سىنسىنناتى ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Cincinnati)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  سىنسىنناتى ئۇنىۋېرسىتېتى

 سىنسىنناتى ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Cincinnati)  ئامېرىكىنىڭ ئوھىئو شىتاتى سىنسىنناتى شەھرىدە 1819-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ئامېرىكىدىكى 2-قەدىمىي ئالىي مەكتەپ.
   2007-يىلى ئامېرىكا بويىچە ئالى مەكتەپلەرنىڭ كەسپى رەتكە تۇرغۇزۇلغاندا مەكتەپنىڭ قەدىمى بىئولوگىيە كەسپى(Paleontology) ئامېرىكا بويىچە 7-ئورۇندا، مۇھىت-سەھىيە سانائەت كەسپى(Environmental Health Engineering) ئامېرىكا بويىچە28-ئورۇندا، دورىگەرلىك كەسپى (Pharmacy)بولسا 32-ئورۇندا تۇرغان.  پرىنسېتون ئوبزورى (Prinséton Review) سىنسىنناتى ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ ياخشى بولغان دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپ دەپ باھالىدى. ئاممىۋىيلاشقان، تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەر نۇقتىسىدىن سىنسىنناتى ئۇنىۋېرسىتېتى 25-ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ لايىھىلەش، قايتا تەربىيە، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا ناخشا ئېيتىش، قەدىمىي جانلىقلار، سېسترالىق كەسپلىرى ئامېرىكا بويىچە ئالدىنقى 10 ئىچىدە تۇرىدۇ. دىرىجورلۇق، قۇرۇلۇش، دورىگەرلىك، بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى، يېزىقچىلىق جەھەتلەردە ئالدىنقى 50 ئىچىگە كىرگەن. سىنسىنناتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەسپ لايىھە مەركىزى ئامېرىكا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، كۇتۇپخانىسى ئامېرىكا بويىچە ئالدىنقى 50 ئىچىدە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، UC مائاشلىق پراكتىكا دەرسى (Co-op، 1906-يىلى)نىڭ بارلىققا كەلگەن جايى، مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 98 پىرسەنتكە يېتىدۇ. بۇ مەكتەپتە ھازىر دۇنيا بويىچە 100 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 2126 نەپىرى ئوقۇماقتا. 2005-2006 ئوقۇش يىلىدا سىنسىنناتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 35 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ ئۇنىۋېرسىتنى پۈتتۈرگەن 200مىڭدىن كۆپ ساۋاقداش بار، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپلەردىندۇر.
   سىنسىنناتى ئۇنىۋېرسىتېتىدا 5000دىن ئارتۇق ئىلمىي ئۇنۋان بېرىلىدىغان كەسىپلەر، 210 ئاسپىرانت تەربىيىلەش كەسپى بار. مەكتەپتە 16 ئىنستىتۇت تەسىس قىلىنغان، بۇ تارىخى ئۇزۇن، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان سودا ئىنستىتۇتى، قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تەدبىقىي پەنلەر ئىنستىتۇتى، ئۇنىۋېرسال كۈچى كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائىي پەن-تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مائارىپ ئىنستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەكتەپ ئوھىئو شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى سىنسىنناتى شەھىرىگە جايلاشقان، يەر كۆلىمى 171.505 گېكتار، مەكتەپ 5 رايوندىن تەشكىل تاپقان، مەكتەپنىڭ مەركىزىي رايونى سىنسىنناتى شەھەر مەركىزىگە 5 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ، قاتنىشى قولايلىق، مۇھىتى گۈزەل. مەكتەپنىڭ كۆركەم ئىمارەتلىرى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، ھارۋارد، ستانفورد، يېيل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. مۇكەممەل بولغان تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەتراپلىق مۇلازىمەت مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ستىراتېگىيىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
   سىنسىنناتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخى ۋە تەرەققىياتى بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ، مەكتەپ ئۆزىنىڭ 21-ئەسردىكى تەرەققىيات ستىراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەكتەپنىڭ تەتقىقات تىپىدىكى شەھەر ئالىي مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 445 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01