دىراك ۋە 1933-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

       دىراك(Paul Adrien Maurice Dirac) -ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر فىزىكا ئالىمى، ئەڭ ياش نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى.


       1902-يىلى بۇلىستوردا شىۋىتسارىيەلىك كۆچمەن سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق ۋاقىتلىرىدا ئوقۇشتا ئادەتتىكىچە بولغاچقا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان، شۇنداقتىمۇ تىرىشىپ ئىلگىرىلپ1921-يىلى بۇلىستېر ئۇنىۋېرىستىغا كىرىپلا ئېلىكتىر ماشىنىلىرى سانائىتى بويىچە باكلاۋېر بولغان. 1926-يىلى كامبىرىج  ئۇنۋېرسىتىتىدا پەلسەپە بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1927-يىلى 25 يېشىدا سانت جون ئىنىستىتۇنىڭ تەتقىقاتچىسى بولىدۇ، 1929-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە ئامېرىكا، ياپونىيە، سىبىرىيە قاتارلىق جايلاردا ساياھەت ۋە تەقىقاتتا بولغان. كېيىنكى يىلىدىن 1969-يىلىغىچە كامبىرىج ئۇنىۋېرستىدا ماتىماتىكا پىراففېسسورى بولغان.
      دىراك شرودېنگېرنىڭ دولقۇن تەڭلىمىسىنى ئېينىشتىيېننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى دولقۇن تەڭلىمىسىنى بەرپا قىلىپ، مىكرو زەررىچە ھەركىتىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. بۇ تەڭلىمە بويىچە ئۇ ئانتى ئېلېكتىرون، ئانتى پىروتون قاتارلىق ئانتى زەررىچىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بىشارەت بېرىدۇ، كېيىن بۇنى باشقا ئالىملار ئىسپاتلايدۇ.   1933-يىلى ئۇ گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ئېرۋىن سىودېنگىر بىلەن بىللە «يېڭىدىن شەكىللىنىدىغان ئاتوم نەزەرىيىسىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن»  نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. لېكىن سالاھىيەت سۈرۈشتۈرۈش ئارقىسىدا ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىگە مەملىكەت ئىچىدە ئۇزاققىچە ئېتىبار بېرىلمەيدۇ، ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئالتە يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا ئىلمىي مېدال تەقدىم قىلىدۇ.  مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ: «مەن بۇ ئالاھىدە مېدالنىڭ ئاللىقاچان ماڭا ئاتاپ قويۇلغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن ئۇنى ماڭا مانا ئەمدى بېرىشتى. چۈنكى بۇرۇن مېنىڭ يېشىم بەلگىلىمىگە توغرا كەلمەيتتى»دەيدۇ. 
       ئۇ نەزەرىيىۋى فىزىكىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرغان، بۇ ئۇسۇللار باشقا پەنلەرگىمۇ باب كېلىدۇ.  ئۇ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ ئىككى خىل ئاساس قىلىش ، يەنە بىرى، ماتېماتىكا ئاساسىنى ئاساس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەتقىقاتتا ئېچىۋېتىلگەن مېڭىنى ساقلىغان ھالدا يېڭى ئىدىيىنى قۇبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى. يەڭگىل ھالەتتە ساقلاپ، ئىجادىي تەپەككۈر پەيدا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ئەمەلىيىتىدىن خۇلاسىلەپ چىقىلغان بۇ نەتىجىلەر كىشىلەرگە مېتودولوگىيلىك ئىلھام بېرىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 354 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01