دۇنيا ئىسلام كېڭىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 دۇنيا ئىسلام كېڭىشى

   دۇنيا ئىسلام كېڭىشى(Organization of the Islamic Conference ) ئەللىك يەتتە مۇنتىزىم ئەزا دۆلىتى، ئالتە كۈزەتكۈچى ئەزاسى بار، ئەرەب، ئەنگىلىز، فرانسۇز تىلىنى تەشكىلاتنىڭ كۈندىلىك ئالاقە تىلى قىلغان، دۇنيادىكى ب د ت دىن قالسىلا ئەزا سانى ئەڭ كۆپ خەلقارا تەشكىلات.
    1969-يىلى 8-ئاينىڭ21-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئاقسا مەسجىدىگە ھۇجۇم قىلشى ۋەقەسى يۈز بەردى. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ25-كۈنى ماراكەش پايتەختى راباتتا دۇنيادىكى 23 مۇسۇلمانلار كۆپ ساننى ئىگەللايدىغان دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن «ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەقسىدىدە دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ قەرەللىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ  مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسى ھاياتى ۋە ئىتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلقارا تەشكىلات سۈپىتىدە قۇرۇلغان.
     ئىسلام كېڭىشى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان ئىسلام ئەللىرى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى، يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان ئىسلام  ئەللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن سىرت يەنە مۇقىم كاتىپ تەسىس قىلغان بولۇپ ھازىرقى كاتىۋى تۈركىيىلىك دوكتۇر ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇ 2005-يىلىدىن باشلاپ باش شىتابى جىددىدە بولغان ئىسلام ئەللىرى كېڭىشىنىڭ كاتىبات باشقارمىسىدا  ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.
    دۇنيا ئىسلام كېڭىشىگە قاراشلىق بولغان تارماق ئورگانلاردىن باش شىتابى ئەنقەرەدە بولغان «دۇنيا ئىسلام ئەللىرى سىتاتىسكا، ئىقتىساد، جەمىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات تەربىيىلەش مەركىزى»، باش شىتابى ئىستانبۇلدىكى «ئىسلام تارىخى، سەنئەت، مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى»، بېنگال پايتەختى داككادىكى «ئىسلام تېخنىكا ئۇنىۋېرستى»، باش شىتابى ماراكەشنىڭ كاسابلانكا شەھرىدىكى «ئىسلام ئەللىرى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى»، باش شىتابى جىددەدىكى «ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى»، «ئىسلام ئۆلىمالار ئىنىستوتى» ۋە «ئىسلام ئىتىپاقلىق فوندى ۋە ۋەخپە ئىجرائىيە ھەيئىتى»، نىگېر جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇگاندادىكى ئىسلام كېڭىشىگە بىۋاستە قاراشلىق «ئىسلام ئۇنىۋېرستى» قاتارلىقلار، مەخسۇس تەشكىلاتلاردىن باش شىتابى ماراكەش پايتەختى راباتتىكى «ئىسلام مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى»، ۋە باش شىتابى جىددەدىكى «ئىسلام ئەللىرى رادىئو-تېلېۋىزىيە تەشكىلاتى»، «خەلقارا ئىسلام ئاگېنتلىقى» قاتارلىقلار بار.
    پاكىستاننىڭ كاراچى شەھرىدىكى «دۇنيا مۇسۇلمان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى»، مالايسىيەنىڭ كۇئالالومپۇردىكى «دۇنيا ئىسلام ئىقتىساد مۇنبىرى»، «ئىسلام ئەللىرىنىڭ پايتەخت ۋە شەھەرلىرى تەشكىلاتى»، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھرىدىكى «ئىسلام تەنھەركەتچىلەر بىرلەشمىسى»، لىبىيەنىڭ بەنىغازى شەھرىدىكى «ئىسلام ئىسلام قىزىل ھىلال ئاي ھەيئىتى»، جىددە شەھرىدىكى «ئىسلام كېمىسازلىق جەمىيىتى»، «خەلقارا ئەرەب-ئىسلام ئۇنىۋېرستى»، «دۇنيا ئىسلام بانكىلىرى بىرلەشمىسى»، ئىستانبۇلدىكى«دۇنيا ئىسلام كېڭىشى ياشلار پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مۇنبىرى» قاتارلىقلارمۇ دۇنيا ئىسلام كېڭىشىگە بىۋاستە قاراشلىق ئىجتىمائى تەشكىلات بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
 

دۇنيا ئىسلام كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى :
1. ئافغانىستان
2. ئالجىرىيە
3. چاد
4. مىسىر
5. گىۋىنىيە
6. ھىندونوزىيە
7. ئىران
8. ئىئوردانىيە
9. كۇۋەيت
10. لىۋان
11. لىۋىيە
12. مالايسىيە
13. مالى
14. ماۋرتانىيە
15. ماراكەش
16. نىگېر
17. پاكىستان
18. پەلەستىن
19. سەئۇدى ئەرەبىستان
20. سېنېگال
21. سومالى
22. تۇنىس
23. تۈركىيە
24. يەمەن
25. بەھرەين
26. ئومان
27. قاتار
28. سۈرىيە
29. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى
30. سېررالىئون
31. بېنگال
32. گابون
33. گامبىيە
34. گىۋىنىيە بىسساۋ
35. ئۇگاندا
36. بوركىنافاسو
37. كامېرون
38. كومورو
39. ئىراق
40. مالدىۋى
41. جىبۇتى
42. بېنىن
43. برۇنېي
44. نىگېرىيە
45. ئازەربەيجان
46. ئالبانىيە
47. قىرغىزىستان
48. تاجىكىستان
49. تۈركمەنىستان
50. موزامبىك
51. قازاقىستان
52. ئۆزبېكىستان
53. سۇرىنام
54. توگو
55. گۇيانا
56. كوتىدىۋورې

 


  

دۇنيا ئىسلام كېڭىشىنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزالىرى :
1. بوسنىيە گىرىتسوگوۋىنا
2. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى
3. شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى
4. تايلاند پادىشاھلىقى
5. رۇسىيە فىدىراتسىيىسى

ئىسلادم كېڭىشىنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئىگە تەشكىلات
فىلىپپىن مورو ئازادلىق تەشكىلاتى

ئىسلام كېڭىشىگە كۈزەتكۈچى ئەزا خەلقارا تەشكىلات
1.ئەرەب ئەللىرى ئىتىپاقى
2.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
3.ئىتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر ھەركىتى
4.ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى
5.ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى


   

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1240 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01