Re:ئاۋستىرالىيە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئاۋستىرالىيە

   ئاۋىسترالىيە دۆلەت بايرىغىدىكى يۇلتۇزنىڭ ئەڭ چوڭى ئىتىپاقداش بولغان ئالتە شىتات بىلەن بىر ئاپتۇنۇم رايۇننى ،قالغان بەش يۇلتۇز  تىنچ ئوكيان ئاسمىنىدىكى جەنۇبىي كىرېستيۇلتۇز تۈركىمىنى بىلدۈرگەن ؛بايراقنىڭ كۆك رەڭلىك بولىشى ئاۋىسترالىيە زىمىنىنىڭ  تۆت ئەتراپى دېڭىز ئىكەنلىگىنى بىلدۇرگەن ؛دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۈستى سول بۇرجىگىدىكى ئەنگىلىيىنىڭ قوش كىرېستلىك بايرىقى بولۇپ ،ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن بولغان زىچ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن .
   1901 -يىلى ئەنگىلىيىنىڭ «ئاپتونومىيىلىك تېررىتورىيىسى »بولغان .1913-يىلى ئىتىپاقداش بولغان ھەم مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلىپ ،ئەنگىلىيە فېدىراتسىيىسىگە  ئەزا دۆلەت بولغان .
   1954-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابېت 2 ئاۋىسترالىيىنى  زىيارەت قىلغاندا بۇ بايراقنى  ئاۋىسترالىيە ئىتىپاقىنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلىشنى بېكىتكەن .دۆلەت گېربىدا ئاق جايدىكى قىزىل رەڭلىك ساينت گېئورگ كىرىستى بىلەن ئالتۇن شىر  يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىس شىتاتىنى ،كۆك جايدىكى ئاق يۇلتۇز بىلەن ئالتۇن تاج ۋىكتۇرىيە شىتاتىنى ،ئاق جايدىكى مالتا كېرىستى بىلەن  پادىشاھ تاجىسى كۋنسلېند شىتاتىنى ،سېرىق جايدىكى ئاققۇ غەربىي ئاۋسترالىيە شىتاتىنى ،ئاق جايدىكى قىزىل شىر تاسمانىيە شىتاتىنى بىلدۈرگەن .
   گېرىبنىڭ ئىككى يېنىدىكى بىر كىنگۇرۇ بىلەن بىر ئاۋستىرالىيە تۆگىقۇشى ئېۋكالىپت دەرىخىگە قونغان بولۇپ  ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋالىق ھايۋانلىرىنى بىلدۈرگەن . پورەكلەپ ئېچڭلغان سېرىق ئاكاتسىيەلەر  جەنۇبىي يرىم شاردىكى ھەر ۋاقىت كۆكىرىپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى نامايەن قىلغان ھمدە ئۇنى ئوكيانىينىڭ سىمۋولى دەپ قارىغان .

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:16:47]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 432 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01