ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

گىرتسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى(1832-1821)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

گىرتسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

)1832-1821(

       بۇ 1821-يىلىدىن 1832-يىلىغا قەدەر-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى گىرىتسىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ئىمپىرىيىسىگە قارشى تۇرۇپ مىللى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش قوزغىلىڭى شۇنداقلا ئەنگىلىيە-فرانسىيە، روسىيەنىڭ گىرىتسىيەنى قوللاپ تەشكىللىگەن بىرلەشمە فلوتى بىلەن تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بولۇپ دۇنيادىكى ھەل قىلغۇچ 10ئۇرۇش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن داڭلىق ئۇرۇش.
    19-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئارقىدا قېلىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپاغا بېرىپ قەدىمقى يۇناننىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك تارىىىدىن ئىلھام ئالغان گىرىك زىيالىلىرىنىڭ مىللى مۇستەقىللىق ئېڭى ئويغىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ كۈچىيىشى ۋە گىرىكلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابىغا ھىسداشلىق قىلىشى گرىتسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىنى سىرتقى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.
    1821 -يىلى 3-ئايدا گرىتسىيەدىكى روسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن  مەخپى تەشكىلات «دوستلۇق ئۇيۇشمىسى» گىرىك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان پىلوپونىس ئارىلىدا قوزغىلاڭ كۆتەردى. 9-ئايغا كەلگەندە قوزغىلاڭچىلار كۈچىيىپ پۈتكۈل پلوپونىس ئارىلىنى كونترۇل قىلدى. ۋە بۇيەرلەردىكى مۇسۇلمان ئاھالىلەرنى ئائىلە بويىچە دەھشەتلىك قىرغىن قىلىپ «ساپ يۇنان» قۇرۇش ئۈچۈن بارلىق خىرىستانلارنى كۈرەشكە چاقىردى. خەلقنىڭ قوزغىلاڭغا قاتنىشىشى بىلەن بارغانسېرى دىنى تۈس ئالغان قوزغىلاڭچىلارئۆزى ئىشغال قىلغان دائىرىدىكى 50مىڭدىن ئارتۇق تۈركنى قىرغىن قىلىپ 30مىڭدىن ئاتۇق ياشتۈرك قىزلىرىنى دېڭىز قاراقچىلىرى ئارقىلىق ياۋروپاغا سېتىۋەتتى. 1822-يىلى1-ئايدا ئېپىدولدا تۇنجى يىغىنىنى چاقىرىپ گىرىتسىيەنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ مافروكوردار گىرىتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پىرىزدېنتى بولۇپ سايلاندى.
     تۈركىيە ئىمپىرىيىسى بۇنىڭغا جاۋابەن شىمالدىن جەنۇپقا قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ قوزغىلاڭنى دەھشەتلىك باستۇردى. تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسى يالغۇز خىئوس ئارىلىغا قىلىنغان بىر قېتىملىق ھۇجۇمدىلا 2300گىرىكنى ئۆلتۈرۈپ 47مىڭ ئادەمنى قۇل قىلىپ جايلارغا سېتىۋەتتى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە گىرىتسىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئىچىدە بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. فرانسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مافروكوردار بىلەن رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تېئودور كولوكوترونىس ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاپ تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى. 1825-يىلى 2-ئايدا تۈركىيە سۇلتانى ئىبراھىم پاشانى مىسىر قوشۇنلىرىنى باشلاپ گىرىتسىيەدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى، مىسىر قوشۇنلىرى پلوپوننىس يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ گىرىك قوزغىلاڭچىلىرىنى دەھشەتلىك باستۇردى. كېيىنكى 12-ئايدا مىسىر قوشۇنى ئافىنانى ئىشغال قىلىپ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن گىرىتسيەنى يوقاتتى، گىرىك قوشۇنلىرىدىكى زىيالىلارنىڭ ياۋروپاغا بېرىپ ۋەز ئېيتىشى نەتىجىسىدە روسىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئۈچ دۆلەت لوندوندا ئەھدىنامە ئىمزالاپ «ياۋروپانىڭ پەخرى بولغان يۇناننىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مەۋجۇت بولماسلىقى ياۋروپانىڭ نومۇسى» دەپ قارىدى ۋە تۈركىيە ئىمپىرىيىسىگە ئولتىماتۇم قويۇپ گىرىتسىيەدە يۈكسەك ئاپتونومىيىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە گىرىتسىيە تەۋەسىگە بىرلەشمە فلوت ئەۋەتتى. ياۋروپادىكى داڭلىق شائىرلاردىن پوشكىن، شېللىر قاتارلىقلار تەرەپ-تەرەپتىن گىرىتسىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى قوللاپ شېئىرلارنى يېزىپ ياۋروپادا جامائەت پىكرى پەيدا قىلدى، شائىر بايرون بولسا يالغۇز يېزىش بىلەنلا قالماي، كۈرەشكە بىۋاستە قاتنىشىپ گىرىتسىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆلدى.
   1827-يىلى بىرلەشمە فلوت كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ ناۋارىن قولتۇقىدا تۈركىيە ئىمپىرىيىسى بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلدى. ئۇرۇشتا تۈركىيە تەرەپتىن 15مىڭ ئادەم، رۇسىيە ئارمىيىسىدىن 10مىڭ ئادەم، گىرىكلاردىن 40مىڭ ئادەم ئۆلدى، رۇسىيەنىڭ شىمالى سەپتە قارادېڭىز ئارقىلىق تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىپ تۈركىيە روسىيە ئۇرۇشىنى قوزغىشى، ئەنگىلىيەنىڭ ئىگەي دېڭىزىدا تۈرك پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىشى، فرانسىيەنىڭ 10مىڭ كىشىلىك دېڭىز ئارمىيىسى ئەۋەتىپ ئاق دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى تۈرك پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە تۈركىيە ئىمپىرىيىسى ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. 1832-يىلى 7-ئايدا تۈركىيە «كونستانتىپول تېنچلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ گىرىتسىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
      ئۇرۇش تۈركىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى، گىرىتسىيەنىڭ  مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى. گىرىتسىيە تۈرك ئىمپىرىيىسىدىن مۇستەقىل بولغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى شۇنىڭ بىلەن بىللە رومانىيە، سېربىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق ئەللەردە بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ مىللى ئازادلىق تەشكىلاتلىرى بەس-بەستە قۇرۇلۇشقا باشلىدى. تۈركىيە ئىمپىرىيىسىىنىڭ ياۋروپادىكى كۈچى ئاجىزلاپ ئىمپىرىيە زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:59:51]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 610 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01