تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتى Republic of Turkmenistan 
  پايتەختى ئاشخاباد تۈركمەنىستان بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، ئاھالىسى 700 مىڭ (2006-يىلدىكى مەلۇمات).
        زىمىنى: تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى بولۇپ، شىمالى ئارال دېڭىزىغا ، غەربى كاسپى دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 488مىڭ 100كۋادرات كم. غەرب بىلەن شەرقنى، شىمال بىلەن جەنۇبنى تۇتاشتۇرىدىغان غەربى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى.
      نوپۇسى: 5 مىليون 97 مىڭ 28(2007-يىل). 129 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە  تۈركمەنلەر85%، ئوزبەكلەر 5%،  رۇسلار 4%، قازاقلار 2%. تاقىك ۋە كۇردلار3%. ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. ھۆكۈمەت تىلى - تۈركمەن تىلى، رۇس تىلى مىللەتلەر ئارا ئورتاق تىل ھېسابلىنىدۇ.
   قىسقىچە تارىخى: تۈركمەنىستان تۈركلەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى بولغان ئوغۇزلارنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى5-ئەسىردە ئىران دارا ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولغان، مىلادىدىن ئاۋالقى3-ئەسىردە ئىسكەندە زۇلقەرنەيىننىڭ ماكىدونىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ سوغدىيانا ئۆلكىسى بولۇپ تەسىس قىلىنغان. ماكىدونىيە ئىمپىرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن بىر مەزگىل يەرلىك بەلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. مىلادى6-ئەسىردە كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 8-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام ئىمپىرىيىسى بۇ جايلارنى ئىشغال قىلىپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان. 9-ئەسىردە پارىسلارنىڭ سامانى خانلىقى پۈتۈن تۈركمەنىستان زىمىنىنى ئىشغال قىلغان. 10-ئەسىردە قارا خانىلار سۇلالىسى سامانىلارنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن بۇ يەردە غەزنەۋىلەر باش كۆتۈرگەن ئۇندىن كېيىن سالجۇقىلار ئىمپىرىيىسى بۇ يەردىن باش كۆتۈرۈپ چىققان. خارەزىمشاھلار سالجۇقىلار ئىمپىرىيىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن تۈركمەنلەرنىڭ دەسلەپكى مىللى ئەدەبىياتى شەكىللىنىشكە باشلىغان.  13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل ئىمپىرىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلغان. تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بىللە  تۈركلەشكەن مۇڭغۇل - تېمۇرىلەر سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 15-ئەسىرگە كەلگەندە شىمالدىن كەلگەن چارۋىچى قەۋم ئۆزبېكلەر شايبانىخاننىڭ باشچىلىقىدا ئىككى ماۋۇرائۇننەھرىنى ئىشغال قىلىپ ئۆزبېك خانلىقىنى قۇرغان، تۈركمەنىستان شۇنىڭدىن كېيىن تاكى  18-ئەسىرنىڭ 60~70 يىللىرىدىكى رۇس ئىشغالىغا قەدەر پارىسلار ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ تەسىر كۈچ تالىشىدىغان رايونى بولۇپ كەلگەن. 18-ئەسىردە تۈركمەنلەر قۇدرەتلىك قاجار خانلىقىنى قۇرۇپ پۈتكۈل ئىراننى بويسۇندۇرغان ۋە غەرپتە تۈرك ئىمپىرىيسى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل پۇت تېپىشكەن. 1880-يىلىدىن كېيىن قاجار ئىمپىرىيىسىنىڭ ھازىرقى تۈركمەنىستانغا تەۋە جايلىرىنى روسىيە ئىمپىرىيىسى ئىشغال قىلىشقا باشلىغان. 1917-يىل نويابىردا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن ھازىرقى تۈركمەنىستان 1921-يىلى 8-ئايدا تەسىس قىلىنغان تۈركىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك رىسپوبلىكىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1924-يىلى 10-ئاينىڭ27-كۈنى تۈركمەنىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغا ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن. 1990-يىلى تۈركمەنىستان دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىنى ئېلان قىلغان.  1991-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى  مۇستەقىللىق جاكارلاپ، دۆلەت نامى تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئوزگەرتىلگەن.
   تۈركمەنىستان سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى 15جۇمھۇرىيەت ئىچىدە  ئىقلىمى بىر قەدەر ئىللىق رايون بولۇپ يازلىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 27سېلسىيە، قىشلىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى5سېلسىيە ئەتراپىدا بولغاچقا يېزا ئىگىلىكىدە مىۋە-چىۋە، سانائەتتە يىپەك ئىشلەش ۋە نېفىت تەبىئى گاز قېزىش نۇقتىلىق تەرەققى قىلغان رايون بولۇپ  مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان سانائەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقتىن، گەرچە مۇستەبىت سىياسى تۈزۈلمە سەۋەبىدىن چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلالمىغان بولسىمۇ نېفىت ۋە تەبىئى گاز باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشى شۇنداقلا ئىزچىل ئىران، روسىيەلەر بىلەن بىۋاستە نېفىت-تەبىئى گاز ئىكىسپورتى ئېلىپ بېرىپ كېلىۋاتقانلىقتىن ئىقتىسات ئۆزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، دۆلەتنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۇۋەيت» بولۇش پىلانىغا لايىق ھالدا ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى بىر خىل ، سانائىتى قالاق بولغان، ئۇمۇمەن نېفىت، تەبىئى گاز ئىكىسپورتىنى ئاساس، پىلە بېقىش، مىۋە ئۆستۈرۈش، پاختا تېرىشنى قوشۇمچە قىلغان، باي ئەمما سانائىتى يوق  دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى.
   تۈركمەنىستاندا دېھقانلار 48%، سانائەت ئاھالىسى 13%، مۇلازىمەت كەسپىدىكىلەر 37%نى ئىگەللىسىمۇ ئەمما ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك 24%، سانائەت 33%، مۇلازىمەت 42% نى ئىگەللەيدۇ.  تۈركمەنىستاننىڭ 2006-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 15مىليارت 180مىلىيۇن دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 8500دوللار. نېفىت ۋە تەبىئى گاز باساسىنىڭ ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن 2006-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 6% بولدى.
   تۈركمەنىستاننىڭ پۇلى مانات. تۈركمەن ماناتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن سابىق پىرىزدېنت سەپەر مۇراد نىيازوۋنىڭ كونترۇللىقىدا ئىنتايىن تۇراقسىز ۋە پاخال خەلقئارادا قىممىتى يوق پۇل ئىدى، 2007-يىلىدىن بۇيان 11000مانات=بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.
   تۈركمەنىستان گەرچە ئىقتىسادى گۈللەنگەن بولسىمۇ ئەمما پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى بەكلا كېيىن قالغان ئىدى. يېڭى پىرېزدېنت قۇربانگۈلى مۇھەممەدنىڭ ۋەدىسى بويىچە ھازىر ئالاقە ۋە ئىنتېرنېت قۇرۇلۇشى تېز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. تۈركمەنىستاننىڭ 2006-يىلىدىكى مۇقىم تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى495مىڭ، كۆچمە تېلىپون ئىشلەتكۈچىسى 105مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 64مىڭ800بولغان.

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 20:19:15]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1050 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01