مورو مىللى ئازاتلىق فرونتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مورو مىللى ئازاتلىق فرونتى
      مورو مىللى ئازاتلىق فرونتى (Moro National Liberation Front):
     فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلاتى. 1972-يىلى قۇرۇلغان.1977-يىلىدىن كېيىن سىرتقى دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنىڭ ئازىيىشى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسى گۇرۇھلارنىڭ كۈرەش ئۇسۇلى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن  ئىچىكى جەھەتتە مەلۇم مۇناسىۋىتى بولغان مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى ۋە مورو ئاپتونومىيە ئىتىپاقى بۇ تەشكىلاتتىن بۆلۈنۈپ چىققان.
    1996-يىلى مورو ئاپتونومىيە ئىتىپاقى مىندانائو ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان 6ئۆلكىدىكى(ئۇ چاغدا تۆت ئۆلكە ئىدى) مورو خەلقىگە ۋاكالىتەن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن يۇقارقى 6ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونوم رايونىنى تەشكىللەش تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندا نارازى بولغا بىر بۆلۈك كۈچلەر ئاپتونومىيە ئىتىپاقىدىن ئايرىلىپ مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. كۈچىيىپ كەتكەن، 15مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق خادىمى بولغان ھاشىم سالامەت باشچىلىقىدىكى مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى «پۈتۈن مىندانائو ۋە پالاۋان  ئارىلىدائۈزۈل-كېسىل مۇستەقىل بولغان، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان» دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش قىلىپ خەلقارا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ مۇئەييەن قوللىشىغا ئىگە بولغان ۋە 1998-يىلى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن مورو خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغان يەنە بىر تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېرورچى دەپ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغاچقا فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ھازى مورو مىللى ئازاتلىق فىرونتىنىڭ نۇر مىسسۇئارى باشچىلىقىدىكى ئاساسى قىسمى مىندانائو ئاپتونوم رايونىدا ھوقۇق تۇتىۋاتقان پارتىيە شۇنداقلا «خەلقارا ئىسلام كېڭىشى»نىڭ كۈزەتكۈچى ئەزاسى ھىساپلىنىدۇ.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-8 12:55:52]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 415 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01