ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

      ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

     ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى United Arab Emirates( خەلىپە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىغان بولغاچقا دۆلەت نامى ئەسلىدە ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىگى دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئادەت بويىچە ئېلىندى).
     ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇ زەبى(Abu Dhabi)، دۇبەي(Dubai)،  شارجا(Sharjah)، ئۇممۇ قەيۋان(Umm al-Quwain)، فۇجايراھ(Fujairah)  ،ئاجمان(Ajman)، خايماھ تۇمشۇقى(Ras al-Khaimah) قاتارلىق ئىچكى جەھەتتە مۇستەقىل يەتتە ئەمىرلىكنىڭ بىرلەشمىسى.
پايتەختى ئەبۇ زەبى ئاھالىسى بىرمىليۇن100مىڭ، ئەڭ چوڭ شەھەر دىبەي، ئاھالىسى بىر مىلىيۇن500مىڭ.
      زېمىنى: ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ئومان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋە قاتار بىلەن چېگرىلىنىدۇ، دېڭىزدا ئىران بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ.  ئومۇمىي يەر مەيدانى 83مىڭ 600كۋادرات كم بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە  ئەبۇ زەبىنىڭ زىمىنى77مىڭ700كم، دۇبەينىڭ زىمىنى3900كم، شارجانىڭ زىمىنى2600كم، خايما تۇمشۇقىنىڭ زىمىنى1700كم، فۇجايرانىڭ زىمىنى 1150كم، ئۇممۇقايۋاننىڭ زىمىنى750كم، ئاجماننىڭ زىمىنى250كم كېلىدۇ.
      نوپۇسى: 4مىليون 444 مىڭ (2007-يىل). ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇستەقىل بولغاندا 7ئەمىرلىكنىڭ جەمى نوپۇسى 200مىڭغىمۇ يەتمەيتتى، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىشى نەتىجىسىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلكى ئاھالىسى ئىچىدە چەتئەللىكلەر85%،يەرلىك پۇخرا سالاھىيىتى بار ئەرەبلەر15% بولغان بىر خىل ھالەت شەكىللەندى. يەرلىك ئەرەبلەرنىڭ 85%ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىبىدە ، ئاھالىنىڭ 4%نى ئىگەللەيدىغان فۇجايرا ئەمىرلىكىنىڭ كۆپ قىسىم ئاھالىسى خاۋارىجلارنىڭ ئىبادى مەزھىبىدە، دۇبەي ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان 11% ئاھالە شىئە12ئىمام مەزھىبىدە. چەتئەللىكلەرنىڭ ئىچىدە كۆچمەن ئەرەبلەر23%، ھىندى پاكىستانلىقلار 50% نى ئىگەللەيدۇ، سۈننى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار55% ، ھىندىلار 25%، خىرىستانلار10%، ،بۇددىستلار5% ، ھۆكۈمەت تىلى- ئەرەب تىلى، ئىنگىلىز تىلى ئورتاق تىل ھېسابلىنىدۇ. 
     دۆلەت بايرىمى :  ئەنگىلىيەدىن مۇستەقىل بولغان كۈن 1971-يىلى 12-ئاينىڭ2-كۈنى。
      قىسقىچە تارىخى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ قەدىمى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىلادىدىن 2000يىل بۇرۇنلا بۇ يەردە ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان، ئەممە تۇپراق ئۈنۈمسىز بولغانلىقتىن شالاڭ چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە دېڭىزدىن مەرۋايىت قېزىش بۇ يەر خەلىقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسپى بولۇپ قالغان. مىلادى 7-ئەسىرگە كەلگەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەممە زىمىنى ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 8-ئەسىرگە كەلگەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ شەرقى قىسمى خاۋارىجلار مەزھىبىنىڭ قارارگاھىغا قاراشلىق بولۇپ قالغان. يەرلىك قەبىلىلەر بۇ ئادەمسىز نامرات رايوندا ئۆزىنىڭ جەمەت ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. 16-ئەسىرگە كەلگەندە پورتۇگالىيە  بۇ رايوندا بىر نەچچە مۇستەملىكە پونكىتلىرىنى قۇرۇپ باققان بولسىمۇ قەبىلىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ۋە قاقاس چۆللۈك ئۇلارنىڭ رايىنى قايتۇرۇپ ئۆزلىكىدىن چېكىنىپ كەتكەن. 17-ئەسىردە ئىبادىلار مەزھىبىنى ئاساس قىلغان ئومان ياربا سۇلالىسىىغا تەۋە بولغان. 18-ئەسىردە پۈتۈن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى پارسلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ھاكىمىيىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ پارىسلار بۇ يەردىن چېكىنىپ كەتكەن. 1820-يىلى ئەنگىلىيە دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن يەرلىك خەلىپىلەر بىلەن «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» تۈزۈپ بۇ يەرلەرنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ «تېلۇشېر ئوممان»(ئۇرۇش توختاتقان ئوممان دىگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان. نەتىجىدە ئەنگلىيە ھەر قايسى خەلىپىلىكلەرنى تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا قىستاپ تەدرىجى سودا-ئىقتىسادنى تىزگىنلىۋالغان.
     1968-يىلى ئەنگلىيە ئىسلام كېڭىشىگە بەرگەن  ۋەدىسىگە بىنائەن 1971-يىلىدىن بۇرۇن سۇۋەيش قانىلىنىڭ شەرقىدىكى بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ چېكىنىپ كەتكەنلىكتىن 1971-يىلى12-ئاينىڭ2-كۈنى ئەبۇ زەبى، دۇبەي، ئاجمان، شارجا، ئۇممۇ قەيۋان، فۇجايراھ ئەمىرلىكلىرى بىرلىشىپ ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولۇپ قۇرۇلغان. 1972-يىلى 2-ئاينىڭ11-كۈنى خايماھ تۇمشۇقى ئەمىرلىكىمۇ بىرلەشمە خەلىپىككە قاتناشقان. يەتتە خەلىپىلىك بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈپ ئارمىيە، ئامانلىق ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.
      ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق ۋە كۆكتات تېرىشنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك 2.3%، نېفىت ۋە تەبىئى گاز قېزىشنى ئاساس قىلغان سانائەت 61.9%، ساياھەت-سودا كەسپىدىن قىلىنغان مۇلازىمەت 35.8% نى ئىگەللەيدۇ.  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2006-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 164مىليارت دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 33مىڭ397دوللار. نېفىت ۋە تەبىئى گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن 2006-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى8.9% بولدى.
   ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پۇلى دەرھەم. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دەرھەمىنىڭ كۇرسى بىر قەدەر يۇقىرى، قىممىتى ئاساسەن ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ماس قەدەملىك بولۇپ 90-يىللاردىن بۇيان 0.3673ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دەرھەمى=بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.
    ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 70-يىلللاردىن بېرى  نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئېكىسپورتىغا تايىنىپ زور دەرىجىدە تاشقى پىرىۋوت توپلاپ دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈردى. مۇستەقىل بولغاندىكى قانۇنغا ئاساسەن دۆلەت باشلىقى پىرىزدېنت دەپ ئاتىلىپ ئەبۇ زەبى خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى پىرىزدېنت بولىدۇ، دۇبەي خەلىپىسى باش مىنىستىر بولىدۇ، بۇ ئىككى خەلىپىلىكنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، باشقا خەلىپىلىكلەر ھەر قايسى مىنىستىرلىقنى سايلاش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ، ئەمىرلىكلەرنىڭ مۇداپىئە، ساقچى ۋە دىپلوماتىيىسى بىردەك بولىدۇ، ئىقتىساد، ئەدلىيە ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى ئەمىرلىكلەر ئۆزى بىىر تەرەپ قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

    ئەمىرلەر كېڭىشى دۆلەتتىكى ئەڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئىلغار دۆلەت باشقۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىدىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەت. خەلقار سودىنىڭ تەرەققى قىلىشى نەتىجىسىدە ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىتقا تايىنىشى ئاجىزلىغان، سانائەت ۋە جەمىيىتى تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ پەن-تېخنىكا ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى خېلىلا تەرەققى قىلغان.  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2006-يىلىدىكى مۇقىم تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى1مىلىيۇن310مىڭ، كۆچمە تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى 5مىلىيۇن519مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 1مىلىيۇن 800مىڭ300بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 583 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01