دۇنيادىكى سىرلىق جايلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دۇنيادىكى سىرلىق جايلار

    "باقىي ئالەم يولى "----ئامېرىكا قىتئەسىدىكى داڭلىق قەدىمىي شەھەر –تېئوتىۋاكاندا «باقىي ئالەم يولى» دەپ ئاتالغان بىر يول بار. مىلادى 10-ئەسىردە، بۇ يەرگە كەلگەن ئازتېكلار بۇ يول بىلەن بۇ قەدىمىي شەھەرگە كىرگەندە، بۇ يەردە ھېچقانداق ئادەم يوقلىغىنى بايقىغان. ئۇلار بۇ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى  قۇرۇلۇشلارنى ئىلاھلارنىڭ قەبرىسى ئوخشايدۇ ،دەپ قاراپ، مۇشۇنداق  غەلىتە ئىسىمنى قويغان. «باقىي ئالەم يولى» قۇياش سېستېمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ياسالغان بولۇپ، تېئوتىۋاكانىىڭ ئۆز دەۋرىدىكى لايىھىلىگۈچىلىرى خېلى بۇرۇنلا ، قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەرنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ، شۇنداقلا قۇياش سىستېمىسى ۋە سەييارىلەر ئارىسىدىكى ئوربىتىلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى بىلگەن. ئەمما ئىنسانلار 1781-يىلى ئۇراننى،1845-يىلى نېپتۇننى،1930-يىلى پلۇتوننى بايقىغان ئىدى. ئۇنداقتا ئەينى چاغدا تېئوتىۋاكانىڭ قۇرغۇچىلىرى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق بىلگەندۇ؟

     ئەرۋاھ ئارال----1707-يىلى سپىتسبېرگېن تاقىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى ئۇپۇق سىزىقىدا، ئەنگلىيىلىك كاپىتان جۇلىيېس بىر قۇرۇقلۇقنى بايقىغان ، لېكىن بۇ يەرگە يېقىنلىشالمىغان . ئەمما ئۇنىڭ كۆرگىنى خىيالىي تۇيغۇ بولمىغاچقا ، ئۇ بۇ قۇرۇقلۇقنى  دېڭىز خەرىتىسىگە بەلگە قىلىپ قويغان . 200 يىلدىن كېيىن ،«يېرماك»ناملىق كاراپ(مۇز يارغۇچى پاراخۇت)بىلەن شىمالىي قۇتۇپنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بارغان ئادمىرال ماكاروۋ ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرۈش   ئەترىتىدىكىلەر  بۇ قۇرۇقلۇقنى بايقىغان . بۇ دەل جۇلىيېس ئەينى يىلى كۆرگەن ئارال ئىدى. ئاتاقلىق دېڭىزچى ۋورسلېي 1925-يىلى  بۇ جايدىن ئۆتكەندىمۇ بۇ ئارالنىڭ  سىماسىنى كۆرگەن . لېكىن ئالىملار 1928-يىلى  بۇ جاينى تەكشۈرگىلى بارغاندا، ھىلىقى ئارالنى كۆرمىگەن . مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلار سەۋەبىدىن  بۇ ئارال –«ئەرۋاھ ئارال» دەپ ئاتالغان .ئەسلىدە بۇ ئارال تاشقىن كۆتۈرۈلۈش ياكى قارا بورانلىق يامغۇر سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن  كۆچمە ئارال ئىكەن .

     بېرمۇدا ئۈچ بۈرجەك رايونى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىدە بولۇپ ،يەتتە چوڭ ئارال ، 150چە كىچىك ئارال ۋە خادا تاشلاردىن تەركىپ تاپقان تاقىم ئارال. پەن –تېخنىكا تەرەققى تاپقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ،ئۇ يەنىلا سىرلىق دېڭىز تەۋەلىكى ھېسابلىنىدۇ. سىگنال بولمىغانلىقتىن ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلار بۇ رايون تەۋەسىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ يەردە ئىلغار ئەسۋاپلارمۇ ئىشلىمەيدۇ، خەتەرگە يولۇققان كىشىلەرنىڭ  ھايات قېلىشى مۈمكىن ئەمەس . شۇڭا كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ سىرلىق جاي ---«ئالۋاستى ئۈچ بۈرجەك رايونى»دەپ ئاتالغان.

     «قار ياغمايدىغان قۇرغاق جىلغا» --- جەنۇبىي قۇتۇپ مەكمۇردو قولتۇغىنىڭ شەرقىي شىمالىدا، ئۆئارا تۇتىشىپ تۇرىدىغان ۋېكتۇرىيە ، رېيد، دىلا دىگەن ئۈچ جىلغا بار. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ يەرنىڭ ئەتراپىنى  قار–مۇز قاپلىغان تاغلار ئوراپ تۇرسىمۇ، بۇ جىلغىلار يەنىلا ناھايىتى قۇرغاق بولۇپ، قار-مۇز يوق، ھۆل-يېغىنمۇ ناھايىتى ئاز، ھەممىلا يەردە، تاش –شېغىل ۋە دېڭىز يىلپىزى قاتارلىق  دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە كىشىلەر بىر خىل ئۆلۈم پۇرىقىنى ھېس قىلغاچقا  ئۇ يەر يەنە «ھالاكەت جىلغىسى»دەپمۇ ئاتالغان. ئالىملار بۇ جاينى تەكشۈرۈپ، تاشلار يېنىدا قانداق قىلىپ ھايۋانات سۆڭەكلىرى يىغىلىپ قالغانلىقىنى  ھەرقانچە قىلىپمۇ بىلەلمىگەن . بۇ يەرگە ئەڭ يېقىن دېڭىز قىرغىقى نەچچە ئون كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەڭ يىراقلىرى يۈز كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. دېڭىز بويىدا ياشاشقا ئادەتلەنگەن دېڭىز يىلپىزلىرى ئادەتتىكى ئەھۋالدا دېڭىز قىرغىقىدىن بۇنچە يىراققا بارمايدۇ، ئەمما بۇ دېڭىز يىلپىزلىرى،ئادەتتىكى ياشاش مۇھىتىنى بۇزۇپ بۇ يەرگە كەلگەن. ئۇنداقتا، دېڭىز يىلپىزلىرى نىمىشقا شۇنچە يىراقتىكى دېڭىز قىرغىقىدىن  بۇ قۇرغاق جىلغىغا كېلىدۇ؟

     مىسىردىكى ئىھراملار ------ مىسىردىكى نىل دەرياسى بويىدا 80نەچچە ئېھرام بولۇپ ، بۇ ئىھراملار «دۇنيادىكى 8 چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى»دەپ ئاتالغان،كۇفۇ ئېھرامى ئەڭ ئىگىز ، ئۇ ھېچقانداق لاي ياكى باشقا نەرسە ئىشلىتىلمەي ، چوڭ تاشلار تىزىپ ياسالغان بولسىمۇ، تاشلار ئارىسىدىكى يېرىق ئىنتايىن ھىم ھەم تەكشى، يېرىقلارغا يىڭنىمۇ پاتمايدۇ. بۇ تاشلار بۇ جايغا قەيەردىن، قانداق ئېلىپ كېلىنگەن؟ ئېھرام دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى قۇرۇلۇش، ئۇ 5000 يىلغا يېقىن تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ، ھازىرغىچە يەنىلا ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاچقا، كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ.

     ئارىلاپ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان بۇلاق -----شىزاڭدىكى يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى داگېجادىدا ئارىلاپ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان  بىر خاسىيەتلىك بۇلاق بار. بۇ بۇلاقتىن  ئارىلاپ –ئارىلاپ دىئامېتىرى ئىككى مېتىر ، ئېگىزلىكى 20 مېتىردىن ئاشىدىغان سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ بىرنەچچە مىنۇت ياكى ئون مىنۇت ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن ،بىردەم توختاپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ ئارىلاپ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان بۇلاق ، دەپ ئاتالغان.

      شېننوڭجيا----سىچۇەن بىلەن خۇبىي ئۆلكىسى چېگرىسىدا بولۇپ،ئۇنىڭ «ئوتتۇرا جوڭگۇنىڭ ئۆگزىسى»دىگەن نامى بار. شېننوڭجيانىڭ كۆلىمى 3250كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 85%تىن ئاشىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 مېتىر ، ئەڭ ئىگىز جايى 3105مېتىر بولۇپ ، بۇ يەر كۆپ خىل ئىقلىم تىپىگە كىرىدۇ . شېننوڭجيا تىلغا ئېلىنسىلا ،كىشىلەر ياۋا ئادەمنى ئەسكە ئالىدۇ. ھازىرغىچە ياۋا ئادەم توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەس بولۇپ كەلمەكتە.1977-يىلى دىن 1980- يىلىغا قەدەر ، ئالاقىدار تارماقلار ئىككى قېتىم چوڭ كۆلەمدە دالا تەكشۈرۈش ئۇيۇشتۇرۇپ، ياۋا ئادەمنىڭ مەۋجۇتلىغىغا ئائىت نۇرغۇن دەلىل-ئىسپات توپلىغان ، ياۋا ئادەملەر ياسىغان بامبۇك كەپىنى بايقىغان . تەكشۈرۈش نەتىجىسى كىشىلەرگە  شېننوڭجيادا ھەقىقەتەن كىشىلەر  بىلمەيدىغان بىر غەلىتە ھايۋاننىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      شەيتانكەرش---- بۇ يەردە ئىنسان بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ناھايىتى بىر قايناق«شەھەر». مەيىن شاماللار يۈزىڭىزنى سىلاپ تۇرغان ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى بۇ جاينى ئارىلىسىڭىز ، يىراقتىن  ئارىلاپ –ئارىلاپ يارقىن مۇزىكا ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما كۈچلۈك بوران چىقىپ، چاڭ –توزان كۆتۈرلۈپ، جاھاننى زۇلمەت باسقاندا، گويا ئاتلار كىشنەپ، يولۋاسلار ھۆركىرەپ ، ئالۋاستىلار نەرە تارتقاندەك؛يەنە بەزىدە بوۋاقلار يىغلاپ ، ئاياللار چىقىراپ كۈلگەندەك؛ يەنە بەزىدە ئاۋات بازاردىكى ھۆپىگەرلەرنىڭ ئاۋازىدەك خىلمۇ -خىل غەلىتە ئاۋازلارنى ئاڭلايسىز.  بۇ جاي قاراماي شەھرىنىڭ ئورقۇدىكى داڭلىق «شەيتانكەرش»تۇر. ئالىملار بۇ جاينى تەكشۈرگەندىن كېيىن ، شەيتانكەرش  ئەمەلىيەتتە ئۇپرىغۇچى تاغ جىنسلىرىنى شامال يالاشتىن پەيدا بولغان سۈنئە شەھەر بولۇپ ، ئۇيەردىكى ئاۋازلار غەلىتە يەر شەكلىنىڭ ئاۋازنى قىسىشى بىلەن پەيدا بولغان، ئۇ پەقەت بىر«بورانلىق»، ئۇ جايدا جىن ئالۋاستى يوق، بوران مۇشۇنداق غەلىتە ئەھۋالنى پەيدا قىلغان ،دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان .

 

شىنجياڭ گېزىتى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1272 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01