مورولار

    مورولار

 مورولار ماھىيەتتە فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، ئىسپانىيىلىكلەر فىلىپپىنغا كەلگەندە بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيەنى بويسۇندۇرغان ئافرىقا قوشۇنلىرىغا ئوخشاش ئىبادەت ۋە تۇرمۇش شەكلى تۈپەيلى ئىسپانىيەلىكلەر فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ مورولار دەپ ئاتىغان( ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبى خوشنىسى بولغان ئافرىقىدىكى موروككو-ماراكەش، ۋە ماۋرتانىيە دىگەن دۆلەت نامىمۇ مۇشۇ مورو دىگەن نامدىن كېلىپ چىققان).
      مورولار چوڭ جەھەتتىن ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان تاۋى-تاۋى ۋە پالاۋان تاقىم ئاراللاردىكى مالاي تىل سېستىمىسى بىسايان تىللار ئائىلىسىگە تەۋە تاۋسۇگ(نوپۇسى بىر مىليۇن) قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن  باسلان ئارىلىدىكى مېسو تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ياكان(200مىڭ)، ساما(550مىڭ) قاتارلىق مىللەتلەر ۋە مىندانائو چوڭ ئارىلىدىكى  جەنۇبى فىلىپپىن تىل ئائىلىسىگە تەۋە ماگۇنداناۋ(بىر مىليۇن820مىڭ)، ماراناۋ(نوپۇسى بىر مىلىيۇن50مىڭ)، مىنداناۋنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى سۇبانۇن( نوپۇسى 370مىڭ)، سۇلۇ(نوپۇسى200مىڭ) قاتارلىق چوڭراق مىللەتلەر ۋە نوپۇسى يۈز مىڭغا توشمايدىغان 20دىن كۆپ  قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئون نەچچە مىللەتنى كۆرسىتىدىغان مىللەتلەر تۈركۈمى بولۇپ، مالاي، ئەنگىلىز ۋە ئەرەب تىللىرى بۇ رايونلاردا مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ.
     2007-يىلىدىكى سىتاتىسكىدا فىلىپپىندىكى مورولارنىڭ جەمى نوپۇسى 8مىليۇن230مىڭ بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونىدىن باشقا يەنە مىندانائو ئارىلىسىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ۋە  پالاۋان قاتارلىق جەنۇپتىكى ئاراللارغا تارقالغان. مورولارنىڭ مالايسىيا ۋە ھىندونوزىيەدىكى مىللەتلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار.
    مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مورولار ئىلگىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە مورو مىللى ئازاتلىق فىرونتى «مورو جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى نىشان قىلغان مىندانائو ۋە پالاۋان ئارىلىنىڭ 21مىليۇن نوپۇسىدا مورولار31%نى ئىگەللەيدۇ.
    مورولار ياشىغان رايون تارىختا بىرۇنىي سۇلتانلىقى، سۇلۇ سۇلتانلىقى ۋە ماگىنداناۋ سۇلتانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ئامېرىكا كېلىشتىن بۇرۇن ئاساسەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نىسبى مۇستەقىل ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ ئىسپانىيە كاتولىك مەدەنىيىتى مورولارغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ئامېرىكا فىلىپپىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە گەرچە يەرلىك سۇلتانلارنىڭ ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ ئەمما سۇلتان جەمەتى يەنىلا دىنى داھىلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان.
    مورولار مول بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز قاتنىشى سودا تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت تىپىغا ئىگە.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 23

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 14135 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01