىك يېزىققا ئايلانغان. بۇ يېزىق تارىختا مىخ يېزىق دەپ ئاتالغان.بۇ مىخ شەكىللىك بەلگىلەر ئەڭ كۆپەيگەن ۋاقتلىرىدا 600دىن ئېشىپ كەتكەن. سۇمىرلار ئىجاد قىلغان يېزىق كىيىن مەلۇم ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىشلاردىن ئۆتكەندىن كىيىن مىسىر ،بابىل،يونان،پارىسلار ئارقىلىق پۇتۇن دۇنياغا تارقىلىپ ھازىرقى ئىشلىنىۋاتقان تۇرلۇك يېزىقلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولۇپ قالغان(خەنزۇ يېزىق سىېستىمىسىدىن باشقا).
  سۇمىرلار ماتىماتىكا،ئاسترونومىيە،كالىندارچىلىق جەھەتلەردىمۇ كىيىنكىلەرگە قىممەتلىك بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. سۇمىرلار 10لىق ساناق سېستىمىسىغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر خىل 60 نى بىرلىك قىلغان ساناق سېستىمىسىنى ئىجاد قىلىغان. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان چەمبەرنىڭ 360گىرادوسقا بۆلۇنىشى ،بىر سائەت60مىنوت،بىر مىنوتنى 60سىكونتقا ئايرىش ئوسۇلى دەل شۇلاردىن كەلگەن. سۇمىرلار بىر كېچە بىلەن بىر كۇندۇزنى ئايرىم ئايرىم ھالدا 12سائەتتىن جەمى 24سائەتكە بۆلگەن. ئۇلار دىھقانچىلىق ۋە كۇندىلىك تۇرمۇشتا تۆت ئەمەلدىن(قوشۇش،ئېلىش،كۆپەيتىش،بۇلۇش) ئۇنۇملۇك پايدىلانغان. كەسىر سانلار ، كۇۋادىرات يىلتىز ۋە كۇپ يىلتىزىنى تېپىش قاتارلىق خېلى مۇرەككەپ ماتىماتىكىلىق تەڭلىمىلەرنى ئىگەللىگەن. سۇمىرلار قوياش كالىندارىنى ئىجاد قىلغان(ھازىرقى مىلادىيە كالىندارىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى) ،بىر يىلنى 12ئايغا بۆلگەن. 6ئاينى 29كۇن،6ئاينى 30كۇندىن قىلىپ بەلگىلىگەن. ئۇلار بىر يىل بىلەن 12ئاي ئوتتۇرسىدا يەنە 11كۇن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان،ھەم كەبىسە ئېيىنى قوشقان.
  ھازىرغا قەدەر سۇمىر مەدىنىيىتىگە دائىر نۇرغۇن يازما يادىكارلىقلار قىزىۋىلىنغان .ئېراقنىڭ نىپور دىگەن يىرىدىن قىزىۋىلىنغان ماددى يادىكارلىقلار ئىچىدە سۇمىرلارنىڭ نۇرغۇن رىۋايەتلەر توپلىمى تېپىلغان.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى. ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى،كەلكۇن ئاپىتى قاتارلىق نۇرغۇن رىۋايەتلەر بولۇپ ،ئالىملار بۇ رىۋايەتلەرنى تەۋرات ، ئىنجىل ۋە قۇرئانلاردىكى مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقى شەكلى دەپ قارايدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 401 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01