بىرلەشمە خەلىپىلىكتىكى ئەڭ ئاۋات شەھەر-دۇ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بىرلەشمە خەلىپىلىكتىكى ئەڭ ئاۋات شەھەر-دۇبەي

   ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كۆزى ھىساپلانغان دۇبەي دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان شەھەرلەرنىڭ ىىرى بولۇپ يەر مەيدانى 3900كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دۇبەينىڭ70%زىمىنى قۇملۇق، 30% شەھەر رايونىدا قايناق سودىغا ئەگىشىپ ئىگىز بىنارلار سېلىنىپ، دۇنيا بويىچە شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى تەرەققى قىلغان شەھەر لەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
    گەرچە دۇبەينىڭ نېفىت كىرىمى تۈپەيلى شەھەر قۇرۇلۇشىغا توختىماي مەبلەغ سېلىنىپ دۇبەي خەلقارا سودا مەركىشى بولۇپ قالغان بولسىمۇ دۇبەينىڭ يەرلىك خەلقىدە ئىشسىزلىق نىسبىتى 70% گە يەتكەن بولۇپ، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىكى ھەر قايسى خەلىپىلىكلەر چەتئەل شىركەتلىرى دۆلەت تەۋەسىدە ھەر قانداق ئىقتىسادى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولۇپ شىركەت قۇرسا چەتئەللىكلەر كونترۇل قىلغان مەبلەغ چوقۇم 49%دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك دەپ بەلگىلىگەن بولغاچقا يەرلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت سالاھىيىتىنى ئارىيەت بېرىش ئارقىلىق باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
    ئىلگىرىكى يىللاردا ئادەمسىز قاقاس رايون ھىساپلىنىپ كەلگەن دۇبەي نېفىت-تەبىئى گاز بايلىقىنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەلقارا سودا مەركىزىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ دۇنيا بويىچە دىگۈدەك نوپۇسى ئەڭ تېز كۆپەيگەن شەھەر بولۇپ قالدى.  دۇبەينىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق نوپۇس تەرەققىيات ئەھۋالىدا 1822-يىلى پەقەت 1200لا نوپۇس بولغان بولسا، 1900-يىلى 10مىڭ، 1930-يىلى 20مىڭ، 1940-يىلى 38مىڭ، 1968-يىلى 59مىڭ، 1975-يىلى 183مىڭ، 1985-يىلى 370مىڭ، 1995-يىلى 674مىڭ، 2005-يىلى 1مىلىيۇن204مىڭ. 2007-يىلى 1مىلىيۇن540مىڭ نوپۇس بار بولدى. دۇبەينىڭ نوپۇسىدا ئەرلەر 1مىلىيۇن 100مىڭ، ئاياللار440مىڭ بولۇپ ھىندىستانلىقلار 51%، پاكىستانلىقلار16%، بېنگاللىقلار9%، فىلىپپىنلىقلار3%، ياۋروپا ئامېرىكىلىقلار3%نى ئىگەللەيدۇ.

    دۇبەي دۇنيادىكى ئىگىز بىنالار ئەڭ كۆپ شەھەر بولۇپ ئىگىزلىكى 300مېتىردىن ئاشىدىغان بىنالاردىنلا 50تىن ئارتۇقى بار  بولۇشتىن سىرت نۆۋەتتە ئىگىزلىكى 400مېتىردىن ئاشىدىغان بىنادىن ئون نەچچىسى، 500مېتىردىن ئاشىدىغان بىنادىن ئىككىسى، مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان بىنادىن بىرى سېلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ئىشقا كىرىشكەن بىنالار ئىچىدە پۈتۈش باھاسى ئۈچ مىلىيات500مىلىيۇن دوللار بىلەن دۇبەيگە سېلىنغان، سېگنال مۇنارىنى ھىساپلىمىغاندا ئىگىزلىكى 321مېتىر كېلىدىغان سودا، كۆڭۈل ئېچىش، مېھمانخانا ۋە ئولتۇراق رايون بىرلەشكەن ئەرەپ بۇرجىگى(Burj al-Arab) بىناسى نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىردىنبىر يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز ۋە ئەڭ قىممەت قۇرۇلۇش بولۇپ تۇرماقتا.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 615 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01