ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

1933-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بۇنىن(18

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 1933-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بۇنىن

     ئىۋان ئالېكسيېۋىچ بۇنىن(Ivan Bunin)روسيىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىرى ۋە يازغۇچىسى. ئۇ1870-يىلى ۋورونېژ ئوبلاستىنىڭ يېلتىس دېگەن يېرىدە سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ4-يىللىقغىچە ئوقۇپ مەكتەپتىن ئايرىلىپ تىرىكچىلىك قىلغان، كۇتۇپخانا، گېزىتخانىلاردا ئىشچى، ھۆكۈمەت ئورگىنىدا سىتاتىسكا خادىمى بولغان، كېيىنچە موسكىۋا ئۇنۋېرسىتىتىغا كىرىپ بىريىل ئوقۇغان.
  بۇنىن 17يېشىدىن باشلاپ شېئىر ئېلان قىلىشقا باشلىغان، «تۆكۈلگەن ياپراق»ناملىق شېئىرلار توپلىمى1901-يىلى پۇشكىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 19-ئەسىرنىڭ90-يىللىرىدىن كېيىن پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن شېئىرىيەت ئىجادىيىتى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدا يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ، 1906-يىلى روسيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، فىرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەم نۇرغۇن ماقالە-ئەسەرلەرنى يېزىپ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇ يەنە باشقا ئەللەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتىنى تەسۋىرلەيدىغان «ئىلاھىيەت دېڭىزى»، «ئۆلۈك دېڭىز»، «قۇياش ئىبادەتخانىسى» قاتارلىق شېئىرىي چۆچەكلەرنى يازغان.
     بۇنىن «نەسىرلىرىدە روسيە ئەدەبىياتننىڭ كىلاسسىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، نەپىس سەنئەت ئۇسۇلىنى ئىپادىلىگەن»لىكى ئۈچۈن1933-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن«ئارسېنيېفنىڭ ئۆمرى»، «مىگانىڭ مۇھەببىتى»، «قىيامەت»، «سان-فرانسىسكودىن كەلگەن مۆتىۋەر»قاتارلىق رومان، پوۋسىت، ھېكايىلىرى بار.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 449 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01