ئالتاي جۇمھۇرىيىتى

  ئالتاي جۇمھۇرىيىتى


    ئالتاي جۇمھۇرىيىتى رۇسىيەنىڭ موڭغۇلىيە، جۇڭگو، قازاقىستان بىلەن تۇتىشىدىغان ئالتاي تاغلىق رايونىغا جايلاشقان، رۇسىيە فىدىراتسىيىسى سىبىرىيە فىدىراتسىيە ئوبېكتىغا قاراشلىق تاغلىق جۇمھۇرىيەت بولۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ شەرقى قىسمى رۇسىيەنىڭ ئىركۇتىسكى ئوبلاستى بىلەن غەربى قىسمى ئالتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شىمالى قىسمى خاقاس جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
    يەر كۆلىمى 92902كۋادرات كىلومېتىر.
   پايتەختى گورنا-ئالتايسك شەھىرى نوپۇسى 55مىڭ.  ئىككىنچى مۇھىم شەھرى قىزىل ياغاچ نوپۇسى 12مىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن بولغا مۇھىم سودا ئېغىزى قوش ياغاچ.
نوپۇسى: 2013-يىلىدىكى سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسى 210مىڭ947 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركى مىللەت ئالتايلار 70مىڭ ئادەم ئاھالىنىڭ 35%ىنى ئىگەللەيدۇ، رۇسلار 114مىڭ ئادەم ئاھالىنىڭ 55%ىنى ئىگگللەيدۇ، قازاقلار 13مىڭ ئادەم، ئۇكرائىنلار 2مىڭ ئادەم قالغانلىرى سانى مىڭغا يەتمەيدىغان باشقا مىللەتلەر.
    ئالتاي جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە بىلەن جوڭگۇنىڭ دۆلەت چېگرىسىغا تۇتاشقان بولۇپ، جەنۇبى تەرىپى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن، شەرقى تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن ، غەربى تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قاناس كۆلى بويى ئارقىلىق رۇسىيىگە ئۆتىدىغان ئۆتكەل ئارقىلىق ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ پايتەختى گورنا-ئالتايسك شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ.
ئالتاي جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە تەۋەسىدە تۇۋا جۇمھۇرىيىتى، خاقاس جۇمھۇرىيىتى، ئالتاي ئۆلكىسى ھەم كېمېروۋا ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ.
     ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقلىمى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىقلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ياز پەسلى قىسقا ھەم ئىسسىق، قىش پەسلى ئۇزۇن ۋە بەك سوغۇق.
    ئالتاي جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تاغلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالتاي تېغىنىڭ ئىگىز چوقىلىرى، ئېدىرلىقلار ھەم جىلغىلار جايلاشقان. بەلۇخا چوققىسى(4506مېتىر) سىبىرىيەنىڭ ئەڭ ئىگىز نوقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     جۇمھۇرىيەتنىڭ تەبىي مەنزىرىسى بەك گۈزەل بولۇپ، 7مىڭدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك كۆللەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى تۆلۆس كۆلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىبىرىيىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا ئوب دەرياسىمۇ مەزكۇر جۇمھۇرىيەت تاغلىرىدىن باشلانغان.
     تارىخىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئالتاي ئۇيغۇر قاغانلىقى مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، قىرغىز خانلىقىغا ، ئۇنىڭدىن كېيىن قىدانلار ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندە ، قىدان سۇلالىسىغا ،ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، موڭغۇللارغا بويسۇنغان. 15-ئەسىردىن كېيىن ، جۇڭغارلار باش كۆتۈرۈپ، ئالتاي رايونىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالتاي رۇسىيىگە تەۋە بولغان، ئالتاي رايونىنىڭ ئاھالە تەركىبى 19-ئەسىردىن باشلاپ ئۆزگەرگەن بولۇپ، بۇ جايدا رۇس كۆچمەنلىرى پەيدا بولغان. گەرچە رۇس پروۋسلاۋىيە دىنىنىڭ ئالتاي جۇمھۇرىيىتىگە كىرگىنىگە ئەمدىلا 100 يىل بولغان بولسىمۇ ئەمما رۇس پروۋىسلاۋىيە دىنى ئالتاينىڭ يەرلىك شامان دىنى ۋە تىبەت بۇددا دىنى بىلەن گىرەلىشىپ يەرلىكتە ئۆزگىچە مەدەنىيەت كۈچى ھاسىل قىلغان.

    رۇسىيە بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئالتايلارنىڭ سىياسى ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولۇپ،1922-يىلى رۇسىيە فىدىراتسىيىسى قارمىغىدا ئويروت ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ قۇرۇلۇپ دەسلەپكى قەدەمدىكى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا سازاۋەر بولغان ، ئەمما 1948-يىلى بۇ نام ئۆزگەرتىلىپ، گورنا -ئالتايسكىي ئاپتونوم ئوبلاستى دەپ ئاتالغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېۋ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى «قايتا قۇرۇش» دەۋرىدە ھەر قايسى ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسى قايتا مۇزاكىرە قىلىنغاندا 1990-يىلى ئوبلاسلىق خەلق ۋەكىللىرى كېڭىشى گورنا-ئالتايسكىي (تاغلىق ئالتاي) ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ، تاغلىق ئالتاي سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى شۇنىڭدەك مەزكۇر ئاپتونوم ئوبلاست رەسمى ھالدا گورنا ئالتاي سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى. 1991-يىلى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاپتونوم سۆزى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، گورنا-ئالتاي جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن 1992-يىلى ئالتاي جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىپ، رۇسىيە فىدىراتسىيەسى تەۋەسىدىكى فېدېراتسىيىلىك كېلىشىمگە قول قويغان ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئۆز ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ھەر قانداق مەسىلىلەرنى مۇستەقىل تۈردە ھەل قىلالايدىغان ھۆكۈمەت قۇردى.
    ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ترانسىپورت ئالاقىلىرى بىراز ئارقىدا قالغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت تەۋەسىدە تۆمۈر يول يوق. ھەر قايسى ئاھالە پونكىتلىرى ۋە شەھەرلەر ئارىسىدا پەقەت تاش يول قاتنىشى ( (90٪) ھەم ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلغان. ئات ئالتاي جۇمھۇرىيىتىدە يەنىلا ئاساسلىق قاتناش قورالى ھىساپلىنىدۇ. ئالتاي ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق رايونى بولسىمۇ رەڭلىك مېتال ۋە ئالتۇن كانلىرى ۋە ساياھەتىچلىكنىڭ ئالتاي ئىقتىسادىدىكى ئورنىمۇ بارا-بارا كۆتىرىلمەكتە.
ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى مول بولۇپ، مەزكۇر بايلىقلار ئاساسى جەھەتتىن تېخى ئېچىلمىغان. ئالتۇن ، ۋولفرام ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زاپىسى يۇقىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورمان بايلىقىنىڭ كۆلىمىمۇ زور ، ئېنېرگىيە مەنبەسى جۈملىدىن سۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ غەربىي سىبىرىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.
       ئالتاي جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق نوقتىسى بولۇپ، دۆلەت ھاكىمىيەت سىستېمىسى قانۇنى، ئىجرائىيە ھەم سوت ھاكىمىيتى ھەمدە جۇمھۇرىيەتلىك ۋە يەرلىك ئورگانلارنىڭ چەكلىك دائىرىدىكى ھوقۇقلۇق ھاكىمىيىتىدىن تۇزۇلگەن.    ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ۋەكىلى «ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان دۆلەت مەجلىسى ئالتاي تىلىدا «ئەل قۇرۇلتاي» دەپ ئاتالغان، بۇ قۇرۇلتاي 41 ئەزادىن تەركىپ تاپقان.
     جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي ئىجرائىيە ئورگىنى ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بولۇپ، ئۇنى ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت رەئىسى باشقۇرىدۇ. ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئاساسىي قانۇنى ھەم دۆلەت گېربى ۋە دۆلەت بايرىقىغا ئىگە بولۇپ، رۇس ۋە ئالتاي تىللىرى ئوخشاش دەرىجىدە دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن.
     ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى 1997-يىلى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ستاتۇسى(سالاھىيىتى) ، دۆلەت تۈزۈلمىسى، ھوقۇق دائىرىسى ۋە باشقا كۆپلىگەن نۇقتىلار كۆرسىتىلگەن. ئاساسى قانۇننىڭ 1-ماددىسىدا ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ مىللەتلىك جۇمھۇرىيەت شۇنىڭدەك ئۇنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق نۇقتىسى بولۇش بىلەن ئۇنىڭ تەركىبى ھەم ئايرىلماس قىسمى ئىكەنلىكى قانۇنلاشتۇرۇلغان.
    ئالتاي جۇمھۇرىيىتى باي قەدىمى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە رايون بولۇپ، بۇ جايدىن ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن كۆپلىگەن مەدەنىيەت ئۈلگىلىرى جۇمھۇرىيەت مۇزىيىدا ساقلانماقتا.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 13

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 2508 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-29