خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشئومان سۇلتانلىقى
قىزىل رەڭ -ئەرەپلەرنىڭ ئەنئەنىۋى رېڭىدۇر، ئەمما ئومانلىقلار قۇتلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ رەڭگە ئالاھىدە ئامراق.ئوماندىكى ئاساسلىق ئاھالىلەر كارىيەت مۇسۇلمانلىرى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان قىزىل بايراقنى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى سىمۋولى قىلىپ كەلگەن.ئومان دۆلەت بايرىغىدىكى قىزىل «T» شەكلى دۆلەت گېربى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئومان دۆلىتىنىڭ سىمۋولىدۇر.دۆلەت بايرىغىدىكى ئاق رەڭ ئوماننىڭ قەدىمكى مەدىنيەت ئەنئەنىسىگە ۋەكىللىك قىلىنغان، يېشىل رەڭ تۆت پەسىل ياشىرىپ تۇرىدىغان دۆلەت زىمىنىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربى چاقماق شەكلىدەقويۇلغان غىلاپلىق ۋە گۈللۈك كۈمۈش رەڭ ئەرەپ قىلىچىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئوتتۇرسىغا كۈمۈش رەڭلىك غىلاپلىق ئومان پىچىغى تىك قويۇلغان، قىلىچ بىلەن پىچاقنىڭ ئارىلىقىغا زۇلپىقار ئاسقۇسى تاقىغان.بۇ سۈرەت ئوماننىڭ ئۇزۇن تارىخى ۋە قەدىمقى مەدىنيەت ئەنئەنىسىنىڭ تەسۋىرى بولۇپ، ئومان خەلقىنىڭ زوراۋانلىقتىن قورقماي، قورال ئېلىپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قەدىر-قىممىتىنى قوغداشتەك مىللىي روھىغا سىمۋول قىلىنغان.
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 0:07:03]ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>