ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

خارەزىم خانلىقى(1157-1231)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     خارەزىم خانلىقى(1157-1231)

    سەلجۇقىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ خارەزىمدىكى باش ۋالىسى ئەنۇشتېكىن(1097-1077-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ يېقىن ئادەملىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ بىر گۇرۇھ شەكىللەندۈرگەن ۋە ئوغلى قۇتبىدىن مۇھەممەد(1099-يىلىدىن 1127-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن) نى ئۆزىگە ۋارىس قىلغان ئىدى. كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خارەزىم ۋالىسى سالجۇقىلار سۇلتانىنى بىئارام قىلغاچقا ئەنۇشتېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋالىلىقى ئوغلىغا ئەمەس بەلكى باشقىلارغا بېرىۋېتىلدى، بۇنىڭدىن نارازى بولغان قۇتبىدىن مۇھەممەد ۋە ئەنۇشتېكىننىڭ يېقىنلىرى نارازىلىق قىلىپ مەجبۇرى تەخت ئىگەللىۋالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ خارەزىم خانلىقى نامدا سالجۇقىلار ئىمپىرىيىسىگە بېقىنسىسمۇ ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل خانلىق بولۇپ قالدى
   . ئىل ئارسلانخان تەختتىكى مەزگىلدە (1156-يىلىدىن 1172-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) سالجۇقىلارنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق جاكارلىدى ۋە ئۆرگەنچنى پايتەخت قىلىپ ئەتراپقا كېڭەيمىچىلىك قىلدى. ئىل ئارسلانخاننىڭ ئوغلى ئەلائىددىن تەكىش (1172-يىلىدىن1200-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ دەۋرىدە بولسا پۈتكۈل خۇراسان ۋە ئىران قولغا ئېلىنىپ خانلىق زىمىنى كېڭەيدى، شىمالدا قارا قىتانلار بىلەن ئۇرۇشقان بولسا غەرپتە ئابباسىلار خەلىپىسى ناسىر(1180-يىلىدىن 1225-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەلىۋىگە بىنائەن سەلجۇقىلارنىڭ باغدادتىكى سۇلتانى توغرۇلبەگنى مەغلۇپ قىلىپ باغدادنى قولغا ئالدى.
    مۇھەممەدخاننىڭ(1200-يىلىدىن 1220-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىگە كەلگەندە بولسا شىمالدا قارا قىتانلار يوقىتىلىپ ماۋىرائۇننەھرى، ئافغانىستاننىڭ كۆپ قىسمى ۋە تەبرىز ئەتراپى ئىشغال قىلىنىپ تەڭرىتېغىدىن دەجلە-فىرات دەرياسىغا قەدەر بولغان زىمىن خارەزىم خانلىقىنىڭ قولىغا ئۆتتى. بىراق شۇ مەزگىللەردە چىڭگىزخان قوشۇنلىرى بېسىپ كەلگەنلىكتىن ئەسكىرى كۈچنى توغرا تەقسىم قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن خارەزىم شاھ مۇھەممەد ئۇدا بەس قېتىملىق ئۇرۇشتا يېڭىلىپ تەختنى ئوغلى جالالىدىنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۆزى قېچىپ كەتتى ۋە ئارال دېڭىزىدىكى كىشى بارمايدىغان بىر كىچىك ئارالدا ۋاپات بولدى.
    جالالىدىن شاھ قورقۇمسىز، باتۇر ۋە تەدبىرلىك كىشى بولسىمۇ ئەمما خانلىقنىڭ قوشۇنلىرى ئاللىبۇرۇنلا تېرە-پېرەن بولۇپ چېچىلىپ كەتكەنلىكتىن ھىچقانچە ئىش تەۋرىتەلمەي چىڭگىزخان قوشۇنلىرىغا پارتىزانلىق ئۇرۇشى شەكلىدە زەربە بېرىپ تۇردى، 1231-يىلىغا كەلگەندە خارەزىم خانلىقىنىڭ پۈتكۈل زىمىنى چىڭگىزخان قولىغا ئۆتتى. جالالىلىدىن شاھ ئۆزى ئاتلىق يالغۇز ھىندى دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ كېتىپ چىڭگىزخان قوشۇنلىرىدىن قۇتۇلدى. خارەزىم خانلىقى يوقالدى.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 0:50:17]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 730 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01