خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش1904-يىللىق مېدىتسىنا مۇكاپاتى ساھىبى پاۋلو
پاۋلوۋIvan Petrovich Pavlov-روسيىلىك فىزىئولوگىيە ئالىمى.
1849-يىلى 9-ئاينىڭ26-كۈنى روسىيەنىڭ رازان ئوبلاستىدا تۇغۇلغان. 1870-يىلى سان پېتىربۇرگ ئۇنۋېرسىتىتىدا خىمىيە ۋە فىزىئولوگىيە ئوقۇغان، 1875-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھەربى ئىنىستۇتتا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1883-يىلى ئىمپىرىيە مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1884-يىلىدىن1886-يىلىغىچە گېرمانىيەدە يۈرەك-قان تومۇر ۋە ئۈچەي فىزىئولوگىيىسى ھەققىدە تەجرىبە بىلەن شۇغۇللانغان.
1890-1924-يىلغىچە ھەربى تىبابەت ئىنىستوتىنىڭ فىزىئولوگىيە پروفېسسورى بولغان ۋە پاۋلوۋ فىزولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇپ روسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ تىبابەت تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. 1904-يىلى شەرتلىك رېفلېكس نەزەرىيىسى ۋە ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئاساسى جەريانىنى شەرھىلەپ ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشقانلىقى توغرىسىدىكى فىزىئولوگىيىلىك تەتقىقاتى ئۈچۈن نوبىل مېدىتسىنا-فىزىئولوگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1936-يىلى 2-ئاينىڭ27-كۈنى لېنىنگىرادتا ۋاپات بولغان.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>