پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى

پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى Islamic Republic of Pakistan
    پايتەختى ئىسلام ئاباد ئاھالىسى بىرمىليۇن100مىڭ، ئەڭ چوڭ شەھرى كاراچى ئاھالىسى 15مىلىيۇن200مىڭ. 
    زېمىنى: جەنۇبى ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيانىڭ تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان بولۇپ ھىندىستان، جۇڭگو، ئافغانىستان ۋە ئىران بىلەن چېگرىلىنىدۇ، دېڭىزدا ئومان بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ.  ئومۇمىي يەر مەيدانى 778مىڭ 720كۋادرات كم(84مىڭ159كۇۋادىرات مېتىرلىق پاكىتانغا تەۋە كەشمىرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
   نوپۇسى: 164مىليون 741 مىڭ (3مىلىيۇن500مىڭ نوپۇسى بار كەشمىرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. 2007-يىل7-ئايدىكى مەلۇمات). پاكىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ ئاھالىلەر ئاسان ئۆلكىلەر بويىچە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. پاكىستان نوپۇسىدا پەنجاپلار58% ، سىندىلار 12%، پۇشتۇلار10%، ئوردۇلار(ئادەتتە مۇھاجىرلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)10%، بەلۇجىلار3%، ھىندىلار2%، براخۇيلار1%نى ئىگەللەيدۇ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مىليۇنغا يېقىن ئۆزبېكلەر بار. پاكىستاندا  سۈننى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار77%، شىئەلەر 20%، ھىندىلار 1%، خىرىستانلار1% ،باھائى ۋە ئەھمىدىلەر1%، دۆلەت تىلى ئوردۇ تىلى، ھۆكۈمەت تىلى- ئەنگىلىز تىلى تىلى، ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز تىلىنى قوللىنىدۇ.
   دۆلەت بايرىمى :  ئەنگىلىيە مۇسۇلمانلارنى ھىندىلاردىن ئايرىپ باشقۇرۇش  لايىھىسىنى يولغا قويغان كۈن 1947-يىلى 3-ئاينىڭ23-كۈنى
   قىسقىچە تارىخى: پاكىستاننىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى ئەسلىدە ھىندىستاننىڭ بىر قىسمى بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى بەشىنچى ئەسىردە بەلۇجىستان ۋە پاشتۇ رايونى ئىران ئاچەمەند ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۈچىنچى ئەسىردە دۆلەتنىڭ غەربى قىسمى ئالىكىساندىر ماكىدونىسكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. كېيىن ئۇزۇن مەزگىللىك پارچىلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ مىلادى 10-ئەسىرگە كەلگەندە دۆلەتنىڭ پۈتكۈل زىمىنى تۇنجى قېتىم  غەزنەۋىلەر ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ ئىسلام دىنى ئۇمۇملاشتۇرۇلغان. غەزنەۋىلەردىن كېيىن يەنە بىر قېتىم پارچىلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ بابۇرخان زامانىغا كەلگەندە ئاندىن موغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىغا ئايلانغان. 1757-يىلى ئەنگىلىيىلىكلەر كاراچى ئەتراپىدا بىر پورت قۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەندىن باشلاپ تەدرىجى ئىچكىرىلەپ كىرىپ 1758-يىلىغا كەلگەندە پۈتكۈل پاكىستان ئاساسەن ئەنگىلىيەنىڭ يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1858-يىلى ئەنگىلىيە رەسمى تۈردە پاكىستانغا مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغان.
1930-يىللىرى پەنجاپلىق داڭلىق مۇسۇلمان شائىر مۇھەممەد ئىقبال مۇسۇلمانلارنىڭ «پاكىستان» دىگەن نامدا ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن 1940-يىلى ئەنگىلىيەگە قاراشلىق ھىندىستاندىكى مەمملىكەتلىك مۇسۇلمانلار ئىتىپاقى لاھۇردا يىغىن ئېچىپ پاكىستان دۆلىتىنى قۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە ھىندىستاندىكى مىللى دىنى توقۇنۇشلارنى ئازايتىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندىلارنى ئايرىپ باشقۇرۇش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1947-يىلى ئەنگىلىيە مۇسۇلمانلارنى ھىندىلاردىن ئايرىپ باشقۇرۇش  لايىھىسىنى يولغا قويدى ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان غەرپتىكى پەنجاپ، پۇشتۇ، سىندى، بەلۇجىستان تۆت ئۆلكە بىلەن شەرقتىكى بېنگال ئۆلكىسىنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بىر قىسمىنى قوشۇپ ئەنگىلىيەگە قاراشلىق پاكىستان مۇستەملىكىسىنى تەسىس قىلدى. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ14- كۈنى پاكىستان مۇستەقىللىك جاكارلىدى. 1958-يىلى پاكىستان ئوماننىڭ قولىدىن گۇادار ئەتراپىدىكى بەلۇجىلار ئولتۇراقلاشقان زىمىننى قايتۇرىۋالدى.1971-يىلى پاكىستاننىڭ پارچىلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ شەرقى پاكىستان مۇستەقىل بېنگال بولۇپ قۇرۇلدى، غەربى پاكىستان تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىپ بۈگۈنكى پاكىستان بولۇپ قالدى. 
   پاكىستان ئىقتىسادىدا پاختىچىلىق ۋە كۆكتات تېرىشنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك 22%، سانائەت 26%، ساياھەت-سودا كەسپىدىن قىلىنغان مۇلازىمەت 52% نى ئىگەللەيدۇ.  پاكىستاننىڭ 2006-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 124مىليارت 300مىلىيۇن دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2مىڭ600دوللار. ئامېرىكىنىڭ ياردىمى ۋە پاختا باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن 2006-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى6.6% بولدى.
   پاكىستاننىڭ پۇلى رۇپىيە. 2002-يىلى 59.724رۇپىيە=بىر دوللار، 2004-يىلى 58.258رۇپىيە =بىر دوللار، 2006-يىلى60.35رۇپىيە =بىر دوللار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
  پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى ئاساسى ئەسلىدە كونا ھىندىستان مۇستەملىكىسى بويىچە ئەڭ ياخشى ئىدى. بىراق ئۈچ قېتىملىق كەشمىر ئۇرۇشى ۋە 70-يىللاردىن باشلانغان سىياسى جېدەل ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئورنىتىلىپ قېلىشى تۈپەيلى پاكىستان ئىزچىل تۈردە چەتئەل مەبلىغىنى ياخشى كىرگۈزەلمەي ھازىر ئىقتىسادى تەرققىيات ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى تۆۋەن، ساۋاتلىقلار نىسبىتى 50%گىمۇ يەتمەيدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى.
  پاكىستاننىڭ 2006-يىلىدىكى مۇقىم تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى5مىلىيۇن240مىڭ، كۆچمە تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى 63مىلىيۇن160مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 12مىلىيۇن بولغان.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-9 8:58:49]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1024 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01