شاھزادە ئەلۋەلىد تالال سەئۇدى(1950-)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  دۇنيادىكى ئەڭ بەتخەج باي-شاھزادە ئەلۋەلىد 

   شاھزادە ئەلۋەلىد بىننى تالال سەئۇدى Prince Alwaleed Bin Talal Alsaud سەئۇدى ئەرەبىستان ئالدىنقى پادىشاھى فاھىد نىڭ ئىنىسى تالالنىڭ ئوغلى بۇلىدۇ. قارا ئالتۇن بىلەن مەشھۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندا شاھزادە ئەلۋەلىد سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نەچچە ئون بالىسى بار مىڭلىغان شاھزادىلەر ئارىسىدىكى پەقەت ئىككىلا بالىسى بار، لېكىن ئەڭ كۆزگە كۈرۈنگىنى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.



    فوبوس ژورنىلى 2006-يللىق مىلىيادىرلار تىزىملىگىدە ئۇ 20مىلىيارد 300مىلىيۇن ئامىرىكا دوللىرىلىق مۈلكى بىلەن ئالدىنقى 13-ئۇرۇندا تۇرغان. لىكىن باشقا باي سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارغا ئوخشىمايدىغىنى ئۇنىڭ بايلىق مەنبەسىنىڭ نىفىت بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ياكى بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق. بەلكى پاي چىكى تاشقى پىرىۋوت ۋە باشقا ۋاستىلەرگە مەبلەغ سىلىشتىن كەلگەن. ئۇ ئۈزىمۇ دۇنيادا پاي چىكى ئىلاھى ۋارىن بافىتتىن قالسىلا ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىغان مەبلەغشۇناس.

بىيىش يۇلى

     ئەلۋەلىد 1950يىلى3-ئاينىڭ7-كۈنى رىيادتا تۇغۇلغان. ئاتىسى ئوغلىنى چىنىقتۇرۇش ئۈچۈن، شاھزادە تالالنى  14 يىشىدىلا رىيادتىكى ھەربى ئىنىستىتوتقا  ئۇقۇشقا كىرگۈزگەن بۇلۇپ شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەئۇدى تارىخدىكى يىشى ئەڭ كىچىك ئەسكەر بۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە ھەربى مەكتەپ تۇرمۇشى ئۇنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ باشلىنىشى ئىكەن يەنى قاتتىق ھەربى تۈزۈم ئۇنىڭ خاراكتىرىدىكى ئىككىلىنىش ئىزىلەڭگۈلۈك قاتارلىق يىتەرسىزلىكلەرنى سۈپۈرۈپ چىقىرىپ ئۇنىڭ كىيىنكى كەسپى ھاياتىغا مۇستەھكەم پىسخىك ئۇل سالغان ئىكەن. تىخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى ئۇ شۇ مەزگىللەردە سودىغا ناھايتىمۇ قىزىقىپ قالغان. 15 يىشىدىن باشلاپ ھەركۈنى ئۈزۈلدۈرمەي BBSقانىلىنىڭ ئىقتىسادى پىروگىراممىللىرىنى ئاڭلاپ سودا بىلىملىرىنى ئۈگەنگەن. ئىقىم مەسىللىرى توغرىسىدا دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى توغرىسىدا گىزىت ژورناللارنى بولسا ئۈزۈلدۈرمەي كۆرۈپ تۇرغان. 1976-يىلى ئۇ ئۈزى يالغۇز ئامىرىكىغا كىلىپ ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بۇيىچە ماگىستىرلىقتا ئۇقۇغان. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئىككىنجى مۇھىم قەدىمى ھىساپلىنىدۇ. ئۇ ئەسلىمىسدە ئامىرىكىغا يالغۇز بىرىپ تارتقان كەچۈرمىشلىرىم مىنىڭ ئۈزەمگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچىمنى تۇرغۇزدى دەيدۇ.
     1979-يىلى ئۇ ئامىرىكىدىكى ئۇقۇشىنى تاماملاپ سەئۇدىغا قايتىپ كىلىدۇ ۋە سودا ساھەسىگە قەدەم ئالىدۇ. دادىسى ئۇنىڭغا 15000دوللار ياردەم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دادىسى ئۇنىڭغا بەرگەن 1مىلىيۇن 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئۆي-مۈلۈكنى رەنە قۇيۇپ 400مىڭ ئامىرىكا دوللىرى قەرزى ئالىدۇ ۋە بۇ مەبلەغ بىلەن ئۇ ئۈزىنىڭ سودا ھاياتىدىكى بىر قاتار قىسمەتلەرنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلايدۇ.
     ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ئىككى قىتىملىق نىفىت كىرزىسىدىن كىيىن نىفىت باھاس تارىخى رىكورت يارىتىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نىفىت كىرىمى ھەسسىلەپ ئاشتى،شۇنىڭغا ئەگىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى سودا مۇھىتىمۇ ئۆزلىكسىز ياخشىلاندى.ئەلۋەلىد ئۈزىنىڭ مۇناسىۋە تورى ۋە قۇلىدىكى ئازغىنە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ سودا ۋەكىلى ۋە كۈتۈرە ئىلىش قاتارلىق سودا تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدىلا يىلىغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن نەچچە 10مىلىيۇن دوللار ساپ پايدا ئالدى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يۇقۇرى نىفىت كىرىمىدىن خەلىققە قايتۇرۇلغان يۇقۇرى پاراۋانلىقنى ۋە شۇ ئارقىلىق پات ئارىدا جانلىنىدىغان ئۆي مۈلۈك كەسپىنى ئالدىن كۈرۈپ يەتكەن ئەلۋەلىد كەسكىنلىك بىلەن زور مەبلەغ توپلاپ پايتەخىت رىياد تىن نۇرۇغۇن يەر - زىمىن سىتىۋىلىپ ئەڭ چوڭ ئۆي مۈلۈك سودىگىرى بۇلۇش قەدىمىنى بىسىشقا پۇختا تەييارلىق كۈرۈپ قويدى.
     قۇرلۇش ۋە ئۆي زىمىن كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ بايلىقى خۇددى دۇمىلاتما قار پەدىسىدە كۈپەيدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھلىق پاي شىركىتىنى قۇرۇپ تەرەققىيات نىشانىنى باشقا ساھەلەرگە كىڭەيتىشكە باشلىدى. 1986-يىلغا بارغاندا ئۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يىللاردىن بىرى زىيان تارتىپ كىلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشمە بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پاي چىكىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن بۇ بانكا 1989-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ كۆپ پايدا يارىتالايدىغان بانكىغا ئايلاندى. 90- يىللارغا بارغاندا ئۇ نەزىرىنى ئاستا-ئاستا خەلىقئاراغا يۆتكەپ خان جەمەتى قان سىستىمىسى ۋە بايلىقىنىڭ سىھرى كۈچىدىن پايدىلىنىپ خەلىقئارادىكى كاتتا سىياسى ئىقتىسادى ئەرباپلار بىلەن ئىنتايىن ياخشى مۇناسىۋەت تورى بەرپا قىلدى.
     ئۆزگىچە بولغان مەبلەغ سىلىش ئىقتىدارى
     شۇنىڭدىن كىيىنكى 10 نەچچە يىل ئىچىدە ئەلۋەلىد ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ زور مەبلەغ سەرىپ قىلىپ خەلىقئارادىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ پىيىنى سىتىۋالدى. ئۇلار ئاساسلىقى ئامىرىكا 
ئالابايراق گۇرۇھى، كوكاكولا، پېپسى كولا، ماكدونالد، دىسنى، موتورولا، دەۋىر ھەپتىلىگى، فورد، ئامازون، eBuy، Kodak, تۆت پەسىل سىتىراھەت مىھمانخانىسى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم مەبلىغى ئامىرىكىغا سېلىنغان بۇلۇپ نۆۋەتتە ئۇ ئامېرىكىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان چەتئەللىك خۇسۇسى مەبلەغ سالغۇچى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەلۋەلىدنىڭ ئەڭ روشەن ئارتۇقچىلىغى شۇكى ئۇ مەخسۇس قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان شىركەتلەرنى تاللاپ مەبلەغ سالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە مەبلەغ سىلىش ھەركىتى ئالابايراق بانكىسىغا مەبلەغ سىلىش بۇلۇپ1990-يىلى كۈزدە خۇاچى بانكىسى تارقاتقان ئۆي مۈلۈك قەرزى پۇلىنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرىۋالالماي نۇرغۇن زىيان تارتىدۇ. ھەمدە ئامىرىكا زاپاس پۇل كومتىتى تەرىپىدىن تىزدىن مەبلەغ تۇلۇقلاشقا بۇيرىلىدۇ. لىكىن ئەينى ۋاقىتتا ئالابايراق بانكىسىنىڭ ئىناۋىتى ۋە پاي چىكى ئۆزلىكسىز تۈۋەنلەۋاتقانلىقتىن كىشىلەر بانكىنىڭ ۋەيران بۇلىشىدىن ئەنسىرەپ ھىچكىممۇ بانكىغا مەبلەغ سىلىشنى خالىمايدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئەلۋەلىد كەسكىنلىك بىلەن قارا چىقىرىپ ئالابايراق بانكىسىنىڭ %4.9ئادەتتىكى پىيىنى 12.46ئامىرىكا دوللىرى باھادا جەمى 207مىلىيۇن ئامىرىكا دوللىرىلىق سىتىۋالىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئۇ يەنە 509 مىلىيۇن دوللار مەبلەغ چىقىرىپ خۇاچى بانكىسىنىڭ %10ئادەتتىكى پىيىغا ئىگە بۇلىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىدىكى جەمى پاي %14.9گە يىتىدۇ.
     
ئالابايراق بانكىسى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئاياقلىشىشغا ئەگىشىپ بانكىنىڭ پاي چىكى باھاسى تىز سۈرئەت بىلەن قايتا ئۈسۈشكە باشلايدۇ. ئەلۋەلىد شۇنىڭ بىلەن ھەم بايلىغى كۈپىيىدۇ ھەم ئامىرىكىدا داڭلىق مەبلەغشۇناس سالاھىتى بىلەن تۇنۇلۇشقا باشلىدى. 2005-يىلغا بارغاندا ئەلۋەلىدنىڭ خۇاچىدىكى پىيىنىڭ باھاسى ئەسلىدىكىدىن 20ھەسسە ئۈسۈپ ئەلۋەلىدكە 10 مىلىيارد ئامىرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پايدا يارىتىپ بەردى. ئەلۋەلىد ئۈزىمۇ بۇ قىتىمقى خۇاچى بانكىسىغا مەبلەغ سىلىشنى ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ئۇتۇغلۇق بولغان سودا بولدى دەيدۇ. ئالابايراق بانكىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجىرائىيە ئەمەلدارى جون ئۇنى سەۋرىچانلىغى بەكلا كۈچلۈك مەبلەغشۇناس دەپ تەرىپلەيدۇ. غەرىپ سودا دۇنياسى بەزىدە ئۇنى قۇتقۇزغۇچى دەپمۇ قارايدۇ، چۈنكى مەلۇم شىركەت قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا بىردەمدىلا مىلىيارد دوللارلىق پۇل چىكىنى تەييارلىيالايدىغان مەبلەغشۇناسلار يەنىلا ئاز-دە...
     11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن شاھزادە تالال سەئودى ۋە خان جەمەتىنىڭ ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ۋە تۆلەم ئىشلىرى ئۈچۈن 100مىليۇن دوللار ئىئانە قىلدى.
     شاھزادە ئەلۋەلىد 2004-يىلى 12مىليۇن دوللار خەجلەپ فىرانسىيەلىك ئايالىغا دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بىرلىيانت مارجاننى ئېلىپ بەرگەنلىكى،  ئۇنىڭ رىيادتا 130مىليۇن دوللارغا يارايدىغان 317ئېغىزلىق ئۆيى بار، 8لىفىت، 520تېلېۋىزور، 400تېلىفون ۋە 31سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، 180 مۇلازىمى بار كاتتا ئوردىسى، ئۈچ بوئىن ماركىلىق ئايرۇپىلانى بولغانلىقى، ھىچقانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان يەتمىش نەچچە ئامېرىكىلىق ناخشىچىغا ئۆزىنىڭ سورۇنىغا قاتنىشىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھەر بىرىگە بىردىن ئەڭ كاتتا  «BMW»  سوۋغا قىلغانلىقىدەك نۇرغۇن بىھۇدە ئىشلىرى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ بەتخەج باي دەپمۇ قارىلىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي شاھزادە ئەلۋەلىد دۇنيادىكى ۋە سەئۇدىدىكى نامراتلارغا ھەر يىلى 300مىليۇن دوللار قىممىتىدە مۇقىم ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقاچقا
بىل گايتىس ۋە ۋارىن باففىتتىن قالسىلا 3-چوڭ ساخاۋەتچى ھىساپلىنىدۇ.
      گەرچە يېقىنقى ئىككى يىلدا شاھزادە ئەلۋەلىدنىڭ بايلىقى 31مىليارد دوللاردىن 23مىليۇن دوللارغا ئازىيىپ دۇنيادىكى بايلار رەت تەرتىۋىدە 4-ئورۇندىن 13-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى مەشھۇر ۋە تەسىرى زور باي ھىساپلىنىدۇ.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-18 19:15:33]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1291 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01