خىرىستان دىنىChristianity

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

خىرىستان دىنىChristianity

 

 

    خىرىستان دىنى نۆۋەتتە دۇنيادىكى تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، مۇرتلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۇنياۋى دىن. گەرچە 19-ئەسىردىن كېيىن باش كۆتەرگەن ئاتىزىم تەىسىردە خىرىستان دىنىنىڭ تەسىرى ئىلگىرىكى يىللاردىن كۆپ ئاجىزلاپ كەتكەن، ئاتاقتا خىرىستان ئاتىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنغا ئىشەنمەيدىغان بولسىمۇ ئەمما خىرىستان دىنى ئەنئەنە جەھەتتىن يەنىلا ئىككى مىلىيارت مۇرتى بولغان، دۇنيادىكى نوپۇس ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ كۈچلۈك دىن بولۇپ تۇرماقتا.
     خىرىستان(Christianity) دىنى دىگەن ئاتالغۇ خىرىستانلار چوقۇنىدىغان كىرست بەلگىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ كىرست ئاھالىسى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خىرىستان دىنى بەزىدە ئەيسا دىنى Jesus دەپمۇ ئېلىنىدۇ.
   خىرىستان دىنى مىلادى 1-ئەسىردە يەھۇدىلارنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسەلام تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولسىمۇ ئەمما ئىيسا ئەلەيھىسسەلام يەھۇدى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ دارغا مىقلانغان چاغدا پەقەت 12نەپەرلا شاگىرتى بولغان. ئىيسا ئەلەيھىسسەلام دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىيسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكى، قىيامەتتىن بۇرۇن يەر يۈزىگە چۈشۈپ ئادالەت ئورنىتىدىغانلىقىدەك تەشۋىقاتىنى كېڭەيتكەن، كېيىن سان پېتېر ئىيسا ئەلەيھىسسەلامنى چۈشىدە كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغان ۋە دىن تارقىتىشقا، ئىنجىلنى رەتلەپ تارقىتىپ مۇرت توپلاشقا كىرىشكەن. خىرىستان دىنى دەسلىپىدە شۇ چاغدا ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. مىلادى 135-يىلى تارىختىكى پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئورتاق بولۇشىغا قارىماي، خىرىستان دىنى رەسمى تۈردە يەھۇدى دىنىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل ۋە يەھۇدى دىنى بىلەن قارىمۇ-قارشى بولغان دىن سۈپىتىدە تەرەققى قىلغان. مىلادى   392-يىلى رىم ئىمپىراتۇرى جۇلىيۇس خىرىستان دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىرىستان دىنى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ سۈرىيەدىن ئىسپانىيەگىچە، رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ شىمالى چېگرىسى بولغان بوھمىيە(بۈگۈنكى چېخ)دىن جەنۇپتا ئېپىئوپىيە(ھەبەشىستان) گە قەدەر بولغان ئارىلىققا كەڭ تارقالغان.
       مىلادى 7-ئەسىردە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن خىرسىتان دىنى پۈتكۈل غەربى ئاسىيا ۋە شىمالى ئافرىقىدىن پۈتۈنلەي دىگۈدەك سىقىپ چىقىرىلغان. ياۋروپانىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن كېيىن ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئافرىقا ۋە ئامېرىكىدا غايەت زور مۇستەملىكىلەرنى بەرپا قىلىشى نەتىجىسىدە خىرىستان دىنى يەتتە قىتئەنىڭ ھەر بىرىدە  يۈز مىلىيۇندىن ئارتۇق ئىشەنگۈچىلىرى بار بولغان، دۇنياۋى دىنغا ئايلاندى.
      رىم ئىمپىرىيسى شەكىللىنىشتىن بۇرۇنلا ئىمپىرىيەنىڭ شەرقى قسىمىدىكى يۇناندا يۈكسەك تەرەققى قىلغان مەدەنىيەت بار ئىدى. ئىمپىرىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تىلى بولغان لاتىن تىلى بىلەن يۇناننىڭ گىرىك تىلى رىم ئىمپىرىيىسىسىدە ئىككى تۈۋرۈكتەك قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. خىرىستان دىنى بىلەن تەڭ دىگۈدەك پەيدا بولغان پەرقلەرنىڭ بارا-بارا كونكىرتلىشىپ بېرىشى نەتىجىسىدە مىلادى 1054-يىلى خىرىستان دىنى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ كونا پايتەختى رىمنى مەركەز قىلغان، لاتىن تىلىنى ئىبادەت تىلى قىلغان كاتولىك دىنىCatholisim ۋە شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتىپۇلنى مەركەز قىلغان، گىرىك تىلىنى ئىبادەت تىلى قىلغان پىراۋۇسلاۋىيە دىنى Orthdoxyدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەككە پارچىلىنىپ كەتكەن.
       مىلادى 16-ئەسىردە گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق جايلاردا مارتىن لۇتېر، كالۋېن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدا رىم پاپىسىغا قارشى دىنى ھەركەتلەر بولغان. نەتىجىدە يەرلىكلەرنىڭ مەنپەئەتىگە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ رىم پاپىسىغا زاكات بېرىشتىن بەكرەك پايدىلىق بولغان، زاكاتنى ئۆز دۆلىتىدە قالدۇرۇپ كاتولىك دىنىنىڭ نۇرغۇن چەكلىمىلىرى بىكار قىلىنغان ۋە  لۇتېرLutheran Church ، كالۋېنReformed Churches ۋە ئەنگىلىيە يېڭى دىنى(Anglican Commuion)دىن ئبارەت ئۈچ ئاساسى مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىرىستان دىنىنىڭ يېڭى مەزھىبى پىروتىستانت دىنىProtestantism بارلىققا كەلگەن.
    ياۋوپا تارىخىدا دىننىڭ دۆلەت ۋە كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى بەك چوڭ بولغان، تارىختىكى ئىمپىراتۇر ۋە سىياسى قارا نىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك دىننى بايراق قىلىپ كۆتىرىپ چىققانلىقتىن غەربى ياۋروپانىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا پاپا پادىشاھلارغا تاج كەيدۈرىدىغان ئادەت ساقلىنىپ كېلىش بىلەن بىرلىكتە خىرىستان دىنىدىكى ھەر قايسى چوڭ مەزھەپلەرمۇ دۆلەتلەرنىڭ چوڭ-چوڭ دىپلوماتىك ئىشلىرى ھەربى ئىتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ كەلگەن.
     خىرىستان دىنىنىڭ ساماۋى كىتابى ئىنجىل بولسىمۇ ئەمما كاتولىك دىنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى لاتىن تىلىدىكى ئىنجىلنى ئوقۇغاندىن باشقا ھەر قايسى مەزھەبلەر قوللىنىدىغان ئىنجىل نۇسخىلىرىدا خېلىلا روشەن پەرق بار. ئىنجىل ئەمەلىيەتتە كونا ئەھدە-«تەۋرات» ۋە يېڭى ئەھدە«ئىنجىل» دىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. تەۋرات قانۇن، ئىبادەت، تارىخ ۋە باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39پارىدىن تەشكىل تاپقان يەھۇدىلارنىڭ ساماۋى كىتابى بولۇپ، ئىيسا ئەلەيھىسسەلام ۋە سان پىتىر ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن دەپ قاراپ نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەن، ئىنجىل ئىلھام، تارىخ، ھەۋارىيۇنلار(ئىيسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ شاگىرتلىرى) خەت چەكلىرى ۋە «يۇھان ئىنجىل»، «لۇقا ئىنجىل»، «ماتتېۋ ئىنجىل»، «مارك ئىنجىل» قاتارلىق تۆت ئىنجىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  تۆت تۈردىن تۈزۈلگەن بولۇپ جەمئى 27پارە.
     خىرىستانلارنىڭ دىنى قائىدىلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزھەبلەر ئارىسىدا پەرق بەك چوڭ بولسىمۇ ئەمما باشقا دىنلارغا ئوخشاشلا قىيامەت، جەننەت دوزاخلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىشتىن سىرت، ئىيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ بىلىش، يەكشەنبە كۈنى خۇدا، ئەيسا ۋە مەرىيەمنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈپ ئىبادەت قىلىش، خۇدانىڭ بەندىلىرىگە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئەزىلى گۇناھ(ئادەم بالىلىرى جەنەتتىن گۇناھ بىلەن چۈشۈرۈلگەن بولغاچقا تۆۋبە قىلىپ پاكلىنالمايدۇ، پەقەت ئىيساغا تايىنىپلا گۇناھتىن پاكلىنىش مۈمكىن) دىگەندىن ئىبارەت ئۈچ ئېتىقاد، ئۆزىگە ئىلاھ تىكلەپ ھەيكەل تىكلىۋالماسلىق، خۇدا مەريەم ۋە ئىيساغا تىل تەگكۈزمەسلىك، مۇقەددەس كۈندە ئىشلىمەسلىك،  ئادەم ئۆلتۈرمەسلىك، زىنا قىلماسلىق، ئوغىرلىق قىلماسلىق، ئاتا-ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلماسلىق، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەسلىك، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە ئايالىغا تاجاۋۇز قىلماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان10ھارام قاتارلىق ئورتاق نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۈمكىن. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 785 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01