تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى Republic of Turkey 11
    پايتەختى ئەنقەرەنىڭ نوپۇسى 3500مىڭ. ئەڭ چوڭ شەھرى ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسى 9مىلىيۇن.
   ئورنى: ياۋروبا ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە جايلاشقان بولۇپ، زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىمى كىچىك ئاسىيا يىېرىم ئارىلىغا جايلاشقان . ياۋروپا قىسىمى گرېتسىيە، بولغارىيە بىلەن تۇتىشىدۇ؛ ئاسىيا قىسىمى سوۋېت ئىتتىپاقى، سۇرىيە، ئىران ۋە ئىراق بىلەن چېگىرىداش.
يەر مەيدانى :780مىڭ580 كۋادرات كىلومېتىر. زېمىنىنىڭ %97 ى ئاسىيادا، %3 ى ئاۋروپادا. قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2،573 كىلومېتىر ، دېڭىز قىۇغىقىنىڭ ئۇزۇۇنلۇقى 3،558 كىلومېتىر. 
  نوپۇسى: تۈركىيەنىڭ2007-يىلى 1-ئايدىكى نوپۇسى  71مىليون158مىڭ، بولۇپ تۈركلەر 80%، دىملى، زارا، كۇرمانجى قاتارلىق كۇردمىللەتلىرى 18%، ئۇندىن باشقا يەنە كاۋكاز ۋە شەرقى ياۋروپا مۇسۇلمانلىرىمۇ 2%ئەتراپىدا. تۈركىيە ئاھالىسىنىڭ 99.8%ى مۇسۇلمان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %85 ى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە، %14 شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ. %0.2 ئادەم خىرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ.
پايتەختى: ئەنقەرە.
ئاساسلىق شەھەرلىرى: ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر، ئادانا، بۇرسا، كونيا قاتارلىقلار.
تىلى: تۈرك تىلى، دەسلەپتە ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىپ كەلگەن، مۇستافا كامال تۈركىيىدە غەربلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغاندا، لاتىن يېزىقىنى قولانغان.
سىياسىي تۈزۈلمىسى: 1961- يىلى 7- ئايدا گرژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ماقۇللانغان يېڭى ئاساسىي قانۇندا: «تۈركىيە مىللىي دېموكراتىك ۋە سىياسىي بىلەن دىن ئايرىلغان ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت» دەپ بەلگىلەنگەن. پارلامېبت 400 نەپەر ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل. ئۇ تۈركىيىنىڭ بىردىنبىر قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، تۈركىيە67 ئۆلكىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر ئۆلكىدە بىردىن ئۆلكە باشلىقى تەسىس قىلىنغان، ئۇلارنى ھۆكۈمەت تەيىنلەيدۇ.
     ئىقتىسادى: تۈركىيە تارىختىن بۇيان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان يېزائىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. تۈركىيە ئەمگەك كۈچىنىڭ %35دېقھانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، بىراق دېھقانچىلىقتىن كىرىدىغان كىرىم دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %9.3نى ئىگىلەيدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تۈركىيىنىڭ توقۇمىچىلىق، پولات-تۆمۈر، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، سېمۇنت ئىشلەپچىقىرىش ۋە قەنت ياساش سانائىتىنى خېلى راۋاجلانغان. تۈركىيىنىڭ كان بايلىقى مول بولۇپ، كۆمۈر، مىس قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى بىرقەدەر كۆپ. 2007-يىلى تۈركىيەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 361مىلىيارد دوللار بولغان دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرغان. تۈركىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى دۇنيادىكى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ 2006-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى9100دوللار  سانائەت مەھسۇلات مىقدارى ئۇمۇمى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 31%نى، مۇلازىمەت كىرىمى 60%نى ئىگەللىگەن.
پۇل بىرلىكى: تۈركىيە لىراسى. تۈركىيە ئىقتىسادى سىياسىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا 2004-يىلىغا كەلگەندە پۇلى پاخاللىشىپ بىر مىليۇن500مىڭ لىرا بىر دوللارغا توغرا كېلىدىغان پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن ئىدى. 2005-يىلىدىكى 6نۆلنى قىسقارتىشتىن كېيىن تۈركىيەدە  1.34يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار، 2006-يىلى 1.42يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى: (1923-يىلى)10-ئايىنىڭ 29-كۈنى (جۇمھۇرىيەت كۈنى). 
     قىسقىچە تارىخى:  تۈركىيە سالجۇقىلار دەۋردىلا بۈيۈك ئىمپىرىيە قۇرغان. كېيىن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن شىمالى ئافرىقا ۋە شەرقى ياۋروپاغا قەدەر بولغان ئارىلىققا 500يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1- دۇنيا ئۇرۇشتا مەزگىلىدە، تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر سېپىدە تۇرۇپ ئۇرۇشتا مەغۇلۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئافرىقا ھەم كىچىك ئاسىيادىكى بېقىندى دۆلەتلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە مۇستەملىكىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 1919- يىلى مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدىكى مىللىي بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىنى چېكىندۈرىدۇ. 1920- يىلى مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. 1923- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇمھۇرىتەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، مۇستاپا كامال تۇنجى پىرىزدېنت بولىدۇ.
  تۈركىيەنىڭ ئىلىكتىرلىشىش ۋە ئالاقە ئىشلىرى ئورتىھال تەرەققى قىلغان بولۇپ مۇقىم تېلپون ئابونتى19مىلىيۇن، يانپون ئابونتى44مىلىيۇن ، ئىنتېرنېت ئابونتى 13مىلىيۇن بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1299 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01