ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

 

  پارس قولتۇغى قىرغىقىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان  ئەبۇدەبى،دىبائى ۋە شارجا قاتارلىق «نېفىت دېڭىزىدىكى يەتتە مەرۋايىت »دەپ تەرىپلەنگەن يەتتە خەلىپىلىك دۆلەت 1972-يىلى فېۋرالدا بىرلەشمە دۆلەت بولۇپ،ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى قۇرغان . دۆلەت بايرىغىدىكى قىزىل ۋە ئاق ئىككى خىل رەڭ خەلىپىلىكى مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن  ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى دۆلەت ئەنگىلىيە  بەلگىلەپ بەرگەن  رەڭ بولۇپ ،1971- يىلى  مۇستەقىل بولغاندا ،ھەرقايسى خەلپىلىكلەر  بۇ رەڭنى ئىشلەتكەن ھەمدە يېشىل ۋە قارا رەڭنى قوشۇپ ،دۆلەت بايرىغىنى پان ئەرەپ ھەركىتىنىڭ  بەلگىسى قىلىپ ، ئەرەپ مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنىڭ شاھىتىغا ئايلاندۇرغان . مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى دۆلەت بايرىغى يېڭى مەنىگە ئىگە بولۇپ ،قىزىل رەڭ ۋەتەنگە ،ئاق رەڭ قۇرۇلۇش مۇۋاپىقىيەتلىرىگە ، يېشىل رەڭ ئوتلاققا ،قارا رەڭ جەڭگە سىمۋول قىلىنغان.  

              دۆلەت گېربى بىر قانات قېقىۋاتقان شۇڭقار بولۇپ،شۇڭقارنىڭ كۆكسىگە بىر يۇمىلاق گېرب سىزىلغان. دولقۇن يېرىپ ئالغا بېسىۋاتقان ئاق يەلكەنلىك ئەرەب كېمىسى ئەرەب بىرلەشمە  خەلىپىلىكىنىڭ پارس قولتۇغى بويىدا تۇرغانلىقتىن ئىبارەت جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ  ئۇزاق تارىخىغا  ئىگە دېڭىزدا يۈرۈش قىلىش  تارىخىنى  بىلدۈرگەن .دۆلەت گېربىنىڭ  ئاستىدىكى قىزىل بېزەككە « ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى»دىگەن خەت يېزىلغان .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 394 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01