خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشسالجۇق ئىمپىرىيىسى(1157-1038) نىڭ ھۆكۈمرانلىرى:
تۇغرۇلبەگ 1037-1063
ئالپ ئارسلان چاغرىبەگ 1063-1072
جالالۇد-دەۋلەھ مالىك شاھ 1072-1092
نەسرىددىن مەھمۇد 1092-1093
رۇكنىددىن بەرقىيارۇق 1093-1104
مۇئىززىددىن مالىك شاھ 1105
غىياسىددىن مۇھەممەد/مەھمەد تاپار 1105-1118
مۇئىزىددىن سەنجەر 1118- 1153
مۇھەممەد سۇلتان دەۋرىدە مەھمەد تاپار غەربى پېرسىيەدە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى سۇلتان بولۇشتەك ھالەتنى پەيدا قىلىپ قويدى، ئەسلىدىكى خۇراسان ۋالىسى شاھزادە مۇئىزىددىن سەنجەر خانلىقنى قايتا بىرلىككە كەلتۈرۈپ نىشاپۇرنى پايتەخت قىلىپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنۇتۇپ 1118-يىلىدىن 1153-يىلى خارەزىم شاھلارغا جەڭدە ئەسىرگە چۈشكۈچە دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۆپ تۆھپىلەرنى قوشتى. 1157 -يىلى 5-ئاينىڭ8-كۈنى سۇلتان سەنجەر ۋاپات بولدى. سەلجۇق ئىمپىرىيىسىنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى خارەزىم خانلىقىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەندىن باشقا زىمىنى ھەمەدان سەلجۇقلىرى(1118-1194) ، كېرمانشاھ سەلجۇقلىرى( 1118-1194)، سۇرىيە سەلجۇقلىرى(1076-1117)، ئاناتولۇ سالجۇقلىرى(1077-1307) قاتارلىق ئۇششاق پادىشاھلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1
>