تۇۋا جۇمھۇرىيىتى 

     تۇۋا جۇمھۇرىيىتى



    تۇۋا جۇمھۇرىيىتى رۇسىيەنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن تۇتىشىدىغان يىنىسەي(ئاناساي) تاغلىق رايونىغا جايلاشقان، رۇسىيە فىدىراتسىيىسى سىبىرىيە فىدىراتسىيە ئوبېكتىغا قاراشلىق تاغلىق جۇمھۇرىيەت.
     يەر كۆلىمى 170مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر.
     پايتەختى: قىزىل شەھىرى نوپۇسى 110 مىڭ. مۇھىم شەھرى ئاكدۇۋۇراك(ئاقتوغراق);
     نوپۇسى: 2012-يىلىدىكى سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسى 307 مىڭ 930 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركى مىللەت تۇۋالار 250 مىڭ ئادەم بولۇپ جۇمھۇرىيەت ئومۇمى نوپۇسىنىڭ %82 نى ئىگەللەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا  رۇسلار 49 مىڭ ئادەم، خاقاسلار مىڭ 800 ئادەم، ئۇكرائىنلار 2 مىڭ ئادەم قالغانلىرى سانى مىڭغا يەتمەيدىغان باشقا مىللەتلەر بار. تۇۋالار بۇددا دىنىنىڭ لاما مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
    

    تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقلىمى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىقلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ياز پەسلى قىسقا ھەم ئىسسىق(15 سېلسىيەدىن 20 سېلسىيەگىچە)، قىش پەسلى ئۇزۇن ۋە بەك سوغۇق( 32 سېلسىيەگىچە). تۇۋا جۇمھۇرىيىتى شەرقتە رۇسىيە فىدىراتسىيىسى بۇريات جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شىمالدا ئىركۇتىسكى ئوبلاستى ۋە كراسنويارىسكى چېگرا رايونى بىلەن غەرپتە رۇسىيە فىدىراتسىيىسى خاكاس جۇمھۇرىيىتى ۋە ئالتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن، جەنۇپتا موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ئورمانچىلىق، كانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ كۆمۈر، كۇبالىت ۋە ئالتۇن زاپىسى مول. سانائىتى ئاساسەن قىزىل ۋە ئاكدۇۋۇراكقا مەركەزلەشكەن. تۇۋانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا ئىسسق سۇ ئارشىڭى تارقالغان بولۇپ، قىش ئۇزۇن بولىدىغان تۇۋا زىمىنىغا نىسبەتەن بۇ زور ساياھەت بايلىقى مەنبەسى بولۇپ قالغان.
    

   تۇۋا جۇمھۇرىيىتى چىڭگىزخان دەۋرلىرىدە تاڭنۇ ئۇرانخاي دەپ ئاتالغان بولۇپ، قۇبلايخان دەۋرىدىن باشلاپ نىسپى مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالغان. 17-ئەسىردە جۇڭغارلارغا ئولپان تاپشۇرىدىغان بەگلىك زىمىنى ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان، جۇڭغارلارنى چىڭ سۇلالىسى يوقاتقاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ زىمىنى بولۇپ قالغان. 1924-يىلى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن مۇستەقىللىك جاكارلاپ سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1944-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ رۇسىيە فىدىراتسىيىسىگە قاراشلىق ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1990-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىللىك جاكارلىغان. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن 1993-يىلى تولۇق ھوقۇقلۇق جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە رۇسىيە فىدىراتسىيىسىگە قاتناشقان.
   

   تۇۋالار بۈگۈنكى كۈندە سانىنىڭ ئاران 250 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشىغا قارىماستىن موسكۋانىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن «ئىگىلىك ھوقۇقتىكى دۆلەت»كە ئايلانغان. ئۇ موسكۋا بىلەن فېدېراتسىيە كېلىشىمگە قول قويغان بولۇپ، نامدا رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تەركىبى قىسمى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بەلگىسى ھەم دۆلەت شېئىرىغا شۇنىڭدەك مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيەدىن باشقا بارلىق ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا ئىگە جۇمھۇرىيەت بولۇپ قالغان.
   

   بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ رەسمىي ئاخبارات تورىدا «تۇۋا پرېزىدېنتلىق تۈزۈمدىكى جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ئاساسى قانۇنى 1993-يىلى دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى يەنى قانۇنى ھاكىمىيىتى «ئالى خۇرال»، دۆلەت رەھبىرى «پرېزىدېنت» دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ يېزىلغان.1997-يىلى ئاخىرقى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى ۋە ئالى خۇرالنىڭ سايلىمى بولۇپ ئۆتكەن.

   

 تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتى: http://gov.tuva.ru


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1064 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-01