كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتى=University of Cambridge

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

      كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتىUniversity of Cambridge

     كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتى(University of Cambridge)  ئۇرۇش-جېدەلدىن قېچىپ ئوكىسفورد ئۇنىۋېرستىنى تاشلاپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن 1209-يىلى قۇرۇلغان. 1231-يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھى ھېنرىIII  مەكتەپكە مونوپول قىلىشى ھوقۇقىنى بەرگەن. كامبىرىج ئۇنىۋېرستى لوندون شەھرىگە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان ئاران يۈزمىڭ نوپۇسى بار كامبېرج بازىرىغا جايلاشقان(بۇ بازارنى كام دەرياسى كېسىپ ئۆتكەنلىكتىن بازار نامى كامبىرىج بولۇپ قالغان، كامبىرىج كام كۆۋرۈكى دىگەن مەنىدە).
   قۇرۇلۇشلىرى ئوتتۇرا ئەسىرنى ئەسلىتىدىغان، ئاران ئۈچ يىل ئوقۇش مۇددىتى بار كامبىرىج ئۇنىۋېرستنى پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدە نىيۇتون، كرومۋېل، باكون، بايرون، دارۋېن، ماكسىۋېل قاتارلىق ئەنگىلىيە ۋە دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر ئەرباپلار بارلىقا كەلگەنلىكى ، ئۇنۋېرسىتنىڭ پراففېسسورلىرى ئىچىدەنوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 28ئادەم، نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن18ئادەم، نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن17ئادەم بولۇپ جەمئى73ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئابرويلۇق، مەشھۇر ئالى مەكتەپ بولۇپ تۇرماقتا. ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ ئۈچ قىزلار ئىنىستوتى(كامبىرىجنىڭ باشقا ئىنىستوتلىرى قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئالمايدۇ)، ئىككى ئاسپىرانت يېتىشتۈرۈش ئاكادىمىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان35ئىنىستوتى 62 پاكولتىتى، يۈزدىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى مەكتىۋى، 16900دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 70%دىن كۆپرەگى باشقا مەكتەپلەردىن كەلگەن7000دىن ئارتۇق ماگىستېر ئوقۇغۇچىسى بار . ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك چەتئەللەردىن كەلگەن. كامبىرىج ئۇنىۋېرىستى ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستلار بىرلەشمىسى رۇسسېل گۇرۇھى(Russell Group of Universities)نىڭ ئەزاسى بولۇپ ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى ئايال پادىشاھ ئېلزابېتنىڭ ئېرى پىلىپ (پىلىپ يەنە بىرلا ۋاقىتتا ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مۇدىرى).
      1536 -يىلى دىنى ئىسلاھاتچى پادىشاھ ھېنرىVIII بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەكتەپتىكى كاتولىك دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان پراففېسسورلارنى مەكتەپتىن بوشىتىۋېتىپ كامىرىج نەشرىياتىنى قۇرغاندىن بۇيانقى 400يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتىىن بۇيان  كامبىرىج ئۇنۋېرستى دۇنيادىكى ئىلىم پەننىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ يېڭى نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەكتەپ بولۇپ كەلدى. كامبىرىجدىكى تۇنجى ئىنىستوت پىتىر ئىنىستوتى 1284-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ باشقا ئىنىستوتلار 14-ئەسىردىن كېيىن قۇرۇلغان. ھەر قايسى ئىنىستوتلار ئىقتىسادى جەھەتتە مۇستەقىل بولۇپ كامبىرىج پەقەت ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئوقۇش نۇقتىسىنى پىلانلاش، ئوقۇتقۇچى تەمىنلەش ئىشلىرىغىلا مەسئۇل. كامبىرىجنىڭ ھەر قايسى ئىنىستوتلىرى ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەنئەنىسى ۋە ئايرىم مەكتەپ تۈزۈمىگە ئىگە بولسىمۇ لېكىن خۇددى بىر فىدىراتىف جۇمھۇرىيەتكە ئوخشاش كومىتېت تۇرغۇزۇپ مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرنى سايلايدۇ. ھەر يىلى 10-ئاينىڭ15-كۈنىدىن بۇرۇن يەككە تۈر نەتىجىسى6دىن تۆۋەن بولمىغان ھالدا IELTS نەتىجىسى7.0دىن ، TOEFLنەتىجىسى 600دىن يۇقىرى بولغان، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن تەتقىقات نىشانى ھازىرلىغان ئۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ.
        ئەنگىلىيە ئالى مەكتەپلىرىدە يىللىق تەسىس قىلىنمىغان بولۇپ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرسلەرنى ئۆگىنىپ بولسىلا ئۈنۋان ئالغىلى بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 378 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01