شىللېر شۋېتسىيلىك ياش خىمىك، 1742 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سىترالسوند شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا، 13 يېشىدىلا گوننىبورگدىكى دورىگەر بوخىنىڭ دورىخانىسىدا شاگىرت بولغان. بۇ بالا دورىخانىغا كەلگەندىن كېيىن، ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلغان. ئۇ دورا ياساشنى ئۆگىنىش داۋامىدا، ماددىلار سۈپەت ئۆزگىرىشى ياسىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كېرەكلىك نەرسىلەر ھاسىل بولغانلىقىدەك ئاجايىپ قىزىق خىمىيىلىك ئۆزگىرىشنى بايقىغان. بۇ ئەھۋاللار ئۇنىڭدا خىمىيىگە نىسبەتەن چوڭقۇر قىزىقىش پەيدا قىلغان. ئۇ بوخې ئۇستامنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىدۇ، كۈندۈزى خىزمەت قىلغاننىڭ سىرتىدا بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەركۈنى كەچتە يېرىم كېچىگىچە ئۆگىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە كۇتۇپخانىدىكى خىمىيىگە دائىر مەشھۇر كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ چىقىدۇ. شۇنداقلا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلەيدۇ. كېيىن، شىللېر يەنە خىمىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىدۇ.
شىللېر 1786-يىلى مايدا ئۆسۈملۈكلەردىكى گاللوۋ كىسلاتاسىنى ئىزلەۋاتقان ۋە تەجرىبە قىلىش ئىشى تۈگىمىگەن چاغدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1
>