ئېفىئوپىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئېفىئوپىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى

   ئېفىئوپىيە تارىختا ئاقسۇم، ئابسېنىيە، ھەبەشىستان دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، مىلادىيىدىن 1000 يىل ئىلگىرى مىسىر ئەتراپىدىن كەلگەن ھاملار بۇجايدىكى ئىپتىدائىي نېگىر قەبىلىلىرىنى قوغلىۋېتىپ، ئولتۇراقلىشىىپ قالغان. كېيىن سۈرىيەدىن كەلگەن ساملار ئېفىئوپىيىگە كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە ھاملارنى بويسۇندۇرۇپ، ئاقسۇم خانلىقىنى قۇرغان. مىلادىيىدىن 4- ئەسىرگە كەلگەندە، سۇرىيىدىن كەلگەن ئىككى نەپەر دىن تارقاتقۇچى بۇ رايونغا كېلىپ خرىستىئان دىنىنى تارقاتقان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېفىئوپىيىنىڭ خرىستىئانلىرى بىلەن مىسىرنىڭ خرىستىئان چېركاۋلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان.
   7- ئەسىرلەردە ئىسلام دىنىنىڭ ئافرىقىغا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېفىئوپىيە خرىستىئان خاندانلىقىنىڭ سىرت بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى كۈنسايىن ئازلاپ كەتكەن ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى گۈللەنگەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە شىمالدىكى خىرىستان دىنى رايونلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ، مىڭ يىلغا يېقىن بېكىنمە ھالەتتە تۇرغان. 16- ئەسىردە، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى بىلەن پورتۇگالىيىلىكلەر بۇ رايونغا كەينى - كەينىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. كېيىن مىسىر، ئەنگلىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ رايوننى ئۆزىگە قاراتقان.
    1890- يىلى ئىتالىيە ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئېفىئوپىيىنى ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت دەپ جاكارلىغان. 1896- يىلى 3- ئايدا، ئېفىئوپىيە قوشۇنى ئىتالىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۆلەم تۆلەشكە ھەم ئېفىئوپىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1935- يىلى 10- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئىتالىيە ئېفىئوپىيىگە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.
   1936- يىلى 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئىتالىيە ئېفىئوپىيە، ئېرىترىيە ۋە ئىتالىيىگە تەۋە سومالىنى بىرلەشتۈرۈپ «ئىتالىيىگە تەۋە شەرقىي ئافرىقا ئىمپېرىيسى» نى قۇرغان. 1941- يىلىغا كەلگەندە، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى پۈتكۈل ئېفىئوپىيىنى كونترول قىلغان، شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئەنگلىيىگە چىقىپ كەتكەن سېررالىس1 ئەدىس ئەبېبەگە قايتىپ كېلىپ، تەختكە ئولتۇرغان. 60- يىللاردىن بۇيان، خەلقنىڭ سېررالىس ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرىشى بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشكەن، 1974- يىلى 2- ئايدا ئېفىئوپىيىدە قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 9- ئاينىڭ 12- كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈم بىكار قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ئېفىئوپىيە ئۆزىنى سوتسىيالىستىك دۆلەت دەپ جاكارلىغان.
    1977  - يىلى 2- ئايدا مىنگىستۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. 1984- يىلى 9- ئايدا مىنگىستۇ «ئېفىئوپىيە مەڭگۈ ئىنقىلابىيلىىققا ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ ماركسىزم- لېنىنىزمغا بولغان ئېتىىقادىمىز قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ» دېگەن.1987 -يىلى 2- ئايدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغان. 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئېفىئوپىيە جەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.
    1989-يىلى 2- ئايدا، تىگرې خەلق ئازادلىق فرونتى ئېرىترىيە خەلق ئازادلىق فرونتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، تىگرې مەمۇرىي رايونىنىڭ مەركىزى مېكېلىنى ئىشغال قىلىدۇ.
    1991- يىلى 5- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئېفىئوپىيىگە 14 يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زۇڭتۇڭ مىنگىستۇ خەلق ئىنقىلابىي فرونتى قاتارلىق ئۆكتىچىلەر قوشۇنىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئاستىدا، نائىلاج زىمبابۇۋىغا پاناھلىق تىلەپ كېتىدۇ. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى، خەلق ئىنقىلابىنىڭ فرونتى قوشۇنلىرى پايتەخت ئاددىس ئەبېبەنى ئىشغال قىلىپ، مىنگىستۇ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
    1994- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى، پارلامېنت «ئېفىئوپىيە ئىتتىپاقداش دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن لايىھىسى »نى رەسمىي ماقۇللىدى. 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئېفىئوپىيىدە تۇنجى قېتىملىق چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلدى. سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە«ئېفىئوپىيە ئىنقىلابىي فرونتى» مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلدى. شۇ كۈنى ئېفىئوپىيە ئىتتىپاقداش دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى، يەنە شۇ كۈنى نىگاسو جىدادا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. بۇنىڭ بىلەن، ئېفىئوپىيىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى ئاخىرلاشتى. ئېفىئوپىيەنىڭ يېقىنقى زاماندىكى كېڭىيىش تارىخى خەرىتىسى(2-دۇنيا ئۇرۇشتىن كېيىن ئىشغال قىلىنىپ،1991-يىلى مۇستەقىل بولغان ئېرىتېرىيە خەرىتىگە بېرىلمىدى).

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 620 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01