ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى(University of Oxford)


ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى
ئوكسفوردنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇتۇش خاتىرىسى 1096-يىلىدىن باشلانغان. 1167-يىلى ئەنگىلىيە- فرانسىيە ئۇرۇشى باشلانغانلىقتىن پادىشاھ ھېنرى II ئەنگىلىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ فرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇشىنى چەكلىگەن، ئوكسفورد شۇنىڭدىن كېيىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان. 1209-يىلى مەكتەپتە بىر قېتىم ئاممىۋىي جېدەل كۆرۈلۈپ مەكتەپ ئامانلىق تارماقلىرى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن، بۇ ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلگەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇشىغا سەۋەپ بولۇپ قالغان. 1214-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى بىر پوپنىڭ پادىشاھ بىلەن كېلىشىشى نەتىجىسىدە مەكتەپ ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن. ئوكسفوردنىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتلىق ئورنى 1571-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن رەسمىي قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ۋە باشقا داڭلىق مەكتەپلەرگە ئوخشىمايدىغىنى ئوكسفورد ئەنگىلىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قارايدىغان، ئىقتىسادتا ئۆزىنى قامداپ يۈكسەك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ زىيادە يۇقىرى بولغان ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالى مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت دىنىغا ئىشىنىشى كېرەك دەيدىغان بەلگىلىمە پەقەت 1871-يىلىغا كەلگەندىلا بىكار قىلىنغان. 1920-يىلىدىن ئىلگىرى ئوكسفورد قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلمايلا قالماي چوقۇم گىرىك تىلى ۋە قەدىمقى لاتىن تىلى ئۆگىنىش تەلەپ قىلاتتى. مەكتەپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان ئوكىسفوردتىكى ھەر قايسى ئىنىستىتۇتلارنىڭ يىللىقى 6000 دوللاردىن 40 مىڭ دوللارغىچە بولغان ئوقۇش پۇلى ئاساسەن دېگۈدەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئايال پادىشاھ ئېلزابېتنىڭ ئېرى فىلىپ باش مەكتەپ مۇدىرى بولغان، تايمىس دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئوكسفورد شەھىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تېمى، دەرۋازىسى ياكى بىرەر ۋىۋىسكىسىمۇ يوق، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنىستۇتلىرى ئوكسفورد شەھىرىنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىگە تارقاق جايلاشقان. 

ئوكسفوردنىڭ شۇنچە ئوقۇرى ئېگىز، مۇتەئەسسىپ بولۇپلا قالماي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدىن 4 ئەنگىلىيە پادىشاھ، 46 نوبېل مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىسى، سابىق باش ۋەزىر ساچېر خانىم ۋە تونى بىلايېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كىلىنتون ۋە پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى زۇلپىقار ئەلى بۇتتۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 ھۆكۈمەت باشلىقى، 3 پاپا، 86 ئېپىسكوپ ۋە مەشھۇر سىياسىئون لوك، بۈگۈنكى زامان فىزىكا ئالىمى خاۋكىڭ قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر شەخسلەر بارلىققا كەلگەنلىكى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىمىيە ئىنىستىتۇتى DNA نى بايقاپ گېن قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغانلىقتىن سىياسى فاكۇلتېتى ۋە بىئو-خىمىيە دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ۋە نوپۇزلۇق كەسپ بولۇپ تۇرماقتا. ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ فىدىراتسىيە شەكلىنى يولغا قويغان 39 ئىنىستىتۇتى، ھەر قايسى دىنى مەزھەلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان 6 شەخسىي دىنى ئىنىستىتۇتى بولۇپ ھەربى ئىنىستىتۇتتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ ئوقۇغۇچىغا بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقتىن بىر ئىنىستىتۇتتا ئوقۇغۇچى سانى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 500 دىن ئاشمايدۇ. ئوكسفوردنىڭ 12000 دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ مەكتەپتە 7مىڭ ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچى بار. مەكتەپتىكى 6 مىليۇن پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ ساقلانغان، پۈتۈنلەي تورلاشقان بودلىيان كۇتۇپخانىسى ئەنگىلىيە بويىچە بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسىدىن قالسىلا كىتاپ سانى ۋە تۈرى ئەڭ كۆپ كۇتۇپخانا بولۇپ ھەر يىلى 5 مىليۇن دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا كىتاپ سېتىۋېلىپ تولۇقلاپ تۇرىدۇ. مەكتەپتىكى ئاشمولان مۇزېيى ئەنگىلىيە بويىچە تۇنجى شۇنداقلا بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ مۇزىي.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 24

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 2476 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-03