لىۋان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ۋە گىرىبى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

لىۋان جۇمھۇرىيىتى

    لىۋان بايرىقى ۋە دۆلەت گىرىبى بىر تۈپ كىدىر قارىغىيىدىن ئىبارەت. قەدىمكى كېدىر قارىغىيى لىۋاننىڭ دۆلەت دەرىخى ،لىۋان خەلقىنىڭ ئىپتىخارى. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىغىغا جايلاشقان لىۋان تاغلىق دۆلەت بولۇپ، يىل بويى قار ئېرىمىگەچكە«قارلىق ئاغ دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. لىۋاننىڭ تاغلىرى ئىگىز ھەم تۇمانلىق، ھاۋاسى سۈزۈك، تۇپرىقى ياخشى، ھۆل -يېغىنى مۇۋاپىق. ئەۋزەل تەبىئى شارائىت كېدىر قارىغىيىنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن مۇۋاپىق كەلگەچكە، بۇ يەردە كېدىر قارىغىيى بۈك -باراخسان ئورمانلىققا ئايلانغان. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇرۇنلا كېدىر قارىغىيى بۇ زىمىندا يىلتىز تارتقان ، «ئىنجىل»دا لىۋاننىڭ كېدىر قارىغىيىنى «قارىغايلارنىڭ شاھى»دەپ تەرىپلەپ، كېدىر قارىغىيىغا مۇقەددەس تۈس قوشقان، لىۋانلىقلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ. لىۋان دۆلەت بايرىغىدا بىر تۈپ تىك تۇرغان يېشىل كېدىر قارىغىيى بولۇپ، راۋاقسىمان يېشىل تاجىلار چىرايلىق ھەم مەزمۇت، شاخلىرى توم ھەم چىڭ كۆرۈنىدۇ، ئۇ كۈچ ، مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈكنىڭ سىمۋولى بولۇپ، لىۋان خەلقىنىڭ ئېگىلمەس -سۇنماس مىللىي روھى ئىپادىلەنگەن، تېنچلىقنى بىلدۈرىدىغان ئاق رەڭ ئاپئاق قارغا  قەدىمكى كېدىر قارىغىيىنىڭ شولىسى چۈشۈپ تۇرغاندەك تەمكىن كۆرۈنۈپ، كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان ئالەمشۇمۇل تارىخنى نامايەن قىلغان. لىۋان خەلقىنىڭ پىداكارلىق روھىنىڭ سىمۋولى بولغان ئاستى ۋە ئۈستىدىكى  ئىككى قىزىل بەلدەم  تارىخ ۋە رىياللىقنى بىرلەشتۈرگەن .

لىۋان بايرىقى :

 

لىۋاننىڭ دۆلەت گىرىبى:

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 629 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01