ۋارېن باففېت(1930-)دۇنيادىكى 2-باي

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    دۇنيادىكى 2-باي ۋارېن باففېت

    دۇنيادىكى بايلارنىڭ ئىچىدە شىركىتىنىڭ ھىچقانچە نامى چىقمىغان، شۇنداقلا پايچېكى سېتىۋېلىش ئارقىلىق باش كۆتىرىپ ، پاي چېكى سېتىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ باي شەخس قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلار بەك ئاز. ھازىر دۇنيا پايچېكى بازىرىدا ۋېرېن بافاېت ھەممىگە تونۇشلۇق يېتەكچى بولۇپ قالدى. ۋارىننىڭ پاي چېكى ساھەسىدە تەجرىبىسى مول بولغاچقا ۋە بۇ ساھەدە ئابرويى بولغاچقا بىرەر شىركەتنى«پاي چېكى چۈشۈپ كېتىشى مۈمكىن» دەپ دەپلا قويسا پۈتۈن دۇنيادىكى پايچىكلار ئەنسىرەپ قولىدىكى پايچېكىنى سېتىۋېتىشكە ئالدىرايدۇ. نەتىجىدە ئۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى راستلا چۈشۈپ كېتىدۇ. ۋارېن پالانى شىركەتنىڭ پايچېكىنى سېتىۋاپتۇ دىگەن خەۋەرمۇ بىرەر شىركەتنىڭ پايچېكىنى ئۆرلىتىۋېتىشكە قادىر. شۇڭلاشقا ھازىر ۋارىن ئۆزىنىڭ پايچېكىنى بازارغا سالدى. كىشىلەر تەجرىبىسى بولمىسىمۇ ۋارىننىڭ قولى ئارقىلىق پاي چېكى سېتىۋېلىپ پايدا ئالالايدىغان بولغاچقا ۋارىننىڭ پاي چېكى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ بازىرى ئىتتىك ۋە باھاسى ئۈستۈن پايچەك ھىساپلىنىدۇ.
    دۇنيا بۇيىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەبلەغشۇناس، 2006-يىلى 56مىلىيارد دوللار شەخسى مۈلكى بىلەن دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى چوڭ باي ئاتالغان ۋارىن بافىت 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 30- كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئۇماخا شەھرىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ كىچىكىدىنلا سودا ئىشلىرىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى.  بولۇپمۇ پاي چېكى ۋە سان - سىفىرغا بولغان قىزىقىشى جەمەتىدىكى ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى.  ئۇ ئولتۇرسا قوپسا پۇل تېپىشنىڭلا كويىدا يۈرەتتى، 5ياشقاكەلگەندە تۇنجى قېتىم پۇل تېپىش يولىغا كىرىپ سېغىز يايمىسى ئاچقان، سەل چوڭ بولغاندىن كىيىن دوستى بىلەن گولىف توپ مەيدانىغا بېرىپ بايلار ئويناپ بۇلۇپ تاشلىۋەتكەن توپلارنى يىغىپ ، يەنە ئەسلىدىكى زاۋۇتلىرىغا سېتىپ بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتىكى سودىسىمۇ ئىنتايىن گۈللەنگەن ئىدى.  ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۈگىنىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا گېزىت ساتقاندىن سىرىت يەنە دوستى بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارغا ئۇيۇنچۇق ئىجارە بېرىپ پۇل تاپقان.
     1941-يىلى ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن ۋارىن بافىت پاي چېكى بازىرىغا كىرىپ ئۆمرىدىكى تۇنجى پاينى سېتىۋالغان.
     1947-يىلى ئۇ پېنسىلۋانىيە ئونۋىرسىتىتىنىڭ مالىيە ۋە كارخانا باشقۇرۇش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان، بىراق ئىككى يىلدىن كىيىن پىروفىسورلارنىڭ قۇرۇق نەزرىيىسى قۇلىقىغا ياقماي، قايتا ئىمتىھان بېرىپ كولومبىيە ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان.  ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق مەبلەغشۇناسلىق نەزەرىيىچىسى بىنىيامىننى ئۇستاز تۇتقان.  ئەينى ۋاقىتتا بۇنيامىن ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن نەزەرىيىلەر بىلەن ئەسلىدىنلا تالانتلىق ۋارىن بافىت خۇددى بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك پۇرسەتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئىلگىرلىگەن ھەمدە ئۇستازى بۇنىيامىننى ئەڭ پەخىرلەندۈرىدىغان شاگىرتقا ئايلانغان.
     1950-يىلى خارۋارد ئونۋىرسىتىتىنى ئىلتىماس قىلىپ خارۋارد تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
     1951-يىلى 21 ياشلىق بافىت ئۇقۇش پۈتتۈرگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقۇرى نەتىجە +Aغا ئىرىشكەن.  لېكىن ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا كۆپ قېتىم رەت قىلىنىشقا ئۇچراپ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىشقا ئامال بولمىغان. ھەمدە 1956-يىلى يۇرتىغا قايتقان، ئەينى ۋاقىتتا ياش ھەم جاسارەتلىك ۋورىن بافىت ئۆز تەقدىرىگە زادىلا تەن بەرگۈسى كەلمىگەن ھەمدە ئۆزى مۇستەقىل بىر ئىگىلىك تۇتۇشنى قارار قىلغان. بىر قېتىم ئۇ دادىسىنىڭ بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا توساتتىن باشقىلارنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قەسەمنى قىلغان، يەنى «30ياشقا بارغۇچە بىر مىليون دوللارلىق قىممەتتە مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولالمىسام ئۈزەمنى ئوماخا شەھرىدىكى ئەڭ ئىگىز بىنادىن تاشلىۋالىمەن».
     ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ۋە بىر بۈلۈك دوستلىرى بىر يۈز بەش مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ بافىت چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان، بۇ پۇلنىڭ ئىچىدە ئۇ چىقارغان مەبلەغ ئاران 100 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.
     شىركەت قۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇ ئىنتايىن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن شۇنداقتىمۇ شۇ يىل ئاخىردا ئۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان شىركەت 5 كە يەتكەن.  خۇجايىن بولغان بافىت باشقىلارنى تەئەججۈپلەندۈرۈپ كۈن بۇيى ئوماخادىكى ئۆيدىن چىقمىغان ئەمەلىيەتتە ئۇ ماتېرىيال دۆۋىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇنىڭ ھەر كۈنى قىلىدىغان بىر دىن بىر خىزمىتى باھاسىدا ئۆز قىممىتى تۇلۇق ئىپادىلەنمەي قالغان پاي چەكلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىش ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىپ باھاسىىنىڭ ئۆرلىشىنى كۈتۈش ئىدى.  بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇستازى بۇنىيامىندىن ئۈگەنگەن «ئالتۇن قىزىش سىرى» ئىدى. نەق مانا مۇشۇ سىر ئۇنى بايلىق تئغىنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇرۇپ دىگۈدەك ئەپچىقىپ قويدى.
1957-يىلى ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى مەبلەغ 300مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا 700مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. 1962-يىلى ئۇنىڭ ئىلكىدىكى مەبلەغ 7مىليۇن200مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى،
     ئۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى شەخسى ئۈزىگە تەۋە ئىدى.
     1964-يىلى ئۇنىڭ شەخسى مۈلكى 4مىلىيۇن دوللارغا، ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى مەبلەغ بولسا 22مىلىيۇن دوللارغا يەتتى.
     1972-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىدا بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ھادىسىسى كۈرۈلگىنىگە بىر نەچچە يىل بولغان بۇلۇپ ئۇ چاغدىكى پاي بازىرى بەكلا سۇلغۇن، پاي چېكى باھالىرىمۇ بەكلا تۈۋەن ئىدى، ھەممە خەق ئۈمىتسىزلىككە تولغان بۇلۇپ ۋورىن بافىت بولسا دەل ئەكسىچە ئىچى -ئىچىدىن بىر خىل خۇشاللىققا چۈمگەن ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ نەزرىدە شۇ ۋاقىتتىكى بازار ئەرزان پايلارغا تۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ بايلىق ئىلاھى ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغىلا كىلىپ قالغان ئىدى.  ئۇ ئالدى بىلەن كۈزىنى گېزىتچىلىك ساھەسىگە تىكتى ھەمدە تىۋىش چىقارماستىن بوستون يەر شارى گىزىتى ۋە ۋاشىنگىتون پوچتىسى گىزىتىنىڭ پېيىنى يىغىشقا باشلىدى. 10يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ ئەسلىدىكى سالغان 10مىلىيۇن دوللار مەبلىغى 200مىلىيۇن دوللارغا ئايلاندى.
     1980-يىلى ئۇ بىر يۈز يىگىرمە مىليون دوللار مەبلەغ چىقىرىپ10. 96دوللار باھادىن كۇكا كۇلا شىركىتىنىڭ %7پېيىنى سېتىۋالدى، 1985-يىلغا بارغاندا كوكا كولا شىركىتىنىڭ پاي باھاسى 51. 5دوللارغا چىقىپ ئەينى ۋاقىتتىكىدىن بەش ھەسسە ئۆرلىدى.
     1994-يىلغا بارغاندا ئۇنىڭ مۈلكى 23مىلىيارد ئامرىكا دوللىرىغا يىتىپ غايەت زور مەبلەغ سېلىش گورۇھىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، شۇ چاغدا بىر گەپ ئوتتۇرغا چىققان بۇلۇپ 30يىل ئىلگىرى كىم ۋورىن بافىت بىلەن بىرلەشكەن بولسا بايلىق راكىتاسىغا مىنگەنگە تەڭ بۇلاتتى.
     2006-يىلى ئۇنىڭ مۈلكى 48 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتىتى دۇنيا بۇيىچە ئىككىنجى چوڭ بايلىق ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، 2006-يىلى ئۇ يەنە دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قارارنى چىقاردى، يەنى ئۇ ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن، بارلىق مال مۈلكىنى، بېل گايتىس-مېلىندا پاراۋانلىق جەمىيىتىگە ئىئانە قىلىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
 

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-15 17:29:21]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 863 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01