نوبېل مۇكاپاتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

نوبېل مۇكاپاتى

    شىۋىتسىيەلىك پارتىلاتقۇچ دورا ئالىمى نوبېل 1896-يىلى ئىتالىيەدە ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى ھاياتىدىكى 355پاتنېت ۋە 9مىلىيۇن200مىڭ ئامېىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى فوند قىلىپ تۇرۇپ خەتەرسىز تۆۋەن پايدىلىق مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىپ يىللىق پايدىسىنى فىزىكا ، خېمىيە، مىدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تېنچلىقتىن ئىبارەت بەش ساھەدىكى «شۇ يىلى دۇنياۋى تۆھپە ياراتقان نەتىجە ئىگىلىرىدىن بىرىگە، ھىنچقانداق دۆلەت، مىللەت، دىن، ئىرق ۋە  جىنىس ئايرىمىغان ھالدا  بېرىش، شىۋىتسىيە ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپات ئىشلىرىغا ۋە باھالاش جەيانىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ » دىگەن ۋەسىيىتىنى قالدۇرىدۇ. 1900-يىلى 6-ئايدا شىۋىتسىيە مۇكاپاتى نوبېل پوندىنى تەستىقلايدۇ ۋە كېيىنكى يىلى نوبېل ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 5 يىىلىقى ھارپىسىدا تۇنجى مۇكاپاتنى تارقىتىشنى قارار قىلىدۇ. ئالدىنقى 4 ساھەنىڭ مۇكاپاتىنى شىۋىتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمدىكى خانلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارقىتىدۇ. تېنچلىق مۇكاپاتىنى بولسا نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى نورۋېگىيە خانلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارقىتىدۇ.
     تۇنجى نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇش تۈپەيلى مۇكاپات تارقىتىلمىغاندىن باشقا ھازىرغىچە ھەر يىلى تارقىتىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. نوبېل پوندىنىڭ ئۆزلۈكسىز كېڭىيىشى ، پايدىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ھەر يىلى بېرىلىدىغان نوبېل مۇكاپات سوممىسى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ ماڭماقتا. نوبېل مۇكاپاتى تۇنجى تارقىتىلغاندا قىممىتى 31مىڭ دوللار ئىدى، 60-يىللاردا 75مىڭ دوللار، 70-يىللاردا 200مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولغان بولسا ھازىر تارقىتىلغان مۇكاپاتنىڭ سوممىسى بىر مىلىيۇن 500مىڭ دوللارغا يەتتى.
    نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش خىزمىتىنى نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى ئىشلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 5 كىشىنى نورۋېگىيە پارلامېنتى سايلايدۇ. باھالاش كومىتېتى ھەر يىلى 9-ئايدىن كېيىنكى يىلى 31-يانۋارغىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يوللانغان نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. 1-فېۋرالدىن باشلاپ، باھالاش كومىتېتى بارلىق نامزاتلار ئىچىدىن رەسمىي نامزات بولغۇچىنى تاللايدۇ، نەچچە ئاي مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق مۇكاپاتلانغۇچىنى بېكىتىدۇ، ئاندىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر جۈمە كۈنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
ئادەتتە شىۋىتسىيە ۋاقتى ھەر يىلى  10-ئاينىڭ9-كۈنى فىزىكا مۇكاپاتى، 10-ئاينىڭ10-كۈنى خېمىيە مۇكاپاتى، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەدەبىيات مۇكاپاتى،  10-ئاينىڭ 12-كۈنى تېنچلىق مۇكاپاتى، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
    ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى شىۋىتسىيە پايتەختى سىتوكھولىم ۋە  نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلونىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇكاپاتلانغۇچىغا گۇۋاھنامە، ئالتۇن مېدال ۋە مۇكاپات پۇل چېكى بېرىلىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى خاتىرە ئىزنىكى ئېغىرلىقى 270گىرام بولغان 23كاراتلىق ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ دىئامېتىرى نوبېلنىڭ يېشىغا تەقلىد قىلىنغان ھالدا 6.4سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئالتۇن مېدالنىڭ ئوڭ تەرىپىگە نوبېلنىڭ باش رەسىمى چۈشۈرۈلگەن، ئارقىسىغا ھەر قايسى مۇكاپاتلارنىڭ ئىزنىكىگە ئوخشاش بولمىغان خەتلەر يېزىلىدۇ. مەسىلەن تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خاتىرە ئىزنىكىگە«ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە دوستلۇقى ئۈچۈن» دېگەن خەت چىقىرىلغان. 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 481 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01