بەھرايىن پادىشاھلىقى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بەھرايىن پادىشاھلىقى

بەھرايىن پادىشاھلىقى Kingdom of Bahrain 
پايتەختى ماناما ئاھالىسى 370مىڭ
    زېمىنى: بەھرايىن پېرسىيە قولتۇقىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئىران بىلەن دېڭىز ئارقىلىق چېگرىلىنىدۇ.  ئومۇمىي يەر مەيدانى 665كۋادرات كم.
   نوپۇسى: 708مىڭ573 (2007-يىل). بەھرەينلىك ئەرەبلەر62%، كۆچمەن ئەرەبلەر21%، ئامېرىكا-ياۋروپالىق كۆچمەنلەر 4%،  پارسلار 4%، پاكىستانلىقلار 3%، فىلىپپىنلىقلار 2%، ھىندىلار 2% نى ئىگەللەيدۇ، ئاھالىنىڭ 42%نى ئىگەللەيدىغان خەلىپە جەمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  يەرلىكلەرنىڭ يېرىمى، كۆچمەن ئەرەبلەر ۋە پاكىستانلىقلار سۈننى مەزھەپكە،    يەرلىكلەرنىڭ يېرىمى ۋە پارىسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40% ئاھالە شىئەلەرنىڭ 12ئىمام مەزھىبىگە، ياۋروپا ۋە فىلىپپىنلىق كۆچمەنلەردىن بولغان 9%ئاھالە خىرىستىان دىنىغا، ھىندىلار ھىندى دىنىغا ئىشىنىدۇ.  ئىشىنىدۇ. ھۆكۈمەت تىلى - ئەرەب تىلى، ئىنگىلىز تىلى ئورتاق تىل ھېسابلىنىدۇ.
   دۆلەت بايرىمى :  ئەنگىلىيەدىن مۇستەقىل بولغان كۈن 1971-يىلى 12-ئاينىڭ16-كۈنى
   قىسقىچە تارىخى: بەھرايىن ئارىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ قەدىمى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىلادىدىن 200يىل بۇرۇنلا بۇ يەردە ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزۇن يىللاردا گاھى پېرسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ گاھى بابىلوننىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېرى بولغان بولسىمۇ زىمىن كىچىك، نوپۇس ئاز بولغانلىقتىن چەتئەللىكلەرنىڭ ھىچقايسىسى بەھرايىنغا ئۇنچىلا كۆڭۈل بكلۈپ كەتمىگەن. مىلادى 7-ئەسىرگە كەلگەندە بەھرايىن ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 899-يىلى بەھرايىن قەرماتىلار ۋە ئىسمائىلەرنىڭ بىر قىسمى بولغان قەرماتىلەنىڭ قارارگاھىغا ئايلىنىپ مۇستەقىل بولغان، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئىدىيە ۋە ئۆرپ ئادەتتە پەرقى زورىيىشقا باشلىغان. 930-يىلى بەھرەيندىكى قەرماتىلار مەككىدىكى «ھەجرۇلئەسۋەد» نى بۇلاپ كېلىپ بەھرەيندە 30يىل تۇرغۇزغان، كېيىن ئابباسىلار دەۋرىدە بەھرايىندىكى ئىسمائىلىلار ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ «ھەجرۇلئەسۋەد» مەككىدىكى جايىغا قويۇلۇپ، بەھرايىن بەسىرا ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى قىلىنغان، 1507-يىلىغا كەلگەندە بەھرايىن پورتۇگالىيە ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. 1602-يىلى بەھرايىندىكى پورتۇگالىيىلىكلەر پارىسلار تەرىپىدىن قوغلانغان، 1782-يىلىغا كەلگەندە بەھرايىنلىقلار ئەمىر سۇلايمان جەمەتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوزغۇلۇپ پارىسلارنى قوغلاپ چىقارغان ۋە مۇستەقىللىق جاكارلىغان.1783-يىلى ئەنگلىيە بەھرايىننى تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا قىستاپ تەدرىجى بەھرايىننىڭ سودا-ئىقتىسادىنى تىزگىنلىۋالغان. 1880-يىلىدىن 1892-يىلىغىچە ئەنگىلىيە بەھرايىن بىلەن مەجبۇرى كېلىشىم ئىمزالاپ بەھرايىننىڭ سىياسى ۋە ھەربى ئىشلار ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان. 1933-يىلى بەھرايىننىڭ نېفىت ئېچىش ھوقۇقىنى بىكار قىلغان. 1957-يىلى ئەنگىلىيە بەھرايىننى ئەنگىلىيە ھامىلىقىدىكى مۇستەقىل خەلىپىلىك دەپ يەنە بىر قېتىم جاكارلىغان. 
   1968-يىلى ئەنگلىيە ئىسلام كېڭىشىگە بەرگەن  ۋەدىسىگە بىنائەن 1971-يىلىدىن بۇرۇن سۇۋەيش قانىلىنىڭ شەرقىدىكى بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ شۇ يىلى 8-ئاينىڭ14-كۈنى ئەيسا بىن سۇلايمان تەختكە چىقىپ بەھرايىن سۇلتانلىقى ھەقىقى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1972-يىلى 12-ئاينىڭ16-كۈنى ئەيسا بىننى سۇلايماننىڭ چوڭ ئوغلى ھەمىد بىن ئەيسا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.
     بەھرايىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كۈنسېرى ئازلاۋاتقان نېفىت زاپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن خوشنا بولۇش، دۇنيادىكى 50% نېفىت توشۇلىدىغان مۇھىم كارىدور پارىس قولتۇقىغا جايلاشقانلىقىدەك مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ نېفىت پىششىقلاش سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە بانكىلاردىن باج ئالماسلىق سىياسىتى بىلەن دۇنيادىكى چوڭ بانكىلارنى جەلپ قىلىپ 500دىن ئارتۇق خەلقارا بانكىنىڭ بەھرايىندا شۆبە تەسىس قىلىشىدەك ئەۋزەل مۇھىتنى بەرپا قىلىپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلانغان.
   بەھرايىن ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق ۋە كۆكتات تېرىشنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك 0.5%، نېفىت ۋە تەبىئى گاز قېزىشنى ئاساس قىلغان سانائەت 38.5%، بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىدىن قىلىنغان مۇلازىمەت 61% نى ئىگەللەيدۇ.  بەھرايىننىڭ 2006-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 12مىليارت 180مىلىيۇن دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 25مىڭ600دوللار. نېفىت ۋە تەبىئى گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن 2006-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 6.6% بولدى.
   بەھرايىننىڭ پۇلى دىنار. بەھرايىن رىيالىنىڭ كۇرسى بىر قەدەر يۇقىرى، قىممىتى ئاساسەن ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ماس قەدەملىك بولۇپ 90-يىللاردىن بۇيان 0.376بەھرايىن دىنارى=بىر دوللار بولۇپ بولۇۋاتىدۇ.
   بەھرايىن ئەنئەنە جەھەتتىن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىقتىسادى ياخشى دۆلەت بولۇپ ئەنگىلىيىلىكلەر چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە نېفىت پىششىقلاشقا تايىنىپ زور دەرىجىدە تاشقى پىرىۋوت توپلاپ دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈردى. 1973-يىلىدىكى ئاساسى قانۇندا گەرچە پادىشاھلىقنى ئاساسى قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى پادىشاھلىق قىلىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇئەمما ھازىرغىچە پارلامېنت ئەسلىگە كالتۈرۈلمىدى. دۆلەتتىكى ھەر قايسى مىنىستىرلىقنى ئاساسەن بەھرايىن پادىشاھ جەمەتى ئۈستىگە ئالغان . بەھرايىن ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئىلغار دۆلەت باشقۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىدىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ نېفىتقا تايىنىشى ئاجىزلىغان، سانائەت ۋە جەمىيەت تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ پەن-تېخنىكا ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى خېلىلا تەرەققى قىلغان.  بەھرايىننىڭ 2006-يىلىدىكى مۇقىم تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى194مىڭ، كۆچمە تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى 899مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 157مىڭ300بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 473 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01