فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى
Republic of the Philippines


   
 يەر مەيدانى: فىلىپپىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى فىلىپپىن تاقىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ يەر مەيدانى  300مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرى 7100دىن ئارتۇق چوڭ -كىچىك ئارالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شىمالدىكى لۇزون ئارىلى بىلەن جەنۇبتىكى مىنداناۋ ئارىلى ئەڭ چوڭ، بۇ ئىككى ئارال پۈتۈن مەملىكەت يەر كۆلىمىنىڭ ئۇچتىن ئىككى قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ. 500چە ئارالنىڭ يەر كۆلىمى5.2كۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ. فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى ئاراللاردا 10مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان ياشايدۇ.

     نوپۇسى: 101مىلىيۇن833مىڭ. ئاھالىسىنىڭ 96% يەرلىك مالاي مىللەتلىرى بولۇپ تاگالولار 28%، كۇبانولار 13%، ئىلوكانولار 9%، بىسايانالار 7.6%، ئىلوڭگولار 7.5%، بىكوللار6%، قالغىنىنى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز باشقا مالاي مىللەتلىرى ئىگەللەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگولۇقلار ، ھىندونېزىيىلىكلەر ، ئەرەبلەر، ھىندىلار، ئىسپانلار ۋە قىسمەن يەرلىك ئاھالىلەر بار. 80% ئاھالە كاتولىك دىنىغا، 5.5ئاھالە پروتېستانت دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. جەنۇپتىكى 10% ئاھالە ئىسلام دىنى شافى مەزھىپىگە ئېتقاد قىلىدۇ . 2% بۇددا دىنى ۋە 1.8% ئىپتىدائىي دىنلارغا ئىشىنىدۇ.
    تىلى: لوزۇن ئارىلىدىكى ئاساسلىق مىللەت تاگالولارنىڭ تىلى دۆلەت تىلى ، ئىنگىلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ئىسپان تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى قوللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 80 خىل يەرلىك شىۋىلەر بار.
 پايتەختى: مانىلا، پايتەخت ئاھالىسى11مىلىيۇن 300مىڭ
    سىياسىي تۈزۈلمىسى: جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت . جۇمھۇرىيەتنىڭ پىرىزدېنتى ھەم دۆلەت باشلىقى، ھەم ھۆكۈمەت باشلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىرىزدېنت بىۋاسىتە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىل، قايتا سايلىنىشقا بولمايدۇ. قانۇن چىقىرش ھوقۇقى دۆلەت مەجلىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىدىن تەشكىل قىلىنغان.
     دۆلەت بايرىمى : فىلىپپىننىڭ دۆلەت بايرىمى ئىككى بولۇپ،( 1898-يىلى) 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىسپانىيەدىن ئايرىلغان كۈنى، 1946-يىلى 7-ئاينىڭ4-كۈنى ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى.
      قىسقىچە تارىخى : مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000 ـ  1000 يىللىرى ئۆپچۆرىسىدە مالاي تىل سېستىمىسىدىكى بەزى مىللەتلەر بۇ رايوندىكى بەزى ئاراللارغا ئىلگىرى كېيىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. . 15-ئەسىردە، ئىسلام دىنى مىنداناۋ ئارىلى ۋە سۇلۇ تاقىم ئارىلىغا تارقىلىشقا باشلىغان. 16- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇ رايوندا ئىككى سۇلتانلىق قۇرۇلغان. 1565- يىلى ئىسپانىيە سېبۇ ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، 300يىللىق مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان. بۇ مەزگىللەردە فىلىپپىن خەلقى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىسپانىيىلىكلەر بىلەن ئېلىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى زادىلا قوغلاپ چىقىرالمىغان. بۇ جەرياندا ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى شۇ چاغدىكى ئىسپانىيە پادىشاھ فىلىپنىڭ نامى بىلەن بۇ رايوننى فىلىپپىن دەپ ئاتىغان ۋە زور كۈچ بىلەن مەجبۇرى يۇسۇندا كاتولىك دىنىنى تارقاتقان. نەتىجىدە فىلىپپىندىكى ئىپتىدائى دىنلارغا ئىشىنىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەر كاتولىك دىنىغا كىرگەن.

     1898- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى مانىلا قولتۇقىدا ئىسپانىيە فلوتىنى يوقاتقان. 6- ئاينىڭ 12- كۈنى، فىلىپپن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ھەمدە فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئاكوينادو پىرىزدېنت بولغان. شۇ يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۇنى، ئامېرىكا فىلىپپىننى ئىشغال قىلغان. كېيىن ئامېرىكا -فىلىپپىن ئۇرۇشتىن كېيىن فىلىپپىن  ئۇرۇشى پارتىلىغان. ئىككى يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن فىلىپپىن ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان.
     1935- يىلى 11- ئايدا ، فىلىپپىندا «ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى» قۇرۇلۇپ، كاتولىكلار ۋەكىلى كۇيسۇڭ ۋە مۇسۇلمانلار ۋەكىلى ئوسمانىيە «ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى» نىڭ پىرىزدېنت ۋە مۇئاۋىن پىرىزدېنتلۇقىغا سايلانغان. ئەمما، فىلىپپىن يەنىلا ئامېرىكىنىڭ يېرىم ھوقۇقلۇق مۇستەملىكىسى بولۇپ قالىۋەرگەن . 

     1942- يىلى، فىلىپپىن ياپونىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، فىلىپپىن قايتا ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1946- يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۇنى فىلىپپىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. 1968-يىلى ماركوس فىلىپپىنغا پىرىزدېنت بولغان. 10نەچچە يىل ماركوسنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىن دىموكراتىيە تەرەپدارى ئاكىنونىڭ يېتەكچىلىكىدە 1984- يىلى 5-ئايدا ماركوسنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلغان. ئاكىنو قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى كىراسون ئاكىنو خانىم فىلىپپىنغا پىرىزدېنت بولغان.
      1996-يىلى 9- ئايدا فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مولو مىللىي ئازادلىق فرونتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇنىڭ بىلەن، 26- يىل سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلدى. 1998- يىلى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى، فىلىپپىندا پىرىزدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، ئەيستېرادا پىرىزدېنتلىققا سايلاندى. 
       ئىقتىسادى: فىلىپپىن 65% دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 31% نى تشكىل قىلىدۇ. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرا ئەتلىرىدىن: كوكۇس، شېكەر قومۇش، كەندىر، تاماكا قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئىچىدە كوكۇسنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا بويىچە 1- ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەت تۈپەيلى فىلىپپىن جەلپ قىلغان چەتئەل مەبلىغى ۋە چەتئەل ياردىمى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا  فىلپپىننىڭ ئېلىكتىرون، پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرش سانائىتى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتوموبىل سانائىتى ۋە ئېلىكتىرونغا مۇناسىۋەتلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى راۋاجلاندى. ئاساسلىق كان مەھسۇلاتلىرىدىن: ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، خروم ۋە نېكىل قاتارلىقلار بار. 
         فىلىپپىن ئىقتسادىنىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ‏-سىرتقا ئەمگەك كۈچى چىقىرىشتىن ئىبارەت. 2006-يىلى ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا ئەللەردىكى 10مىلىيۇنغا يېقىن فىلىپپىنلىق ئەمگەكچى نېفىت ئىشچىسى، ئائىلە خىزمەتچىسى قاتارلىق قارا ئەمگەك بىلەن شۇغۇللۇنۇپ بىر يىل ئىچىدە ئۆز ئائىلىسىگە 3مىليارد دوللاردىن كۆپرەك تاشقى پىرىۋود ئەۋەتكەن بولۇپ، تاشقى پىرىۋود فىلىپپىن ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.

       فىلىپپىنىىڭ 2011-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتى188مىلىيارد دوللار، كىشى بېشىغا 3500 دوللار توغرا كېلىدۇ. 2002-يىلى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىقتىسادى تېز ئەسلىگە كېلىپ، شۇندىن كېيىنكى يىللىق ئېشىش5% ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.
      فىلىپپىننىڭ پۇلى پىسو  . 2002-يىلى51.604  پىسو=بىر دوللار، 2004-يىلى56.04 پىسو بىر دوللار، 2006-يىلى 51.246 پىسو=بىر دوللار، 2010-يىلى 45.11 پىسو =بىر دوللار بولغان.

        2010-يىلى فىلىپننىڭ مۇقىم تېلپون ئابونتى 6مىلىيۇن783 مىڭ، يانپون ئابونتى 79مىلىيۇن896مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 8مىلىيۇن278مىڭ بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 677 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01