ھېيزېنبېرگ(1901-1976)-يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ46-سى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ46-سى ھېيزېنبېرگ
(1901-1976)

   ھېيزىنبېرگ دۇنيا تارىخىدىكى يەنە بىر مۆجىزىلىك شەخس. كۋانت مېخانېكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى پۈتكۈل ئىلىم -پەن  ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ بىرى. 20-ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە، كىشلەر كىلاسسىك مېخانىكلىق قانۇنيەتنىڭ ئاتوم ۋە ئاتومدىن كىچىك جىسىملارنىڭ ھەركىتىنى شەرھىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. ھېيزىنبېرگنىڭ كۋانت مېخانىكىسى ھەققىدىكى نەزىريىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. ماتىماتىكىلىق ھىساپلاش ئارقىلىق ، ماكرو دونيادا كۋانت مېخانىكىسىنىڭ نەتىجىسى بىلەن كىلاسسىك مېخانىكىنىڭ ھىساپلاش نەتىنجىسىدىكى پەرىقنىڭ ئىنتايىن كىچىك بولدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . بىراق مىكرو دونيادا، كۋانت مېخانىكىسىنىڭ نەتىجىسى بىلەن كلاسسىك مېخانىكىنىڭ نەتىنجىسىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بۇلۇپ بۇنداق ئەھۋالدا كۋانت مېخانىكىسى ئارقىلىق چىقىرىلغان  نەتىجىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى ئسپاتلاندى .
         ھېيززىنبېرگ نەزىريىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى «ئېنىق ئۆلچىگىلى بولماسلىق پرىنسىپى»بۇلۇپ بۇ قائىدىنى ئۇ 1927-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان. «ئېنىق ئۆلچىگىلى بولماسلىق پىرىنسىپى» نەزىريە جەھەتتىن بىزنىڭ ئىلىم -پەندىكى ئۆلچەش ئىقتىدارىمىزنىڭ چەكلىك ئىكەنلىگى، فىزىكىنىڭ جىسىملارنىڭ قانونىيىتىگە قارتا تەخمىنى ھېسابلاشتىن باشقا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارغا قادىر ئەمەسلىگىنى چۈشەندۇردى. ئىلگىرى ئالىم دەپ قارالغان بەزى ئادەملەرنىڭ قىلغانلىرىنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى! ئالى مەكتەپ ۋە يۇقىرى تەقىقات ئورۇنلىرىنىڭ زېھنىنى بىر نەچچە ئەرزىمەس ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئىسراپچىلىق قىلىشتىن توسۇپ قالدى. 

    ئالىملار «ئېينىشتېيننىڭ نىسبىلىك نەزەرىيىسىنى چۈشىنىدىغان ئادەم 20دىن ئاشمىغان، بىراق ھېيزىنبېرگنىڭ بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسى نى ئېينىشتېينمۇ چۈشىنەلمىگەن» دىيىش ئارقىلىق ھېيزىنبېرگنىڭ تالانتى ۋە ئەقلىنى تەسۋىرلەيدۇ. بىز بۇنىڭدىن ھېيزىنبېرگنىڭ نەزەرەيە فىزىكىسىدىكى ئورنىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز.
         « ئېنىق ئۆلچىگىلى بولماسلىق پرىنسىپى» بىزنى فىزىكىنىڭ قاتتىق تەكشۇرۇش ئارقىلىق  قولغا كەلتۈرۈدىغان نەتىجىگە ئېرىشىش ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. بۇ نېگىزلىك ئىلىم -پەن پەلسەپىسى كۆزقارىشىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆزگۇرۇش . ھەتتا ئېينشتېيىنغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئالىملارمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان . لىكىن مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ ھازىرقى زاماندىكى ئالىملارنىڭ قوبۇل قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بىر خىل ئىسپاتتىن ئىبارەت.
      ھېيززىنبېرگنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نەزەريىلىرىنى ئەينى يىللىرى نوبېل فىزىكا كومىتېتىنىڭ ئادەملىرىمۇ چۈشىنەلمىگەن. نەتىجىدە ھېيزىنبېرگ نەتىجە قازىنىپ بەش يىلدىن كېيىن  1932-يىلى كۋانت مېخانىكىسى كەشپىياتى بىلەن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

   ھېيزىنبېرگ يەتتە بالىلىق بولغان. 1976-يىلى 76 يېشىدا قان تومۇر كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 19:16:53]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 210 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01