لىۋان جۇمھۇرىيىتى

 لىۋان جۇمھۇرىيىتى

    لىۋان جۇمھۇرىيىتى Lebanese Republic
    پايتەختى بېيرۇتنىڭ ئاھالىسى 2مىلىيۇن500مىڭ
    ئورنى: ئاسىيانىڭ غەربى جەنۇبىغا، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقى قىرغىقىغا جايلاشقان. شىمال ۋە شەقتە سۈرىيە بىلەن، جەنۇپتا پەلەستىن بىلەن چېگرىداش.
    يەر مەيدانى : 10مىڭ400كۇۋادىرات كىلومېتىر
    نوپۇسى: 4مىلىيۇن131مىڭ. لىۋان ئاھالىسىنىڭ %95 ئەرەب ياكى ئەرەبلەشكەن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا ئارمەنلەر %4نى ئىگەللەيدۇ. ئەرەپ تىلى دۆلەت تىلى ھىساپلىنىدۇ، ئەمما فىرانسۇز تىلىنىڭ تەسىرىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولۇپ لىۋاندىكى يېرىمدىن كۆپ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئىنىستوتلار فىرانسۇزچە دەرسلىكلەرنى قوللىنىدۇ. لىۋاندىكى دىنى مەزھەبلەر بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ ئۇمۇمەن ئېيتقاندا مۇسۇلمانلاردىن شىئەلەر %27، سۈننى مەزھەپتىكىلەر %27، دىرۇزىلار%5، ئەلەۋىلەر%2نى ئىگەلللەيدۇ. خىرىستان ئەرەبلەر لىۋان مۇستەقىل بولغاندا نوپۇسنىڭ% 55 نى ئىگەللەيتتى، ئەمما خىرىستان ئەرەبلەرنىڭ چەتئەللەرگە ئېقىشى كۆپرەك، تەبىئى كۆپىيىشى ئاستا
 بولغانلىقتىن ھازىر ئومۇمى ئاھالىنىڭ% 39 نى ئىگەللەيدۇ. لىۋاندىكى خىرىستان مەزھەبلىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، مۇستەقىل مارون كاتولىك دىنى لىۋان ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ %21 نى، گىرىك پىراۋىسلاۋ دىنى%8 نى، ئەرمەن پىراۋىسلاۋىيە دىنى% 4 نى، مالىكى كاتولىك دىنى%1 نى ئىگىلەيدۇ.

    سىياسى تۈزۈلمىسى: لىۋان ۋەزىيىتى پەۋقۇلاددە تۇراقسىز بولغان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ، جۇمھۇرىيەت پىرىزدېنتى دۆلەت باشلىقىدۇر. ئىچكى كابېنت باش مىنىستىر ۋە مىنىستىرلاردىن تەركىپ تاپقان. قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى 99 نەپەر ئەزادىن تەركىپ تاپقان پارلامېنتقا مەنسۇپ. پىرىزدېنتنى پارلامېنت سايلاپ چىقىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىل. لىۋان ب د ت ، ئەرەب ئەللىرى ئىتىپاقى، دۇنيا ئىسلام كېڭىشى نىڭ ئەزاسى.
    قىسقىچە تارىخى: لىۋان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللىرى فىنكىيە خانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. كېيىن مىسىر، يەھۇدى، ئاسۇرىيە، پارىس، ماكىدون ئىمپىرىيىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئۆلكىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلدى. مىلادى 3-ئەسىردىن كېيىن شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى. مىلادى 7-ئەسىردە لىۋان ئەرەب قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغالك قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئەھلىسەلب بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ تالاش-تارتىشىدا بىردەم خىرىستانلارنىڭ، بىردەم مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ يۈردى. 16-ئەسىردىن كېيىن لىۋان ئىزچىل ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە تەۋە بولۇپ جەمىيەت مۇقىم، ئىقتىسادى تەرەققىيات تېز بولدى. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن لىۋاندىكى مارون كاتولىك ۋە مالىكى كاتولىك مەزھىبىنىڭ فىرانسىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتى تۈپەيلى لىۋان فىرانسىيەنىڭ باشقۇرۇش رايونى بولۇپ قالدى. 1943-يىلى لىۋانلىقلار فىرانسىيىنىڭ گىرمانىيە تەرپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىدىن پايدىلنىپ مۇستەققىللىق  جاكالىدى. ئەمما فرانسىيە ھۆكمىرانلىق قىلغان دەۋىردە لىۋاندىكى خىرىستىيانلارنىڭ مەنپەئەتى قوغدۇلۇپ مەدەىنيەت، مائارىپ، ئىقتىساد ۋە ھۆكۈمەت-ھەربى ساھەلەردىكى ئورنى مۇستەھكەملەنگەنلىكتىن يېڭى ھۆكۈمەتتە خىرىستانلار ئاساسى ھوقۇقىنى ئىگەللىدى.  شىئە ۋە سۇنئى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار يېڭى ھۆكۇمەتتىن ئانچە رازى بولمىدى.
  1957-يىلى لىۋان پىرىزدېنتى جامال شامىن ئامرىكىنىڭ «ھەربى ياردەم ۋە ھەمكارلىق پىلانى» نى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. نەتىجىدە نارازى بولغان مۇسۇلمانلار قوراللىق كۈرەش قوزغىدى. 1958-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكا «لىۋاننىڭ مۇستەقىللىق ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش» ئۈچۈن لىۋانغا ئەسكەر چىقاردى. ئەمما 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قوشۇن چېكىندۈردى. 60-يىللاردىن كېيىن پەلەستىن مەسىلىسى كۈندىن كۈنگە گەۋدىلىنىپ لىۋان خەلقىنىڭ سىياسى تۇيغۇسى سەزگۈرلەشتى. پەلەستىن پارتىزانلىرىنىڭ ئاساسى كۈچىنىڭ لىۋانغا يۆتكىلىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ لىۋانلىقلارنىڭ پەلەستىنگە ھىسداشلىق قىلىشى بىلەن ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئۆز ئالدى بۇنىڭ بىلەن زىدىيەت چوڭقۇرلاشتى، 1969-يىلى لىۋان ئارمىيىسى ئىسرائىلىيە ۋە ئامرىكىنىڭ تەلىۋى بىلەن جەنۇپتىكى پەلەستىنلىكلەر ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان لىۋانلىقلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. 1975-يىلى لىۋاندىكى خىرىستانلارنىڭ «ئۇزۇن مىلتىقلار پارتىيىسى» پەلەستىن ئاھالىسىنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى بولدى، 1976-يىلى سۈرىيە، ئىراق، پەلەستىن، مىسىر ، كۇۋەيت ئالتە دۆلەت لىۋان ھۆكۈمىتىگە ئەرەب بىرلەشمە تەھدىتچى قوشۇنىنى ئەۋەتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى. 1978-يىلى ئىسرائىلىيە چېگرانى قوغداش باھانىسىدە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئەسكەر چىقىرىپ ئىشغال قىلىۋالدى ۋە بۇ رايوننىڭ كونتىرۇل ھوقۇقىنى ئۆزى يۆلەپ تۇرغۇزغان خادات قوشۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى1979-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سۈرىيە قوشۇنلىرى ئەرەب تەھدىتچى قوشۇنلىرىنىڭ نامىدا لىۋانغا كىرىپ مالون مەزھىبىدىكى خىرىستان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشتى. 1980-يىلى ھەر قايسى ئەرەب ئەللىرى بىرلىكتە يىغىن ئېچىپ لىۋاندا ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن پىرىزدېنت خىرىستانلاردىن، باش مىنىستىر سۈننى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلاردىن، پارلامېنت باشلىقى شىئە مەزھىبىدىكى مۇسۇلمانلاردىن بولۇش، ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنى  مەزھەبلەرنىڭ نوپۇس سانىغا قاراپ تەقسىم قىلىش. ھەققىدە تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلدى. لىۋان ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى دىنى مەزھەپلەرنىڭ مۇستەقىل قوراللىق كۈچى بار، ئىچىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشمىغان، پات-پات ئىسرائىلىيەنىڭ تۈرلۈك قىساس ھەركەتلىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان مۇقىمسىز دۆلەت.
       ئىقتىسادى: لىۋان تارىختىن بۇيان تۇپرىقى مۇنبەت، مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققى قىلغان رايون بولۇپ، 1975-يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا شەرقنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ھىساپلىناتتى، ئوتتۇرا شەرقتىكى پارىژ دىگەن نامىمۇ بار ئىدى. 1975-يىلى باشلانغان ئىچكى ئۇرۇشتا لىۋان ئىقتىسادى ئېغىر ۋەيرانچىلىقا ئۇچرىدى چەتئەل مەبلىغى يۆتكىلىپ كېتىپلا قالماي يەرلىك ئىگىلىكمۇ ۋەيران بولدى.
2006-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ جەنۇبى لىۋاننى ئېغىر بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە لىۋان ئىقتىسادى 3% چېكىنىپ كەتتى. لىۋان ئاھالىسىنىڭ 10% يېزا ئىگىلىك بىلەن، 32% سانائەت بىلەن، 64% مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.   2012-يىلى لىۋان ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك4.6%، سانائەت 19.7%، مۇلازىمەت 75.8%نى ئىگەللىگەن.  لىۋاننىڭ 2012-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى كىرىمى 41مىليارد دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 15900دوللار بولدى. 

   2012-يىلى لىۋاندا مۇقىم تېلىفون ئىشلەتكۈچىسى 900مىڭ، يانپون  ئىشلەتكۈچىسى3مىلىيۇن350مىڭ، ئىنتېرنېت  ئىشلەتكۈچىسى 1مىلىيۇن بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1292 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-15