خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Harvard University)

      خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Harvard University)

    ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Harvard University) ئامېرىكىدا ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان شەخسى ئالى مەكتەپ بولۇپ، يەنە بىر داڭلىق ئالى مەكتەپ ماسساچۇسېتس سانائەت ئىنىستوتى بىلەن بىللە ماسساچۇسىتىس شىتاتىدىكى بوستون شەھرىنىڭ كامبېرج بازىرىغا جايلاشقان. 

    ھارۋارد ئۇنىۋېرستى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدە 6ئامېرىكا پىرىزدېنتى بارلىقا كەلگەنلىكى ، ئۇنۋېرسىتنىڭ پروففېسسورلىرى ئىچىدە 34ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئالى مەكتەپ بولۇپ تۇرماقتا. ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ 10ئىنىستوتى، 47 پاكولتىتى، يۈزدىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى مەكتىۋى، 18000دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ماگىستېر ئوقۇغۇچىسى، 13000دىن ئارتۇق غەيرى مۇنتىزىم باكلاۋېر ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ مەكتەپتە 2000دوكتۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14000ئىشچى-خىزمەتچى بار.
    خارۋارد 1620-يىلى پىلىموستىن كەلگەن ئەنگىلىيە كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن 1636-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆپى ئەنگىلىيەدىكى  كامبىرىج ئۇنۋېرستىنى پۈتتۈرگەنلەر بولغاچقا ۋە مەكتەپنى ئەنگىلىيەدىكى  كامبىرىج ئۇنۋېرستى بىلەن باراۋەر مەكتەپ قىلىپ چىقىشنى ئويلىغاچقا ئەينى چاغدىكى نامى كامبېرج ئىنستىتۇتى ئىدى. لوندوندا تۇغۇلغان ياش جوھن ھارۋارد 1637-يىلى ئەنگلىيىنىڭ  كامبېرج ئۇنىۋېرسىتىنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ يېڭى قۇرۇلغان بۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلغان. ئۇ تېخى ئەمدىلا 29 ياشقا كىرگەن ھەمدە ئۆپكە كېسىلى بار بولسىمۇ، خىزمەتتە بەكمۇ تىرىشچانلىقى بىلەن ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

       1638-يىلى 9-ئايدا ھارۋاردنىڭ ئۆپكە كېسىلى قوزغىلىپ كۆپ ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن. گەرچە ئەينى چاغدىكى مەكتەپنىڭ بىر نەپەرلا رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى، ياغاچتىن ياسالغان ئۆيى بىلەن نەچچە ئون ئوقۇغۇچىسى بار بولسىمۇ، ئەمما ھارۋارد مەكتەپنىڭ زورىيىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ تەخمىنەن 400 پارچە كىتابى (ھەممە كىتابى) بىلەن مۈلكىنىڭ يېرىمى بولغان تەخمىنەن 780 فۇندستېرلىڭ پۇلنى مەكتەپكە ئىئانە قىلىدىغانلىقى توغرىلىق ۋەسىيەت قالدۇرغان. بۇ ئىئانە ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا تولىمۇ ئاز مەبلەغ ئىدى. ئەمما ھارۋاردنىڭ بۇ ئىئانىسى ياكى بۇ ياخشى كۆڭلى ئەينى چاغدىكى مەكتەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. چۈنكى مەكتەپ ئەمدىلا قۇرۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بىر يىلدا ئاران 400 فۇندستېرلىڭ پۇل بېرەتتى.خارۋاردنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. چۈنكى بۇ ھەرىكەت ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىدا ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىدى. نۇرغۇن كىشى كۆچمەن بولۇپ ئەمدىلا بۇ يېڭى قۇرۇقلۇققا كەلگەن بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش بىلەن بولۇۋاتقاچقا، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىغا بىرەر ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىغىدەك بولمىغان ئىدى.ئەينى چاغدىكى شىتاتلىق ھۆكۈمەت بىلەن مەكتەپ ھارۋاردنىڭ بۇ ھەركىتىنى بىر خىل كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن. ۋە مەكتەپ نامىنى تۇنجى ئىئانە بەرگۈچى ھارۋاردنىڭ نامىغا ئۆزگەرتكەن! ياش ھارۋاردنىڭ كىچىككىنە ياخشى ئىشى ئۆزىنى تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ كېيىنكى ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ھارۋاردنىڭ باشلاپ بېرىشى بىلەن مائارىپقا پۇل ئىئانە قىلىش بېيىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىر خىل قىممەت قارىشىغا ئايلانغان .

ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تور بېتى : www.harvard.edu

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 628 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01