ئەييۇبىيە سۇلالىسى (1171-1250)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئەييۇبىيە سۇلالىسى
(1171-1250)

ئەييۇبىيە سۇلالىسى(1171-1250)شىمالىي ئافرىقا، غەربىي ئاسىيادىكى ئىسلام سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سالاھىددىن يۈسۈف بىننى ئەييۇبى قۇرغان.
      فاتىمىيە سۇلالىسى ئەھلى سەلىبنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ دېڭىز بويلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندا فاتىمىلەر خوشنىسى زەنگىد سۇلالىسىدىن ياردەم سورىدى. زەنگىد سۇلالىسىنىڭ پادىشاھ نۇرىدىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1169-يىلى ئەھلىسەلىب قوشۇنىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن سالاھىدىن تاغىسى باھائىدىن شىركۇھ (1169مۇسۇل ۋە ھەلەبتىكى تۈرك سانغۇنى) ۋە ئاتىسى نەجمىدىن ئەييۇبى بىلەن بىللە قوشۇن باشلاپ مىسىرغا كىرگەن ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتىسى ۋە شىركۇھ ۋاپات بولغاندا قوشۇنغا سالاھىدىن قوماندانلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىدى.
    1171-يىلى شىئەلەرنىڭ فاتىمىيە سۇلالىسىنى ئاغدۇرىۋېتىپ ، سۈننى مەزھەبنىڭ شافىئى مەزھىبىنى چىقىش قىلغان دىنى ھاكىمىيەت قۇرۇپ ، ئۆزىنى سۇلتان دەپ جاكارلىدى.
    ئورنى مۇستەھكەملەنگەن سالاھىددىن ئۆزى بىۋاستە قوشۇن باشلاپ، سەپنىڭ ئالدىدا ئۇرۇش قىلىپ ئەھلىسەلىب قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى ۋە ئىرۇسالىم، پەلەستىن، سۈرىيە  ۋە مىسۇپوتامىيىنىڭ شىمالى قىسمىنى قايتۇرۋالدى. 1174-يىلى زەنگىد سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ 1183-يىلىغا كەلگەندەھەلەپ ۋە مۇسۇلنى ئىشغال قىلىپ زەنگىد سۇلالىسىغا تەۋە بارلىق زىمىننى ئۆزىگە قاراتتىى ھەمدە دەمەشىقنى مەركەز قىلغان «ئەييۇبىيە ئىمپىرىيىسى»نى قۇردى.
     سالاھىدىن ئابباسىيىلار خەلىپىسىنىڭ دىني داھى ئىكەنلىگىنى ئىتراپ قىلغانلىقتىن پارچىلانغىنىغا ئۇزۇن بولغان ئابباسىلار خەلىپىسى گويا مىسىرغا قايتا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندەك بولدى ۋە سالاھىدىنغا «مىسىر، سۈرىيە، مەغرىب، ھىجاز ۋە يەمەننىڭ سۇلتانى» دىگەن ئۈنۋاننى بەردى.  ئەييۇبىلەر سۇلالىسى شىئە مەزھىپى ئەقىدىسىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەپ، سۈننى مەزھەبنىڭ قايتا باش كۆتىرىشىدە ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناش بىلەن بىرگە،  بىللە فاتىمىلەر قۇرغان ئەزھەر ئۇنىۋېرىستىنى دۇنيادىكى سۈننى مەزھەب جامائىتى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنياۋى مەدرىس قىلىپ چىقىشقا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. 
     1187-يىلى سالاھىددىن 60مىڭ كىشىلىك ئارمىيە تەشكىللەپ دېڭىز بويلىرىدىكى ئەھلى سەلىپنىڭ قالدۇق قورغانلىرىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە غەربى ئاسىيانى ئەھلى سەلىپتىن ئۈزۈل-كېسىل ئازات قىلدى.
     1193-يىلى سالاھىدىن ئۆلگەندىن كېيىن چوڭ ئوغلى مەلىك دەمەشىققە، ئىككىنچى ئوغلى ئەلى ئەزىز قاھىرەگە، كىچىك ئوغلى ھەلەپكە ھۆكۈمرانلىق قىلدى ۋە بارا بارا نىسبى مۇستەقىل ھالەتكە ئۆتۈپ توختىماي ئىچكى ئۇرۇش قىلدى، 1199-يىلىغا كەلگەندە سالاھىددىننىڭ ئىنىسى ئادىل ئەيۇبىيە سۇلالىسىنى قايتا بىرلىككە كەلتۈردى، 1218-يىلى ئادىل سۇلتان ئۆلگەندە ئادىل سۇلتاننىڭ ئوغلى كامىل سۇلتان ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى. ئەمما 1229-يىلى ئەھلى-سەلىپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالماي ئېرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقا كاردورىنى كىرىست ئارمىيىسىگە بۆلۈپ بەردى.  1244-يىلى ئەييۇبىيەنىڭ يېڭى سۇلتانى سالىھ نەجمىددىن خارەھىمدىن ياردەمگە ئەسكەر ئېلىپ ئېرۇسالىمىى قايتۇرىۋېلىپ كىرىست ئارمىيىسىنى پەلەستىندىن ئاخىرقى قېتىم قوغلاپ چىقاردى .
    1249-يىلى 11-ئايدا سالىھ نەجمىددىن سۇلتان ۋاپات بولدى، ئايالى شەجەرىدۇ نەجمىدىن سۇلتاننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈرمەي ئۈچ ئاي ئۆزى سۇلتانلىق يۈرگۈزدى. ئۈچ ئايدىن كېيىن نەجمىدىن سۇلتاننىڭ ئالدىنقى ئايالىدىن بولغان ئوغلى ئەزەم تۇرانشاھ قاھىرەگە كىرىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئىكەندىرىيە ئەتراپىدىكى كىرىست ئارمىيىسى قوشۇنلىرىغا زەربە بېرىپ فرانسىيە پادىشاھى لۇئىIX نى ئەسىرگە ئېلىپ ئەھلى سەلىپنى مىسىردىن قوغلاپ چىقاردى.
      1250-يىلىغا كەلگەندە ئوردىدىكى خارەزىمدىن كەلتۈرۈلگەن تۈرك ئەسكەرلەر(ئەرەبلەر ئۇلارنى ھەربى قۇل دەپ قارىغانلىقتىن مەملۇك دەپ ئاتىغان)نىڭ قوماندانى ئايبەك، خانىش شەجەرىدۇ بىلەن بىرلىشىپ تۇرانشاھنى قەستلەپ ئۆلتۈردى. ئەييۇبىيە سۇلالىسى ئاخىرلىشىپ مەملۇك سۇلالىسى تىكلەندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 383 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01