ئېفىئوپىيە فىدىراتىپ دېموكراتىك جۇمھۇرىي

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئېفىئوپىيە فىدىراتىپ دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى

   ئېفىئوپىيە فىدىراتىپ دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى Federal Democratic Republic of Ethiopia ئورنى: شەرقىي ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېرىترىيە، سۇدان، كېنىيە ۋە سومالى بىلەن قوشنا.
    پايتەختى: ئاددىس ئەبېبە. پايتەخت نوپۇسى 3مىلىيۇن500مىڭ. يەر مەيدانى: 1،227،127 كۋادرات كىلومېتىر.
  ئېفىئوپىيە كۆپ مىللەتلىك شۇنداقلا مىللەت تەركىبى مۇرەككەپ دۆلەت بولۇپ، 2008-يىلى 7-ئايدىكى نوپۇسى82مىليون 600مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئورومولار 32%، ئامخارالار 30%، تېگرىلار 6%، سومالىلار6%، گۇاراگى4%، سىدامولار 3%، باشقا مىللەت ۋە قەبىلىلەر 18%نى ئىگەللەيدۇ. 
    ئاھالىسىنىڭ %50 ى ئىسلام دىنىغا، %45 ى ئېفىئوپىيە پىروۋۇسلاۋىيە دىنىغا، 10% پىروتىستانت دىنىغا، 5%ى ئافرىقىنىڭ ئىپتىدائىي دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تىلى: ئېفىئوپىيەنىڭ تىل ئەھۋالى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ ھام-سام تىل سېستىمىسىدىكى ئەرەب تىلى بىلەن بىللە سام تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ئامخارا تىلى دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئەنگىلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ.
   مەملىكەت بويىچە چوڭراق تىل بولغان ھام-سام تىل سېستىمىسى قۇشتى تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ئورومو ، سومالى، ئافار قاتارلىق تىللار تۇرمۇشتا كەڭ قوللانسىمۇ ئەمما مەكتەپ ۋە كىتاپ گېزىتلاردا ئەرەب تىلىنى ئىشلىتىدۇ. تارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىتاليان تىلى ۋە فرانسۇز تىلى ئېفىئوپىيەدە مائارىپتا ئالدىن ئوقۇتۇلىدىغان تىل قىلىپ بەلگىلەنگەن. سىياسىي تۈزۈلمىسى:
     ئېفىئوپىيە ئەسلىدە بىر نەچچە دۆلەت بولۇپ، ياۋروپادىكى خىرىستان ئەللەرنىڭ ئامخارالارنى يۆلەش سىياسىتى تۈپەيلىدىن، ئامخارالار بارا-بارا كۈچىيىپ ئەتراپتىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ زىمىنىنى قوشۇۋالغان. ھازىر گەرچە فىدىراتىپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولغان بولسىمۇ ئەنئەنە ۋە ئىقتىساد ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى پەرق تۈپەيلى ئامخارالار يەنىلا دۆلەتنىڭ ئالى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلمەكتە. ئېفىئوپىيەدە پارلامېنت ئىچكى كابىنېتى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. زۇڭلى رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابىنېت ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگان بولۇپ، خەلق ۋەكىللىرى پالاتاسىغا مەسئۇل بولىدۇ.
   پارلامېنت خەلق ۋەكىللەر پالاتاسى ۋە فېدېراتسىيە پالاتاسىدىن تەركىب تاپقان، ئالدىنقىسى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل. فىدېراتسىيە پالاتاسى ھەرقايسى شتاتلار كۆرسەتكەن 120 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان. ئېفىئوپىيە مىللەتلەر بويىچە چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان 9شىتات ۋە ئاددېس-ئەبىبە، دىرىداۋا دىن ئىبارەت ئىككى بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن تەركىپ تاپقان. ئېفىئوپىيە ب د ت ۋە ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى.
    ئىقتىسادى: ئېفىئوپىيە يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى سەۋىيىسى بەكمۇ تۆۋەن، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئېفىئوپىيەدە پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ %80 دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
    يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى دۆلەت ئىچكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %49نى تەشكىل قىلىدۇ. ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ %85 دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدۇر.
    70-يىللاردا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا تەخمىنەن300مىڭ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن سىياسى مالىمانچىلىق ئاقىۋەتتە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقتىن، 1995-1996 يىلى ئاشلىق مەھسۇلاتى 10مىليون توننىغا يېتىپ، تارىخىي رېكورىت يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، 30 يىلدىن بۇيان ئېفىئوپىيە تۇنجى قېتىم ئاشلىقتا ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان بولدى. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن: مۇخ، بۇغداي، قوناق، كۆممىقوناق، ئارپا، ياڭيۇ، پۇرچاق قاتارلىقلار، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن- قەھۋە، پاختا، كەندىر، خۇاسىڭ، ئاپتاپپەرەس، ئابدىمىلىك، قارىمۇچ، بانان، خورما، تاماكا، لىمون، شېكەر قومۇش، چىكىت، زىغىر، تالالىق ئاگاۋى قاتارلىقلار بار. ئېفىئوپىيە قەھۋەنىڭ ئانا ماكانى، ئېفىئوپىيەنىڭ كالا، قوي چارۋا سانى ئافرىقا بويىچە 1- ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 10- ئورۇندا تۇرىدۇ. ئون نەچچە يىللىق ئىچكى ئۇرۇش، تەبىئىي ئاپەت، شۇنىڭدەك ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامۇۋاپىق سىياسىتى تۈپەيلىدىن، ئېفىئوپىيە ئىقتىسادى ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان. يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، خۇسۇسىي ئىگىلىككە قارىتا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى قوللانغانلىقتىن، ئىقتىساد بىرقەدەر تېز ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان.
    1992- يىلدىن 1996- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %7گە يەتكەن. 1997- يىللىق دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6 مىليارد 339 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئېفىئوپىيەنى ئافرىقىدىكى مۇھىم سىتىراتىگىيىلىك ھەمرا قاتارىدا كۆرۈپ بىر تۈركۈم قوللاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى.
    شۇنىڭ بىلەن ئېفىئوپىيەنىڭ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى 10% ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، ئېفىئوپىيىنىڭ سانائىتى ئاساسەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. زامانىۋى سانائىتى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. 2008-يىلى ئېفىئوپىيەنىڭ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى 8%دىن يۇقىرى بولغان بولۇپ، مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى 25مىلىيارد 320مىلىيۇن دوللار ، كىشى بېشىغا800دوللار توغرا كەلگەن.
    ئېفىئوپىيەنىڭ پۇلى بىر، 2002-يىلى 8.56بىر =بىر دوللار، 2004-يىلى 8.63بىر=بىر دوللار، 2006-يىلى 8.69بىر=بىر دوللار ، 2008-يىلى 9.57بىر=بىر دوللار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئېفىئوپىيە نامرات بولغانلىقتىن زامانىۋى قاتناش ۋە ئېلىكتىر ئىشلىرى تەرەققى قىلمىغان، 2007-يىلى1-ئايغا قەدەر ئېفىئوپىيەدە مۇقىم تېلىفون ئىشلەتكۈچىسى 880مىڭ، كۆچمە تېلىفون ئىشلەتكۈچىسى بىر مىلىيۇن208مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 291مىڭ بولغان.
    مەدەنىيەت- مائارىپى: 1951- يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئالى مەكتەپ ـ ئەددس ئەبېبە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قارمىقىدا 17 ئىنستىتۇت بار. نۆۋەتتە، ئون يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا ھەقسىز. 1974- يىلىدىن بۇيان، ئېفىئوپىيىدە كەڭ كۆلەملىك ساۋاتسىزلىقنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ئورومو ۋە باشقا بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ يېزىقى بولمىغانلىقتىن دۆلەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئېغىر يۈك بولۇپ قالماقتا .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 616 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01