ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

سامانىلار سۇلالىسى(874-999)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   سامانىلار سۇلالىسى

(874-999)

      سامانىلار سۇلالىسى(874-999) پېرسىيەلىكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرغان تۇنجى ئىسلام سۇلالىسى بولۇپ گۈللەنگەن مەزگىلدە  خارەزىم، بەدەخشان، پېرسىيە، خۇراسان، ماۋەرائۇننەھر رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. سۇلاللىنى قۇرغۇچى سامانى ئەسلى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ئىران ساسانىلار سۇلالىسىغا قاراشلىق بەلخقە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، زوروئاسترىزمغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاقسۆڭەك بولۇپ پېرسىيە ئەرەب ئىسلام ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزى مۇستەقىل  بولۇۋالغان، كۈنسېرى قىستاپ كېلىۋاتقان ئەرەب-ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ ئۇرۇشتىن ساقلانغان. كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا كەلگەندە تەدرىجى ھالدا ھەقىقى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ قالغان. كېيىن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەئىمۇنغا سادىق بولۇپ رافىزىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن سامانىنىڭ ئەھمەد باشلىق تۆت نەۋرىسى سەمەرقەنت، فەرغانە، شاش(تاشكەنت) ۋە ھىراتنىڭ ۋالىلىقىنى ساقلاپ قالغان ، ئابباسىلار ئاجىزلاشقاندا ناسىر ئىبنى ئەھمەد سامانى(819-يىلىدىن 864-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ مۇستەققىل پادىشاھلىقنى شەكىللەندۈرگەن. كىيىن خارەزىم ۋە ماۋۇرائۇننەھرىنىمۇ قولغا ئېلىپ ، بەلخ ۋە بەدەخشان بىلەن قوشۇپ ، سامانىلار سۇلالىسى قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈپ بۇخارانى پايتەخت قىلغان. ئاسىر سامانىنىڭ ئىنىسى ئىسمائىل ئىبنى ئەھمەد سامانى(892-يىلىدىن 907-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئۆزىنى ئەمىر دەپ جاكارلاپ ئابباسىلار خەلىپىسىگە سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ھەربى قوشۇننى كۈچەيتىپ خەلىپىگە ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربى ياردەم بېرىشتىن باشقا ھىچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە خەلىپە ئوردىسىغا تەقلىد قىلىنغان مەمۇرى ھەربى ئىشلار تۈزۈلمىسىنى ئورناتقان. 903-يىلى ئابباسىلار نامىدا سافار سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ خۇراساننى ئىشغال قىلغان ۋە ئاھالىنى ئىلىم ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىپ، سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ سۇلالىدە پەن مەدەنىيەت گۈللەنگەن مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئەمما پېرسىيە كۆچمەنلىرىنىڭ بەلىخ ۋە ماۋۇرائۇننەھرىگە كۆچۈپ كېلىشى بىلەن، ئېغىر ئولپاڭ تۆلەيدىغان يەرلىك تۈركى خەلقلەرنىڭ تىل-يېزىق ۋە ئىقتىسادى ئىشلىرى ئېغىر زەبىگە يولۇققان.

      ناسىر ئىككى(913-يىلىدىن 943-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان)نىڭ زامانىغا كەلگەندە سامانىلار ئاساسى كۈچىنى پېرسىيەگە يۆتكەپ شىئەلەر ۋە خاۋارىجلارغا قارشى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان. خانلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە قاراخانىلار سۇلالىسى  كۈچلىنىپ پەرغانە ۋە ماۋۇرائۇننەھرىنى سامانىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان.  تۈرك ئەسكەرلەرنىڭ قوماندانى خارەزىم ۋالىسى ئالىپتېكىنمۇ سۇلالىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ غەزنەۋىلەر خاندانلىقى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ سامانىلارنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سامانىلار سۇلتانى ئابدۇلمەلىك شاھنىڭ زامانىغا كەلگەندە سامانىلارنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى  سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، 999-يىلى 10-ئايدا قاراخانىلارنىڭ خاقانى ئىلىك ئارسلانخان سامانىلارنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئىشغال قىلىپ سامانىلار ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان. سامانىلار سۇلتانى ئابدۇلمەلىك شاھ تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۇزۇن قالماي ۋاپات بولغان.
    سامانىلار خانلىقى دەۋرىدە سۇلالە ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىش بەدىلىگە زىمىن كېڭەيتكەن بولۇپ مۇسۇلمان بولمىغان تۈركى خەلقلەر تۆلەيدىغان باج ئېغىر بولغانلىقتىن سۇلالىگە غايەت زور خەزىنە توپلانغان ۋە سۇلالىنىڭ پەن-مەدەنىيەت، قۇرۇلۇش تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشىشىگە تۈرتكە بولۇپ سەمەرقەنت ۋە بۇخارا ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. خانلىقنىڭ  غەربىي شىمال چېگرىسىدىكى تۈركى مىللەتلەرمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغان، قاراخانىلار ئاھالىسىنىڭ تەدرىجى ئىسلام دىنىغا كىرىشى ۋە قاراخانىلار سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە سامانىلار خانلىقىنىڭ تۆھپىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 20:00:31]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 451 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01