رۇسىيەنىڭ نوپۇسى ھەر ئىككى يىلدا بىر مىليۇن كىشى ئازىيىۋاتىدۇ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  رۇسىيەنىڭ نوپۇسى ھەر ئىككى يىلدا بىر مىليۇ

  2006-يىلى 5-ئايدا پۇتىن دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەرگەندە نۇپۇس مەسىلىسى بىلەن ئارمىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم مەسىلىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالدى. پۇتىننىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ئارمىيە مەسلىسىنىڭ ئالدىغا قويۇشىدىن، بۇنىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە تەخىرسىزلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
     روسىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان نۇپۇس مەسىلىسى ئادەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلە بولماستىن، بەلكى ئۇ دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە. 1993-يىلدىن ھازىرغىچە روسىيىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى ئۇدا 14 يىل تۆۋەنلىدى، چېگرا ئىچىدىكى دائىملىق نوپۇس 1992- يىلدىكى 148 مىليون 326 مىڭ كىشىدىن ئازىيىپ، ھازىر 141 مىليون 377 مىڭغا چۈشۈپ، 6 مىليون 949 مىڭ كىشى ئازىيىپ كەتتى. كافكاز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقان نوپۇسىنىڭ ئەكسىچە رۇسلارنىڭ تەبىئى كۆپىيىشى ئاستا بولغانلىقتىن ھازىر رۇسىيەدە 114مىليۇن نوپۇسى بار رۇسلار، رۇسىيە نوپۇسىنىڭ ئاران79%نى ئىگەللەپ 90-يىللاردىكى 84%دىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولدى. ئەمما كاۋكازدىكى مۇسۇلمان مىللەت ئىنگۇشلارنىڭ نوپۇسى مۇشۇ يىگىرمە يىلدا 140مىڭدىن 500مىڭغا كۆپەيدى. چېچىنلەرنىڭ نوپۇسىمۇ  670مىڭدىن بىر مىلىيۇن530مىڭغا يەتتى.
    بۇلتۇر روسىيە «نوپۇسنىڭ تەقدىرى»مۇتەخەسىسسلەر كۇلۇبىنىڭ رەئىسى رىباكوۋىسكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىنى تاپشۇردى. ئۇنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئەگەر روسىيە ئاھالىلىرىنىڭ تەبىئىي ئۆلۈش نىسبىتى يېقىنقى مەزگىلدە تۆۋەنلىمەيديغان بولسا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا، روسىيە نوپۇسى ھازىرقى 150 مىليوندىن، 60 مىليوندىن 65 مىليونغىچە ئازىيىپ كىتىدىكەن. نۆۋەتتە يېڭى بىر ئەۋلات روسلارنىڭ ئالدىنقى دەۋرىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئىگىلەش نىسبىتى %60نى ئىگىلەيدىكەن. روسىيىدە مۇنداق گەپ تارقالدى، روسىيە نوپۇسىنىڭ ئازىيىش سۈرئىتى 3 ۋە 5 كۈنلۈك ئىككىنچى قېتىملىق چېچىنىيە ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىغا توغرا كىلىدۇ.
         نوپۇسنىڭ ئازىيىشى يەر كۆلىمى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان روسىيىگە نىسبەتەن، شۈبھىسىزكى بىر چوڭ ئاپەت. روسىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرلىكى مۇنداق دەپ ھىساپلىسدى: نوپۇس ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، ھازىر روسىيىدە 10 مىليون ئەمگەكچى كەمچىل بولىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونلىرىدا نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ياغاچ ماتىرياللىرى قاتارلىق بايلىق ئېچىش ساھەلىرىدە ئەمگەكچىلەر يىتىشمەسلىك مەسىلىسى %50نى ئىگىلەيدۇ، بۇ روسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا مەلۇم جەھەتتىن تەسىر كۆرستىشى مۇمكىن. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن، روسىيىنىڭ ياۋروپا رايونى بولۇپمۇ موسكۋا رايونىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغاچقا، يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىدە ئولتۇراقلاشقان روسلار غەرپكە كۆچۈشكە باشلىغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى 10 يىلدا، شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا نوپۇس %40 تۆۋەنلىگەن، سىبىرىيە رايونىدىكى 11 مىڭ كەنت ۋە 290 شەھەر يوقالغان.
           تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى روسىيىدە ئەسكەر مەنبىيىنىڭ يىتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، روسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەسكەر قوبۇل قىلىش تارماقلىرى ئەسكەر قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇندىيالمىغان، ھەتتا ساۋاتسز، زەھەر چىكىدىغان ۋە مېيىپ ياشلارنى ھەربىي گازارمىغا سەپلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.     تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى بۇنىڭدىكى سەۋەپنىڭ بىرى. 
  تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى روسىيە نوپۇسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، ئاياللارنىڭ ئومۇمى تۇغۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن بولۇپ، روسىيىدە تۇغۇت يېشىدىكى ھەر بىر  ئايال 1.72 بالا تۇغىدىكەن.
     روسىيە نوپۇسىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىزچىل يۇقۇرى بولدى، بولۇپمۇ قىران ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىدى. روسىيىنىڭ بۇرۇلۇش دەۋرىدىكى نامراتلىق، ئىسپىرت ۋە زەھەرنى قالايمىقان ئىشلىتىش، تۇرمۇش بېسىمى، كېسەللىك شۇنىڭدەك ھەر خىل تەبىئىي ئاپەت قاتارلىقلار روسىيە نوپۇسىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ شەددەت بىلەن كۆپىيىشدىكى ئاساسلىق سەۋەپ. روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەر يىلى 30 مىڭ ئەر ئىسپىرتقا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىدە ئۆلىدىكەن. يۇقۇرى ئۆلۈش نىسبىتى روسىيىدە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنى تۆۋەلنىتىۋەتكەن.
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، روسىيىدە ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 60.8 ياش ۋە 73.1 ياش بولۇپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيسىدىن خېلىلا تۆۋەن، ئافرىقا ئەللىرىدىن سەل ياخشى ئىكەن.
        كۆپ تەدبىر ئارقىلىق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى قوللاش، نوپۇسنىڭ تۆۋەنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، روسىيىنىڭ مەركىزىي ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
         زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ نوپۇس سىياسىتىنىڭ يادروسى- ھازىرقى قىممەت قارىشىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ئەنئەنىگە قايتىپ، ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئائىلىنى قەدىرلەپ، پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش شەرەپلىك دىگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ھەممە كىشىنىڭ ئائىلە، پەرزنت، دۆلەت ۋە جەمىئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت. پۇتىن 2006-يىللىق دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەرگەندە، ھۆكۈمەتتىن 10 يىللىق زور مالىيە ياردەم پۇلى پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش، نوپۇس سانىنى تەدرىجى مۇقىملاشتۇرۇشنى خىزمەتنىڭ مۇھىمى قىلىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ كونكىرت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە،  بىرىنچى، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش. روسىيىدە ھەر يىلى مىليوندىن ئارتۇق كىشى كېسەللىك بىلەن، كۈنىگە 100 كىشى ماشىنا ۋەقەسىدە، ھەر يىلى تەخمىنەن 40 مىڭ كىشى ئىسپىرت زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن  ئۆلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا پۇتىن دۆلەتنىڭ «ساغلاملاشتۇرۇش پىلانى»نى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: روسىيە تىببى ئىلمىنىڭ ئەئەننىۋى پەن تۈرى بولغان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلىمىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكى شۇنىڭدەك ئۆلۈش نىسبتى يۇقۇرى بولغان كېسەللىكنى بايقاش، ئالدىنى ئېلىش، تۈزگىنلەشكە قارىتىپ، ھەر خىل جىسمانى ئۆلۈش، يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بىرىشىنى كونترول قىلىش كېرەك؛ قاتناش بىخەتەرلىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىسپىرت تەركىبى يۇقۇرى ئىچىملىكلەرنى ئىمپورت قىلىش ۋە سېتىشنى چەكلەپ، خەلقنى زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، ساغلام تۇرمۇش ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇشقا چاقىرىق قىلىش كېرەك.
        ئىككىنچى، سىرتتىن كۆچمەن قوبۇل قىلىش كېرەك. كۆچمەنلەرنى تاللاش ئۆلچىمىدە، پۇتىن ئالدى بىلەن چېگرا سىرتىدىكى روسلارنى، ئۇنىڭدىن كىيىن كەسپىي ماھارەتكە ئىگە، ياخشى تەربىيە كۆرگەن ۋە قانۇنغا  رىئايە قىلىدىغان، رۇس تىلى بىلىدىغان باشقا مىللەتلەرنىمۇ قوبۇل قىلىش ئۈستىدە ئويلىشىشىتا چىڭ تۇردى.
          ئۈچىنچى، تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش. پۇتىن مۇنداق دەپ ھىساپلىدى: نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى- تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتە، شۇڭا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بىرىش شەكلى ئارقىلىق ياشلارنى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تولۇقلىمىنىڭ كونكىرت مەزمۇنى - يېڭى پەرزەنلىك بولغان ئائىلىلەرگە بىرىلىدىغان تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرۈش، تەييارلىق سىنىپىدىكى بالىلارغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىش، ھامىلدار ئاياللار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارغا تولۇقلىما بىرىش، يىتىم بالىلارنى بېقىۋېلىشقا ئىلھام بىرش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
       تۆتىنچى، بالىلىق بولغانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بالا باققاننىڭ پايدىسى يوق دەيدىغان قارىشىنى تۈگىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1020 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01