خەتكۈچ: يۇكاۋا خى؛ ياپونىيە؛ فىزىكا؛ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى؛ ئاسىيا؛
چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى
يۇكاۋا خىدېكى (Hideki Yukawa) ياپونىيلىك فىزىكا ئالىمى، 1907-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى توكيۇدا گىئولوگىيە ئالىمى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
1908-يىلى ئاتىسى كىيۇتو ئىمپىرىيە ئۇنىۋېرىستىغا بېرىپ پىراففېسسور بولغاندا ئائىلىسى بىلەن بىللە كىيۇتوغا بارغان. 1929-يىلى كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. 1932-يىلى توي قىلىپ 1933-يىلى ناگايا ئۇنىۋېرستىغا بېرىپ پىراففېسسور بولغان. 1938-يىلى ئوساكا ئىمپېرىيە ئۇنۋېرسىتىتىدا دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن كيوتو ئۇنۋېرسىتىتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1935-يىلى بىرخىل يېڭى يادرو كۈچى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىكتېر بىلەن پروتون ئوتتۇرىسىدىكى تېز ئۆزگىرىدىغان زەررىچە(مېزون)نىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇنداق زەررىچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كېيىنىكى ۋاقىتلاردا تەجرىبە ئارقىلىق دەلىللەندى.
يۇكاۋا 1946-يىلى ياپونىيەدە ئىنگىلىزچە «نەزەرىيىۋى فىزىكىغا يۈرۈش» نامىل ژورنالنى تەسىس قىلىپ ئۆزى مۇھەررىر بولغان. ئىككىلەمچى ئاتوم نەزەرىيىسى تەتقىقاتىدىكى غايەت زور نەتىجىلىرى ئۈچۈن 1949-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ نوبېل تەبىئى پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئاسىيالىق بولۇپ قالغان. 1953-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ كيوتو ئاساسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا تېنچلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ دۇنيا ئاتوم قوراللىرىنى چەكلەش ئالىملار كېڭىشىنى قۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.
يۇكاۋا 1981-يىلى 9-ئاينىڭ8-كۈنى نىيۇيوركتا ۋاپات بولغان.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1
>