تاجىكلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

تاجىكلار

        تاجىكلار ئاففانىستان بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ( ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى تاجىكلار ئەمەلىيەتتە سارىكوللار بولۇپ، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى تاجىكلار بىلەن بىر مىللەت ئەمەس).
    2010-يىلى ئىيۇلدىكى ىتاتىسكىغا قارىغاندا تاجىكلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 20 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ7 مىليوندىن كۆپرەكى ئاففانىستاننىڭ ھېرات بوستانلىقى، بەدەخشان ۋە ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ،  ئافغانىستان نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ تاجىكسىتانىكى تاجىكلار6 مىليون بولۇپ، پۈتۈن جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆزبېكىستاندا  بىر مىلىۇن 400مىڭ، پاكىستاندا بىر مىلىيۇن200مىڭ،  ئىراندا 500مىڭ، روسىيەدە 150مىڭ، گېرمانىيەدە 100مىڭ، ئامېرىكىدا 50مىڭ، قاتاردا 50مىڭ، قىرغىزىستاندا 40مىڭ ئەتراپىدا تاجىكلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (45مىڭ)، پاكىستان، ئىران، ھىندىستان، كەشمىر، بېنگال قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلاردا گاھىدا تاجىك دەپ ئاتىلىدىغان تاغلىق بەدەخشان ئاھالىسى بولۇپ،  ساركول، روشەن قاتارلىق تاغلىق بەدەخشان قەبىلىرىنىڭ جەمئى نوپۇسى تەخمىنەن 300مىڭدىن ئاشىدۇ.
     تاجىكلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىغا تەۋە تاجىك تىلىنىڭ تۆت چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل دەررىي (پارس) تىلىغا يېقىن. ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئېلىپبەلىك مىللىي يېزىقى بار ئىدى، 1926-يىلىدىن كېيىن تاجىكىستاندىكى تاجىكلار سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تاجىك ھەرپلىرىنى ئىشلىتىدىغان بولدى .
ئاففانىستان ۋە تاجىكىستاندىكى تاجىكلار نوپۇسىنىڭ ئاساسى قىسمىنى ئىگەللەيدىغان تۈزلەڭلىك  تاجىكلىرى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، تاغلىق بەدەخشاندىكى ئاز قىسىم تاجىكلار ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق تاجىكلاردا دىنىي پائالىيەت ئانچە كۆپ بولمايدۇ.
    تاجىكلارنىڭ تۈزلەڭلىك - بوستانلىقلاردىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تاغلىق جايلىرىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
    تاجىكلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئىلگىركى Ⅹ ئەسىرلەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ بالقان يېرىم ئارىلىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئارىئان قەبىلىلىرى بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى سۇغدىلار، توخارلار، خارەزىملەر، فەرغانىلار، ساكلار، باكتىرىيىلەر ۋە تۈركلەر قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارنىڭ قىسمەن ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدىنپەي Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە سامانىلار خانلىقىنى قۇرغان. مىلادى 10-ئەسىردە قاراخانىلار خانلىقى سامانىلار خانلىقىنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن تاجىكلار ئاساسەن شۇنىڭدىن كېيىنكى، غەزنەۋىلەر، سەلجۇقىلار، خارەزىملار ۋە كېيىنكى چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بىر مەزگىل تۈركىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ قارمىقىدا بولغان، 1924-يىلىدىن كېيىن تاجىك سوۋېت ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان. 1991-يىلە تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغان.
   
    تاجىكلار خۇشخۇي ۋە چاقچاقچى كېلىدۇ؛ ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالام سائەتتىن كېيىنلا گەپنى چاقچاق بىلەن باشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەننىۋاسى نەغمە - ناۋا ۋە چاقچاق ئىچىدە ئۆتىدۇ.
ئومۇمەن تاجىكلار ئادەتتە قېتىق، پىشلاق، قۇرت، قېمىز، قايماق ۋە سېرىق ماي قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۈچ ۋاق ئەتكەن چاي ئىچىدۇ.
    تاجىك يىگىت - قىزلىرىنىڭ تويى ئادەتتە ئاتا - ئانىلىرى ۋە چوڭلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشى، مەسلىھەتى ۋە رازىلىقى بىلەن بولىدۇ.
    تاجىكلاردا ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
    تاجىكلارنىڭ ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، روزا ھېيىت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي ھېيىت - بايراملىرىدىن باشقا شاۋگۇن باھار (نورۇز)، پىلىك ھېيت (بارات)، تېغىم زوۋاسىت (تېرىلغۇ)، زۇۋۇر (سۇ باشلاش) ۋە مەھۇرگان (مول ھوسۇل) قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
   تاجىكلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت بولۇپ، مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە. تاجىكلار تارىخىدا جەپپار رۇداكى، ئىبنى ئەھمەد بىرونى، ئەبۇ سەئىد گەردىزى، ناسىرخىسراۋ، جالالىدىن نۇرىددىن، ئابدۇراخمان جامى، كامال خوجەندى ۋە جۇۋەينى قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپپەككۇرلار ۋە ئەدىبلەر ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار دەرى يەنى پارس - تاجىك تىل - يېزىقى بىلەن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ تاجىك يازما ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان.
    تاجىكلار ئاق ئۇننى ۋە تۇزنى بەكمۇ ئەزىزلەپ، ئۇنى پاك - ساپلىق ۋە بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ.
    تاجىكلار ئەدەب ئەخلاقلىقنى ۋە قائىدە يوسۇنلۇقلىقى بىلەن داڭلىق. تاجىكلاردا ئادەتتە تەڭتۇش ئەرلەر ئۇچراشقاندا بىر - بىرىگە قول بېرىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن قولىنىڭ كەينىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ تەڭتۇش ئاياللار ئۇچراشقاندا بىر - بىرى بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئاندىن مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ كىچلەر چوڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا چوڭلارنىڭ ئالقىنىغا سۆيۈپ قويىدۇ، چوڭلار كىچىكلەرنىڭ مەڭزىگە ياكى پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ؛ بىراق ياتلىق بولغان قىزلار بىلەن كېلىنچەكلىرىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشكە بولمايدۇ.
    تاجىكلار چوڭلارنى، ئاتا - ئانىلىرىنى بەكمۇ ھۈرمەتلەيدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ، سۆزىنى بۆلىۋەتمەيدۇ، تۇرمۇشتا ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ كىشلەر ئارا جېدەل - ماجرا ۋە غەيۋەت - شىكايەت كەم ئۇچرايدۇ، ئىناق ئۆتۈپ، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ.
   تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىچىدە، ھەرخىل پۇرۇچ - قوراقلاردىن تىكىلگەن يوتقان - كۆرپە پەردىلىرى، ياستۇق، قاچا - قۇچا قېپى ۋە ھەر خىل كەشتىلىك كىيىم - كېچەكلىرى قويۇق يەرلىك مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ، بۇنى ئاساسەن ئاياللار قىلىدۇ.
تاجىكلاردا بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىنى زور خوشاللىق ئىش دەپ بىلىدۇ، ئوغۇل تۇغۇلسا ئۈچ پاي ئوق ئېتىپ بۇۋاقنىڭ باتۇر، قەيسەر ئادەم بولۇشىنى تىلەيدۇ، قىز تۇغۇلسا بېشىغا بىر سۈپۈرگە قويۇپ، قىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كېلىپ، بۇۋاقنىڭ بەدىنىگە ئاق ئۇن چېچىپ بەخت تىلەيدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 887 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01